كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
-سىرتتا ئارلىشىۋاتقىنى باركەن باركەن، شۇڭا شۇنداق قىپتۇ.. شۇنداق باي ئېرى تۇرۇپ رازى بولماي..
- مۇشۇ ئايالنىڭما؟ سىرتتا باشقىلار بىلەن ئارلىشىپتۇما؟
- ئەتىگەن تورغا چىقىپتۇ.. مانا.. ئېنىق تۇرمامدۇ..
ئۆرۈلۈپ ئۇلار تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. يېقىن كېلىشىم بىلەن ئۇلار ماڭا قاراپ توختاپ قېلىشتى.
- بايا نېمە خەۋەر چىقىپتۇ دېدىڭىز؟
- ھېچ.. ھېچنېمە.. بىز باشقىلارنىڭ گېپىنى قىلىشىۋاتقان..
- تېلىفونىڭىزنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟
- بولمايدۇ. قىزىقكەنسىزغۇ، بۇ مېنىڭ تېلىفونۇم تۇرسا..
ئىككى ئايال جىددىي ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئۆزۈمنىڭ كۇنۇبكىلىق يانفونىغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم. توردىكى نۇرغۇن خەۋەرلەردىن بىخەۋەر قالغاندەك قىلاتتىم.
بىردەمدىن كېيىن قېيىن ئاپام بىلەن مۇخپىر چىقىپ يولدىشىم بىلەن ئوغلۇمنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.
ئاستا چىقىپ مېھمانخانىنىڭ مۇلازىمەت ئورنىغا كەلدىم. ئۇلار ماڭا غەلىتە قاراپ قويغاندىن كېيىن ئىشىنى قىلىۋەردى.
- سىڭلىم. مېنىڭ يانفونۇم بۇزۇلۇپ قالغان، سىزنىڭ يانفونىڭىزنى ئىشلىتىپ تۇرسام بولامدۇ؟
- بۇ؟! بۇ ..
- مەن مېھمانخاناڭلارنىڭ مېھمىنىغۇ، يانفونۇم بۇزۇلۇپ قالدى. يولدىشىمغا ئۇچۇر قىلىۋالساملا بولدى..
- بولىدۇ. ماۋۇ مۇقىم تېلىفوندا ئۇرۇڭ..
- مەن پەقەت ئۇچۇر قىلىمەن. سەل تۇرۇپ ئۇدۇل ياتاقتىن مېنى ئىزدەڭ دېسەملا بولىدۇ..
- ماقۇل. مانا ئېلىڭ..
قىزنىڭ يانفونىنى ئېچىپ سىن قانالنى ئاچتىم. ئۈستىدىكى ئۆزۈمنىڭ لېفىت ئالدىغا باشقىلار بىلەن قۇچاغلىشىپ تۇرغان، ماشىنىدا ئالدىدا تۇرۇپ بىرسى بىلەن پاراڭلاشقان، مېھمانخانىغا شوپۇر بىلەن بىرگە كىرگەن. بالىنى ئىتتىرگەن، يولدىشىمنى رەت قىلغان سۈرەت ۋە سىنلىرىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.
- ۋوي، قىزىقكەنسىز، ئۇچۇر قىلىمەن دەۋاتقانتىڭىزغۇ، نېمە مېنىڭ يانفونۇمدا سىن كۆرۈپ كەتتىڭىز..
- كەچۈرۈڭ، بېسىلىپ كەتتى.. يولدىشىمغا ئۇچۇر قىلىۋېتىپ يۇيىۋەتتىم، كۆپ رەھمەت..
يانفوننى قىزغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ياتىقىغا كىرىپ كەتتىم. گەرچە پەستىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن بولساممۇ باشقىلارنىڭ مېنى نېمە دەپ ھاقارەت قىلغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلەيتتىم. يولدىشىمنىڭ نېمىشقا بۇنداق يول تۇتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. ئۇنىڭ شۇ كۈندىكى پۇشايمان قىلدىم دېيىشلىرى، يارىشىپ بۇرۇنقى ئەسلىمىزگە قايتايلى دېيىشلىرىنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم.
يانفونۇمنى ئېلىپ يولدىشىمغا ئۇچۇر قىلىپ قويدۇم.
«مېنىڭ ياتاق ئۆيۈمگە كىرسىڭىز سورايدىغان ئىش بارئىدى»
بىردەمدىن كېيىن زالدىن ۋاراڭ- چۇرۇڭ ئاڭلىنىپ ئىشىك چېكىلدى.
