قارا كۆڭۈللەر 🧡 28-قىسىم

文摘   2024-09-08 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى تۇرسۇنتوختى توختىروزى شۇڭقار قەلىمىدە پۈتكەن، ئۈنبەر ستودىيىسىدە ئاۋازغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «قارا كۆڭۈللەر» ناملىق رومان. ئەزىز دوستلارنىڭ بىزنى قوللاپ ئالدى بىلەن مۇشۇ ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇپ ئەسەر ئاڭلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-ئەمىسە بىزنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ ساتقىن. نەچچە پۇلغا يارايدىكەنمىز؟ ھېلىمۇ سەنلەر ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىمىز ئازمۇ؟ ئەتىۋارلاپ باققانغا تويغۇزامسەن بىزلەرنى .

 دادىسىدىن بۇنداق گەپلەرنى كۈتمىگەن شۆھرەت بوش كەلمەي دادىسى بىلەن تەڭ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:

- يوقىلاڭ باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ زىممەڭلاردىكى مەسئۇلىيەتتىن قاچماقچىمۇ سىلەر. بالىنىڭ كىچىگى دەپ مېنى ئانىي تاپقىنىڭلارغۇ بۇ؟ نېمە دەپ ھەممە بالاڭلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايسىلەر؟ قېنى دەپ بېقىڭلارچۇ، ئاكام بىلەن ئاچامنىڭ تويىنى قىلىشنىڭ ئالدىدا قايسىسىغا ماڭا دېگەن گەپلەرنى دەپ باقتىڭلار. مېنىڭ بۇ ئاىلىدە ئورنۇم بارمۇ يوقمۇ؟

- شۆھرەت، دادام-ئاپامغىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلامسەن؟ چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىش دېگەننى بىلەمسەن بىلمەمسەن؟- دېدى شادىيە ۋارقىراشقان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئىچىدىكى ئۆيدىن تامنى ياقىلاپ چىققىنىچە .

 شۆھرەت ئاچىسىغا ئالىيىپ قويۇپ گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى.

************************

 شۆھرەت ئاتا ئانىسى بىلەن سوقۇشۇپمۇ ئىشلىرى ئاقمىدى. ئۇ ھەتتا ئاكىسى شاۋكەتتىنمۇ پۇل سورىدى. شەۋكەت ئۇنىڭغا پۇل بېرىش تۈگۈل بىر مۇنچە سېسىق گەپلەرنى قىلىپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى. ئۇ زۇلپىيەدىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەچكە شۇنىڭ بىلەن زۇلپىيە ئۇنى ئىش ئورنىغا ئىزدەپ باردى.

 ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان شۆھرەت ئىش بىجىرگىلى كەلگەن بىرەرسى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ « كىرىڭ» دېدى. ئىشىكتىن كىرگەن زۇلپىيەنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.

- سىزمىدىڭىز؟ ئەجەب تېلېفونمۇ قىلماي كېلىپ قاپسىزغۇ،- دېدى شۆھرەت زۇلپىيەنىڭ مۇز يېغىپ تۇرغان قاپاقلىرىدىن سەن ئەيمىنىپ.

- ئۆزلىرىدەك كاتتا ئەربابقا تېلېفون قىلىپ ئاۋارە قىلماي دېدىم،- دېدى زۇلپىيە تەنە قىلىپ .

- ئاتا ئانام بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلار مۇشۇ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە پۇلنىڭ ئامالىنى قىلماقچى.

- بىر نەچچە ئاي ئىچىدە دەپ قويۇڭ تېخى، مېنى كولدۇرلىتىۋاتامسىز قانداق ؟

- سىزنى كولدۇرلىتىشقا ھەددىممۇ. سىز مېنىڭ كوكۇلامدىن تۇتۇۋالغان تۇرسىڭىز ؟

- ماڭا بۇنداق گەپ قىلماڭ. سىزگە بەرگەن بىر ھەپتە ۋاقىتمۇ توشۇپ ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ھەر قېتىم تېلېفون قىلسام ئالدىراشچىلىقنى باھانە قىلىپ گەپنى باشقا ياققا بۇرايسىز. ماڭا بۈگۈن نان تېگىدىغان گەپنى قىلىڭ؟ ئاتا ئانىڭىز قانچە پۇل تەييار قىلدى؟ يەنە قانچىلىك كەملەيدۇ ؟