ياشلىرىمنى سۈرتىۋېتىپ ئىشىكنى ئاچتىم.
- نېمە گېپىڭ بار ئىدى؟ مەن سىرتقا چىقمىسام بولمايدۇ..
- كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئالمايمەن. بىر ئىشنى سوراي دېگەن..
يولدىشىم مەنسىتمىگەندەك ياتاق ئىچىگە كىردى.
- نېمىشقا؟ بۇنداق قىلىشتىن مەقسىتىڭىز نېمە؟
- ئالدى كەينى بار گەپ قىل، قانداق قىلىشنى دەيسەن؟
- نېمىشقا مېنى يوشۇرۇن سۈرەتكە تارتىپ تورغا چىقىرىسىز؟ نېمىشقا ئۆزىڭىز بۇ ساياھەتكە ئېپ كېلىپ مېنى قارىلايسىز؟ ئۆزىڭىزنى ئاقلاشنىڭ يولى كۆپ ئىدىغۇ؟ نېمىشقا مېنى قارا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى ئاقلايسىز؟
- كۆرۈپسەندە.. ھاھا.. قانداق؟! سېنىڭ مېنى باشتا قارا قىلىشىڭغا رۇخسەت قىلسام بولامتى؟
- مەن سىزنى قارا قىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم..
- شۇنداقمۇ؟! ھاھا،- يولدىشىم يانفونىدىكى سۈرەتنى ماڭا كۆرسەتتى، سۈرەتتىكىسى تېلىۋېزورنىڭ ئاستىغا قويغان تېلىكامىرا بولۇپ، ئېنىق قىلىپ تارتىلغانىدى،- مېنى قارا قىلىشنى ئويلىغاندا ئۆزۈڭنىڭ قانداق كۈنگە قالىدىغانلىقىڭنى ئويلىغانمىدىڭ؟
- بۇ.. بۇنى مەن قويمىغان.. .
- سەن قويمىساڭ نېمانچە جىددىيلىشىپ كېتىسەن؟ بۇ ئائىلىدە سەن قويمىساڭ ئوغلىمىز قويامدۇ؟
- ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە راستىمنى دەي، سىز مېنى بەك خورلاپ چىداشلىق بېرەلمىگەچكە مۇشۇ يول بىلەن ئاجرىشىشنى ئويلىغىنىم راست، لېكىن ئىسپاتنى بېرىدىغان ئاخىرقى تاللاشقا كەلگەندە ئۇنداق قىلمىدىم. چۈنكى سىز بىلەن ئوغلۇمنى ياخشى كۆرەتتىم..
- ھاھا.. شۇنداقمۇ؟! مەن بىلەن ئوغلۇمنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن، ئۆز ئېرىنى باپلاش ئۈچۈن ئىسپات توپلامدۇ؟!
- مېنى بەك خورلاپ جېنىمنى ئاز قويدىڭىز، بۇنداق قىلماي ئامالىم بولمىدى.. لېكىن مەن ئۇنى ساقچىغا تاپشۇرۇپ بەرمىدىم..
- شۇ كۈنى مېنى رەت قىلىپ قەستەن تېلىۋېزور ئالدىغا ئېلىپ كەلدىڭ؟! ھاھا.. تاياق يەپ فىلىمگە چىقىش شۇنچە ئالاھىدە ئىشمۇ؟
- ئۇ ئىشتا مەن خاتا قىلدىم، لېكىن سىزنىڭ مېنى بۇنچە چوڭ دەرىجىدە قارىلايدىغانلىقىڭىزنى بىلمەپتىمەن..
- ئامال يوق. دۈشمەندىن بۇرۇن ھەركەتكە ئۆتمىسەم دۈشمەنگە يەم بولىدىغان گەپ..
- بۇنداق قىلىپ نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟
- توردا ئۆزۈمنى قانچە ئاقلىساممۇ يەنىلا ناچار ئىنكاستىن قۇتۇلالمىدىم، پەقەت سېنىڭ پۈتۈنلەي يالغانچى ئىكەنلىكىڭنى ئىسپاتلاپ،ئۆزۈمنىڭ ياخشى ئەر، ياخشى دادا ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلىغاندىلا ئاندىن كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيمەن.. ھاھا..
- بۇنداق قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. مەن قانچىلىك ئادەم ئىدىم، مېنى قارا قىلسىڭىز قانچىلىك ئادەم دېقەت قىلىدۇ دەيسىز..
- سەن بىر چۈپرەندە بولغان بىلەن، مېنىڭ ئىشىمغا زور تەسىر كۆرسەتتىڭ، ئەمدى بولدى، سەن قارىغا چىقتىڭ، مەن خەلىق ئالدىدا تامامەن ئاقلاندىم.. ھاھا..
ئۇنىڭ كۈلكىسى يۈرىكىمگە نەشتەر بولۇپ تېگىۋاتاتتى.
- دەڭە، ئاخىرقى مەقسىدىڭىز نېمە؟
- ئاجرىشىمىز، بالا مېنىڭ يېنىمدا قالىدۇ.. سەن پاك پاكىز چىقىپ كېتىسەن..
- مېنىڭ بۇ دۇنيالىقتا شۇ بىر بالام بار ئىدى..
- سوتتىن بايىقى سىننى كۆرسە بالىنى ساڭا بۆلمەيدۇ. سەن كۈچىسەڭمۇ بىكار.. ھاھا..
- مەن ئاجرىشايلى دېسەم ئۇنىماي، مېنى ئىشەندۈرۈپ ئاجرىشايلى دېگىنىڭىز نېمىسى؟
- مەن قارا بولغاندا ئاجراشسام ھەممە ئادەم خاتالىقنى مەندە قوياتتى، شۇڭا سەندىن ئاجراشمىغان، ھازىر مەن ئاق بولۇپ، ھەممەيلەن خاتالىقنى سەندىكەن دەپ مېنى توغرا چۈشىنىش ھەم ماختاشقا باشلىدى.. ھاھا.. ئەمدى سېنىڭ كېرىكىڭ قالمىدى..
- ماڭا دەپ قويغان بولسىڭىز، سىزنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۆز رازىلىقىم بىلەن قارا بولاتتىم.. مەن تور ئەھلىگە مېنىڭ ناچارلىقىم تۈپەيلىدىن بۇ ئىشلار يۈز بەردى دېسەم بولاتتى..
- تورداشلار ئەقىللىق بوپ كېتىپتۇ، ئۇلار ھازىر كىشىنىڭ ئاغزىدىكى گەپتىن ئىسپاتقا بەكرەك ئىشىنىدىكەن..
¬ - ماڭا نېمە قىلسىڭىز مەن كۆتۈرەتتىم، بۇ ئىش ئۈچۈن بالىنى بالاغا تىقىپ نېمە قىلاتتىڭىز..
- بۇنى مەندىن كۆرمە، مەن پەقەت بالىنىڭ سېنى سىلكىگىنىنىلا تارتماقچى ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن سەن يىقىلىپ بالىنى قوشۇپ سۇغا چۈشۈرىۋەتتىڭ..
- مېنىڭ سۇدىن قورقىدىغىنىمنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىڭىز دېڭىز بويىغا بېرىشقا زورلىدىڭىز..
- دېڭىز بويىدا ھەممە ئادەم يىقىلىپ چۈشمەيدۇ، بۇنى ئۆزۈڭنىڭ بىتەلەيلىكىدىن كۆر..
- دېمەك ھەممە ئىش ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانكەندە..
- شۇنداق دېسەممۇ بولىدۇ، سەن مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىدىڭ.. ھاھا..
- مېنى بۇ ساياھەتكە ئەكېلىشىڭىز مۇشۇنىڭ ئۈچۈنمىدى؟
- شۇنداق. سېنى ئاخىرقى قېتىم خوش قىپ قوياي دېدىم..
- مەن خوش بولمىدىم. يۈرىكىم ئەسلىدىكىدىنمۇ بەكرەك يارا بوپ كەتتى.. ھەتتا ئۆز ئوغلۇمنىمۇ ماڭا ئۆچ قىلىۋەتتىڭىز..
- شۇنداق قىلمىسام، ئۇ سەندىن ئايرىلالمايدۇ..
- ئىشىنىمەن، ئۇ ھېلىھەممۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ..
- قارا، ئۇ پەستە ئاپام ھەم مۇخپىر بىلەن ئويناۋاتىدۇ، شۇنچىلىك خوشال.. ئۇ بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرمەيدۇ ، ھازىر سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنېمە ئەمەس، ئۆزۈڭنى بۇنداق مۇھىم دەپ ئويلىۋالما..
قېيىن ئاپام ۋە مۇخپىر بىلەن ئويناۋاتقان ئوغلۇمغا قاراپ ئۈمىدسىزلىكتە تۇرۇپ قالدىم. ئۇ يولدىشىم بىلەن قېيىن ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ماڭا پۈتۈنلەي ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى.