- ئاكام بىلەن ئاچامنىڭ گېپىنى مەن سىزگە دېگەن. ئاتا- ئانامدا ھازىر بىر تېيىمۇ يوق. ئۇلار ئالغان مائاشىدىن پۇل يىغىش قىلسا مەنمۇ ئالغان مائاشىمنى بۇزۇپ- چېچىۋەتمەي كارتامغا ئامانەت قويسام باي دېگەندەك بىر نەچچە ئايلاردا سىزنىڭ باھايىڭىزغا يەتكۈدەكمەن .

- ماڭا باھانە- سەۋەب ئەمەس، ئىشنىڭ نەتىجىسى كېرەك شۆھرەت. بولمىسا تۆت يىللىق مۇھەببىتىمىزنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ سەتلىشىپ قېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ .

- نېمانداق گەپ چۈشەنمەيدىغان قىز بالا سىز؟ ماڭا بىر نەچچە ئاي ۋاقىت بېرىڭ دېدىمغۇ. ناۋادا ئۇنىڭغا كۆنمىسىڭىز ئەرز قىلسىڭىز قىلىۋېرىڭ مەنمۇ بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي،- دېدى شۆھرەت ۋارقىراپ ئىشخانىنى بېشىغا كىيىپ.

 زۇلپىيە شۆھرەتكە يەنە تەھدىت سېلىۋەرسە ئەھۋالنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. ھەمدە ئاپىسى ئايزۆھرە ئۆگەتكەن يەنە بىر تەدبىرنى ئىشقا سالدى .

- ئاچچىقلانماڭ شۆھرەت. كونىلاردا يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر دېگەن بىر تەمسىل بار. كاللىڭىزنى ئىشلەتسىڭىز بۇ ئانچە تەس ئىش ئەمەس. ئاتا- ئانىڭىزدا نەخ پۇل بولمىغىنى بىلەن پۇلغا يارايدىغان خېلى نەرسىلەر بار.

- قانداق دەيسىز زۇلپىيە ؟- سورىدى شۆھرەت ھېچنېمىنى چۈشەنمەي.

- ئاڭلىسام ئاتا- ئانىڭىزنىڭ يۈز كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان ناھايىتى كاتتا سېلىنغان زېمىن ئۆيى بار ئىكەن. ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەن مۇشۇنداق دەۋردە ئۇ ئۆيلەر ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ يۈز مىڭ يۈەنگە يارايدۇ. ئاتا-ئانىڭىز ئۆلۈپ كەتسە ئۇ ئۆيدە سىزگە قالىدىغۇ. چۈنكى سىز ئوغۇلنىڭ كىچىگى. ئاتا- ئانىڭىزدىن كېيىن قالسا ئۇ ئۆيدە بەرىبىر سىز ئولتۇرماي سېتىۋېتىسىز. ئۇنىڭدىن كۆرە، ھازىر ساتسىڭىزمۇ ئوخشاشقۇ.

- نېمە؟ ئاتا- ئانامنىڭ كۆزى يۇمۇلماي تۇرۇپ ئۇلارنى ئۆز ئۆيىدىن قوغلاپ سېتىۋېتىمەنمۇ. ئۇ چاغدا مەن ئاتا- ئانامنىڭلا ئەمەس پۈتۈن خەلققە ئالەمنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە قالمامدىم.

- ئاتا- ئانىڭىز رازى بولۇپ ئۇ ئۆينى سېتىشىڭىزغا قوشۇلسا خەقنىڭ سۆز- چۆچىكىدىن قورقۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟

- ياق، ئۇلار ھايات ۋاقتىدا مەن ئۇ ئۆينى ساتالمايمەن. ساتسام ئۇلار نەدە تۇرىدۇ؟

- ئايدا ئىككى تۈمەنگە يېقىن پىنسىيە مائاشى ئالىدىغان كىشىلەر كىچىكرەك ئۆيدىن بىرەرنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرسا بولىدىغۇ. ئىككى پۇتى گۆرىگە ساڭگىلىغان قېرىلار ئۇنچە چوڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ نېمە كەپتۇ؟ ئۇلارنىڭ پەقەت بىر نەچچە يىللىقلار ئۆمرى قالغان تۇرسا.