- قانداق؟! رازى بولمايۋاتامسەن؟
- ياق. رازى بولمىغىنىم يوق.. پەقەت ئۆزۈم بۇ ئۆينى تۇتىمەن دەپ كۈچەپ ئاخىرىدا ئىشىك سىرتىغا چىقىپ قالغىنىمغا ھەيران قېلىۋاتىمەن..
- شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئەركىنلىككە چىققۇڭ بار ئىدىغۇ، ئىشلىگۈڭ بار ئىدىغۇ. مەن ساڭا رۇخسەت قىلاي دەۋاتىمەن. سېنى قويىۋېتەي..
- مېنى پۈتۈن دۇنياغا دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىپ ئەمدى ئەركىنلىككە چىقتىڭ دېگىنىڭىز نېمىسى، بۇنىڭ قەپەز ئىچىدىكى قۇشنى چىقىرىپ چوغقا تاشلىغاندىن نېمە پەرقى..
- شۇنچە يىلدىن بېرى سەنمۇ مەنمۇ چارچاپ كەتتىم. بۇ ئۆينى تۇتۇپ كۈندە يالغان سۆزلىگەندىن كۆرە ئاخىرلاشتۇرغىنىمىز ياخشى.. سەنمۇ ئەركىن بولىسەن..
- دادامنىڭ قەرزىنى قانداق قىلىمىز؟
- ھازىر ساڭا قەرز قايتۇر دېسەممۇ بەرىبىر قايتۇرالمايسەن، شۇڭا بولدى، ماڭا بالا تۇغۇپ بەرگىنىڭ، مېنى ئاقلاش ئىشىدا خىزمەت كۆرسەتكىنىڭ ئۈچۈن، ئۇ قەرزنى خالاس قىلدىم..
ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا چىرايىغا قارىدىم.
- راستما؟ بۇ..
- راست. قەرزنى بىكار قىلاي دېسەممۇ رازى بولمايۋاتىسەنغۇ..
- ئۇ.. ئۇنداق ئەمەس.. ھەيران قېلىۋاتىمەن..
- ساڭا قايتۇر دېسەممۇ قايتۇرالمايسەن، شۇڭا بولدى قىلدىم، لېكىن شەرتى بار..
- نېمە شەرت؟
- ئوغلۇم بىلەن مۇناسىۋەتنى تولۇق ئۈزىسەن. كۆرۈشمەيسەن، بىزنىڭ ئۆيگىمۇ مەڭگۈ قەدەم باسمايسەن..
بۇ جۈملىنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. ماڭا دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر پەرزەنتىمنى كۆرمە دېيىشتىن ئارتۇق ئازاب يوق ئىدى.
- ئۇنداق قىلماڭ. ئوغلۇم مېنىڭ باغرىم، سىز ئالسىڭىز مەيلى، لېكىن مېنى كۆرۈشۈشتىن توسماڭ..
- كۆرۈشىمەن دېسەڭ قەرزنى قايتۇر.. قايتۇرمىساڭ ھەركۈنى داداڭنىڭ يېنىغا بارىمەن..
- يا تاغدىن سەكرەيسەن. يا ئىتتىرىۋېتىمەن دېگەنلا گەپقۇ بۇ..
- ئوغلۇم بىزنىڭ ئائىلىدە چوڭ بولسا ياخشى چوڭ بولىدۇ. داداڭ بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا چوڭ بولسا ياخشى تەربىيە ئالمايدۇ.. سەن ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرەلمەيسەن، ئۇمۇ سەندەك شارائىت ۋە پۇلغا قانماي چوڭ بولىدۇ.. سەن مۇشۇنى خالامسەن؟
بۇ سۇئال مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى. راستىمنى ئېيتقاندا ئوغلۇمغا ياخشى شارائىت بېرىشكە تولۇق ئىشەنچىم يوق ئىدى. دادامنىڭ ئالدىغا ئاپىرىشقا بولسا تېخىمۇ پېتىنالمايتتىم.
- مەن ساڭا ئەڭ ياخشى تاللاشنى بەردىم. بالىنى ئۇنتۇپ كەت. مەن 300مىڭدىن كېچەي.. مۇشۇنداق بولغاندا سەنمۇ ئەركىن بولىسەن، مەنمۇ سېنى قىينىمايمەن..
يولدىشىم ھۆججەت سومكىسىدىن ئاجرىشىش توختامىنى چىقاردى.
- ماۋۇنىڭغا قول قويىۋېتىپ بۈگۈن ئوغلىمىز بىلەن ئوينىۋال، مەنمۇ ماسلىشىپ بېرىمەن. مەن ئەتىنىڭ ئايروپىلانىنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ قويدۇم. قايتىپ كېتىپ نەرسىلىرىڭنى يىغۇشتۇرىۋال.. بىز قايتىپ بارغۇچە ئۆينى بىكارلاپ قويساڭلا بولدى، مەن بارغاندا ئاندىن بېرىپ رەسمىي ھالدا ئاجرىشىمىز.. بىز سېنى پەستە ساقلايمىز..
- بىر كىچىك تەلىپىم بار ئىدى. دېسەم بولارمۇ؟
- قېنى دە..
- مېنىڭ يېنىمدا تۈزۈك پۇل يوق، مۇمكىن بولسا ماڭا سۈرەتكە تارتقۇدەك يانفون ئېلىپ بەرگەن بولسىڭىز، ئوغلۇم بىلەن سۈرەتكە چۈشىۋالسام، كېتىپ قالسام ئۇنى قايتا كۆرەلمەيمەن..
- بولىدۇ. سەن ئۆزۈڭنى ئوڭشىۋالغۇچە مەن چىقىپ ياخشىراق يانفون ئەپ بېرەي. ئاخىرقى تەلىپىڭنى ئورۇنداپ بېرىمەن..
جازا ئۆتەشتىن بۇرۇن ئاخىرقى تەلەپنى دەۋاتقان جىنايەتچىگە ئوخشايتتىم. شۇنچىلىك ئامالسىز ئىدىم.
ئاجرىشىش توختامىنى تۇتقىنىمچە ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا تۇرۇپ كەتتىم. بۇ ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان توختامدەك قىلاتتى. ئۆزۈمنى ئۇرۇشقا باشلىدىم. شۇ تاپتا مالچى ھەدەمنىڭ دېگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاۋاتاتتى.
- يولدىشىڭىز بەلكى سىزگە يېقىنلىشىش ئارقىلىق باشقا مەقسەتكە يەتمەكچى بولىشى مۇمكىن..
- ئەگەر ئۇ راستىنلا چىن كۆڭلىدىن ئۆزگىرەي دېگەن بولسا، ئاجرىشىپ كېتىپ ئۇنىڭ ئۆزگىرىش يولىنى توسۇپ قويارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن..
- ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنىڭىزنى بۇنچە مۇھىم ئويلىۋالماڭ. يولدىشىڭىزدەك ئەرلەر ئۆز مەنپەئەتىگە تاقاشقاندا شۇنداق يۇۋاش ھەم ئاقكۆڭۈل بولىۋالىدۇ، مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن، بۆرە تېرىسىنى قايتا كىيىدۇ.شۇنچە يىلدىن بېرى ئۆي تۇتۇپ مۇشۇنچىلىق ھەقىقەتنىمۇ چۈشىنىپ يەتمىدىڭىزما؟
تۇيۇقسىزلا كۈلۈپ كەتتىم.
- ھاھا.. ئۇ چىن كۆڭلىدىن ئۆزگەردىما؟!ھاھا.. .يولدىشىڭغا پۇرسەت بەرمەكچىتىڭكغۇ.. ھاھا.. بالاڭ ئۈچۈن بۇ ئۆينى تۇتۇپ قالماقچىتىڭغۇ.. ھاھا.. . ھۇ ساراڭ.. ھۇ دۆت.. ھاھا..
ھېلى كۈلۈپ ھېلى يىغلايتتىم. ھېلى ئەينەككە ئۆزۈمگە ئىچىم ئاغرىسا ھېلى ئۆزۈمنى ئۇراتتىم.
ئىشىك چېكىلگەندىن كېيىن ھوشۇمنى يىغىپ ئەينەككە قاراپ گىرىم قىلىشقا باشلىدىم. ئوغلۇم بىلەن ئاخىرقى قېتىم بىللە سۈرەتكە چۈشكەندە چوقۇم چىرايلىق تۇرىشىم كېرەك ئىدى.
ياسىنىپ قېنىق رەڭلىك كۆينەك كەيگەندىن كېيىن ئىشىكنى ئېچىپ ئوغلۇمنىڭ قولىدىن يېتىلىدىم.
- بالام، بۈگۈن قولۇمنى قويىۋەتمىگىن، بولامدۇ؟!
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