- بولمايدۇ زۇلپىيە. مەن ئۆز مەنپەئىتىمنىلا كۆزلەپ ئاتا-ئانامغا ۋاپاسىزلىق قىلالمايمەن. سىز دېگەن گەپلەرنى ئۇلارنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ قانداق دېيەلەيمەن؟

- ئاتا-ئانىڭىز مېھرىبان ئادەملەر. ھېلىقى چاغدىمۇ قەرز ئىگىلىرى ئاكىڭىزدىن پۇل سۈيلەپ كەلگەندە ئاتا- ئانىڭىز ئاكىڭىزنىڭ تۈرمىدە يېتىشنى خالىماي ھېچ ئىككىلەنمەي يۈز مىڭ كوي پۇلنى ساناپ بەرگەنغۇ. ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلىرىنى ئۇلارغا دېسىڭىز ئۇلار سىزنىڭمۇ تۈرمىدە يېتىشىڭىزنى خالىمايدىغۇ دەيمەن .

 شۆھرەت چۈچۈپ كەتتى .

- ياق، زۇلپىيە. بۇ ئىشلارنى ئاتا- ئانامنىڭ ئالدىدا دېيەلمەيمەن

 زۇلپىيە شۆھرەت ئۇنى دېسە بۇنى دەپ، بۇنى دېسە ئۇنى دەپ، ئاخىرى گېپىگە كىرگۈزدى.

ھەربىر قەدەمنى ئاپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئالغان زۇلپىيە مەقسەت-مۇددىئاسىغا تۇلۇق يەتكەنىدى. شۆھرەتنى گېپىگە كىرگۈزەلمەي قالسا يالغاندىن ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى دەستەك قىلىپ ئۇنى پوپوزا قىلىشنىمۇ ئويلىشىپ بولغانىدى. ئۆمۈرلۈك جۈپتى بولۇشقا نىيەت ئەيلىگەن كىشىگىمۇ قىلچىلىك ۋاستە تاللاپ ئولتۇرماي قارا ساناشلىرى بۇ ئانا- بالىنىڭ ھەقىقەتەن خەتەرلىك ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. بۇنداق رەزىل تەبىئەتلىك ئىنسانلارنى ئۆمۈرلۈك جۈپتى بولۇشقا تاللاش تۈگۈل، ئىزىدىن ئاتلاشمۇ ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس. شۇنداقتىمۇ جەمئىيىتىمىزدىكى ئايزۆھرە، زۇلپىيەدەك ئادەملەرنىڭ كۆڭلى ساپ بولغاي .

- شۇنداق قىلىپ شۆھرەتنى گېپىڭگە كىرگۈزدۈڭ دېگىنە. مانا دېمىدىممۇ، كاللا ئىشلەتسە جاھاندا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق،- دېدى ئايزۆھرە قىزىغا.

- ھازىر ئۇققىلى بولمايدۇ ئاپا، شۆھرەت پەقەت مېنىڭ ئەرز قىلىشىمدىن قورقۇپلا ماقۇل دەپ قويغاندەك قىلىدۇ، - دېدى زۇلپىيە ئاپىسىغا.

- بۇنىڭدىن ئەنسىىرىمە، شۆھرەت ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈمچان بولمىسىلا قالغان ئىشلارنىڭ كارايىتى چاغلىق.

- مەنمۇ شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن. شۆھرەت ئاتا-ئانىسىغا قىيالمايدىغان چىراي.

- ئەھۋالغا قارايلى. شۆھرەت ئەمدى پۇت تىكمەي تۇرىۋالسا يالغاندىن ھامىلدار بولغانلىق ئىسپاتىنى ئويدۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ. بۇمۇ ئاقمىسا ئۇنىڭدىن باشقىمۇ پىلان تۈزۈپ قويدۇم .

- مەسىلەن قانداق؟

- بۇنى ۋاقتى كەلگەندە بىلىپ قالىسەن. سەن بارچە ئاماللار بىلەن ئۇنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىنى سېتىشقا كۆندۈر. شۇندىلا سەن شۆھرەتكە تەگسەك دولاڭ ئاپتاپ كۆرىدۇ.

زۇلپىيە ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئورۇنلۇق بىلىپ بېشىنى لىڭشىتتى.

*************************

شۆھرەت ئەمدى ۋاقىتنى كەينىگە سوزىۋەرسە ئىككى پۇتىنىڭ بىر پاي ئۆتۈككە كىرىپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەنە ئاتا ئانىسىنى قىستاشقا باشلىدى. ھەمدە گەپنىڭ ئۇچۇقىنى ئاتا-ئانىسىغا ئېيتتى.

- دادا-ئاپا، مېنىڭ ئىشىمغا ئەمدى پۇت تىكمىسەڭلار پات ئارىدا مەندىن ئايرىلىپ قالىسىلەر.

- نېمە داۋاتىسەن ھوي. چۈشىنىكسىزلا بىر گەپ قىلىسەنغۇ.

شۆھرەت بولغان ئىشلارنى ئاتا-ئانىسىغا يىپىدىن يىڭنىسىگىچە سۆزلەپ بەردى.

- ھۇ ئەقلىدىن ئاداشقان دىتى يوق كالۋا. بالانىڭ چوڭىنى تېرىپسەنغۇ. مۇشۇنداقمۇ دۆتلۈك قىلامسەن؟- دېدى ياقۇپ شۆھرەتنى ئۇرۋىتىدىغان ئەلپازدا.

- بولدى قىلىڭ دادىسى، خىش خېلىپتىن چىقىپ بوپتۇ. ئەمدى شۆھرەتنى تىللىغان بىلەنمۇ پايدىسى يوق. بىز زۇلپىيەنىڭ ئۆيىگە سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ توينى بىر مەزگىل كەينىگە سۈرۈپ بېرىشكە كۆندۈرەيلى. مۇشۇنداق قىلماقتىن باشقا ئامال يوق. ئەسلى ئۇلار ساپالىق كىشىلەر بولغان بولسا ئىدى، يېپىقلىق قازاننى يېپىقلىق پېتى قالدۇرۇپ قىزىنى ئەرز قىلىشقا كۈشكۈرتمىگەن بولاتتى،- دېدى ھۆرىيەت.

- مېنىڭچە، بۇ ئىشتا چۇقۇم ئاشۇ ئايزۆھرە دېگەن خوتۇننىڭ قارا قولى بار. بۇ ئاشۇ خوتۇننىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان سۈيقەست بولۇشى مۇمكىن. ماۋۇ شۆھرەت دېگەن دەلدۈش ئۇلار قۇرىغان قاپقانغا ئۆز ئايىقى بىلەن بېرىپ چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئەرز قىلسا قىلىۋەرسۇن. بىز ئادۇۋكات تەكلىپ قىلىپ مەسلىھەت سوراپ باقايلى.

- ناۋادا ئۇنداق قىلساق، دەۋادا ئۇتۇپ چىقساققۇ تەلىيىمىز. ئۇتالماي قالساق شۆھرەتكە زىيانكەشلىك قىلغان بولىمىز .

- سىلەر ئويلىغاننى مەنمۇ ئويلىغان. لېكىن ئۇلارنى سۈيقەست پىلانلىدى دەيدىغانغا قولىمىزدا ھېچقانداق دەلىل- ئىسپات يوق. شۇنداق ئۆزىمىزگە يېنىپ قالامدىكىن دەيمەن،- دېدى شۆھرەت.

- ھە دېگىنە، ئەمسە بىز قانداق قىلساق بولىدۇ؟

 ئەمدىكى بىردىبىر ئامال. زۇلپىيە بىلەن توينى تېزراق قىلىۋېتىش. ئەمدى كېچىكتۈرسەك مېنىڭ تۈرمىگە كەتكىنمگە قاراپ تۇرماقتىن باشقا ئامالىڭلار يوق .

- ئېغىزىڭنى ئۈششۈتمە بالام، نېمىلەرنى دەپ يۈرۈيسەن؟- دېدى ھۆرىيەت كۆزلىرىگە چىڭ ياش ئالغان ھالدا.

- بىز ھايات تۇرۇپ سېنىڭ تۈرمىدە يېتىشىڭغا قاراپ تۇرارمىزما بالام،- دېدى ياقۇپمۇ.

شۆھرەت ئاتا-ئانىسىنىڭ ھىسياتىدىن پايدىلىنىشنىڭ پەيتى كەلگەنلىكىنى بىلدى.

- مەن نادانلىق قىلىپ چوڭ ئىش تېرىپ قويدۇم. بۇ ئىشقا سىلەر ياردەم قىلمىساڭلار بولمايدۇ. مېنىڭ سىلەردىن باشقا تايىنىدىغان ھېچنىمەم يوق. سىلەردە پۇل قالمىغانلىقىنى بىلىمەن. لېكىن…… پۇلغا يارايدىغان نەرسەڭلەر يوقمۇ ئەمەس. بۇ

ئۆينى ساتساقمۇ ئىككى-ئۈچ يۈزمىڭغا يارايدۇ ……

- نېمە؟ قېرىغاندا بۇ ئۆينى سېتىپ ئۆي-ماكانسىز قالامدۇق ئەمدى.

- قارىغاندا سىلەر ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتىڭلارغا قارىغاندا

ئۈيۈڭلار مۇھىم ئوخشىمامدۇ. بوپتۇ، مەن ئۆزۈم تېرىغان بالاغا ئۆزۈم ئىگە بولاي،- شۆھرەت قېيدىغىنىچە سىرتقا ماڭدى.

- شۆھرەت توختا، نېمانداق شەخسىيەتچى سەن؟ ئۆزۈڭنىلا ئويلاپ ئاتا-ئانامنى ئۆي-ماكانسىز قويساڭ ئۇلار قېرىغاندا نەدە تۇرىدۇ؟ نېمانداق ۋاپاسىز سەن،- دېدى شادىيە ياتقان يىرىدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭغان شۆھرەتنىڭ كەينىدىن ۋارقىراپ.

- سەنمۇ تۇلا ساختا كۆيۈمچان قىياپەتكە كىرىۋالما. ئاغرىپ قالغاننى باھانە قىلىپ ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىدىن چىقماي ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىگە ئىگە بولماقچى بولغىنىڭنى مېنى بىلمەيدۇ دەپ قالما،- دېدى شۆھرەت ئارقىسىغا قاراپ ئاچىسىغا.

- ھەممە ئادەمنى ئۆزۈڭدەك قارا نىيەت چاغلىما. مېنىمۇ شۇنداق يامان نىيەتلىك كۆرىۋاتقان بولساڭ مەن ھازىرلا بۇ ئۆيدىن كېتەي،- دېدى شادىيە يىغلامسىراپ.

- بولدى قىلىڭلار. بىزنى ئاتا-ئانا بولغانغا تويغۇزامسىلەر،- دېدى ياقۇپ ۋارقىراپ.

شادىيەمۇ جىمىپ قالدى. شۆھرەتمۇ ئۆز يولىغا ماڭدى. بىرجۈپلەر ھاياتىدا ئېغىر سىناققا دۇچ كەلگەنىدى. ئۆزىنى دەپ ئوغلىنىڭ ئىشىغا پۇت تىكمىسە ۋىجدانىغا يۈز كىلەلمەيتتى. كۆزىنى يۇمۇپلا ئۆيىنى سېتىۋىتەي دېسە قېرىغاندا باش تىققۇدەك ماكانسىز قالاتتى.

- ئەمدى قانداق قىلىمىز دادىسى؟ شۆھرەت بىزدىن يامانلاپ كېتىپ قالدى. قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ بىر پاي ئۆتۈككە تىقىلىپ قېلىشىغا قاراپ تۇرغىلى بولسۇنمۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن بالا ئەمەسمۇ،- دېدى ھۆرىيەت يىغلاپ.

- قارىغاندا ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ بۇ ئۆينى ساتمىساق بولمايدىغان ئوخشايدۇ ئانىسى. بىز تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيدىن بىرنى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغاچ تۇرايلى. كىچىكرەك ئۆيدە ئولتۇرغىنىمىزغا قېرىغاندا گۆرنىڭ تېشىدا قالماسمىز.

- راستىنلا بۇ ئۆينى سېتىش نىيتىگە كەلگەن بولساڭلار باشقا يەردىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىمىز دېمەي مېنىڭ ئۆيۈمگىلا كۆچۈپ بېرىڭلار،- دېدى شادىيە ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى باسسىڭىز 30- قىسىمغىچە تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章