قارا كۆڭۈللەر 🧡 30-قىسىم (تۈگىدى)

文摘   2024-09-10 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى تۇرسۇنتوختى توختىروزى شۇڭقار قەلىمىدە پۈتكەن، ئۈنبەر ستودىيىسىدە ئاۋازغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «قارا كۆڭۈللەر» ناملىق رومان. ئەزىز دوستلارنىڭ بىزنى قوللاپ ئالدى بىلەن مۇشۇ ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇپ ئەسەر ئاڭلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

شۆھرەتنىڭ گېپى تۆگىمەيلا ھويلىغا شاۋكەت كىردى. خىرىدار بىلەن شۆھرەتنىڭ دېيىشكەن گەپلىرىنى ئاڭلىغان شاۋكەت ھويلىغا كىرىپلا

دېدى :

- كەم سورىماي ئېلىڭلار. ئىنىم ئۈچ يۈز ئوتتۇزمىڭ كوي دەپ يامان گەپ قىلمىدى.

خىرىدار «بۇ كىم» دېگەن مەنىدە شۆھرەتكە قارىدى.

- ئاكا، سەن نېمىدەپ كەلدىڭ؟- دېدى شۆھرەت ئاكىسىنىڭ گەپكە قۇشۇق سالغىنىغا نارازى بولۇپ.

- ھوي، مەن نېمە دەپ كەلمىگۈدەكمەن؟ بىلىپ قوي، مەنمۇ ئۆينىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان دادام بىلەن ئاپامنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى. ئۆينى ساتساق پۇلىنى تەڭ بۆلىشىمىز دە.

- كىم شۇنداق دەيدۇ؟ دادام ماڭا بۇ ئۆينى سېتىپ پۇلىنى يالغۇز خەجلىشىمگە قوشۇلغان.

- يالغۇز خەجلىشىمگە قوشۇلغان دېگىن. ئۇنداقتا يېنىڭدا دادامنىڭ ساڭا يېزىپ بەرگەن تىل خېتى بولسا بىر چىقارغىنە، كۆرۈپ باقاي .

 بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۆھرەتنىڭ جەھلى قاتتى .

- نېمە دېمەكچى سەن؟ دادام ساڭا نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يۈز مىڭ يۈەن نەق پۇل بەردى. ئەمدى بۇ ئۆيدە سېنىڭ ھەققىڭ يوق كۆزۈمدىن يوقال!- ۋارقىرىدى، شۆھرەت .

 ئۆينى سېتىۋالغىلى كەلگەن خېرىدارلار ئىككىسىنىڭ جېدەللەشكىنىنى كۆرۈپ ئاستا كېتىپ قېلىشتى.

- دادام ماڭا يۈز مىڭ كوي بەرگەن بولسا ساڭىمۇ ئەللىك مىڭ كوي پۇلنى خەجلەپ بەردىغۇ. ئىنىمكەن دەپ گەپ قىلمىسام نېمانداق داپقا چۈشكەن ماياقتەك سەكرەيسەن؟

 ئىككىسى بىر ھازا دېيىشىپ ئېغىزلىرىنى بۇزۇشۇپ تىللىشىپ كەتتى. جېدەل يوغىناپ ياقا سىقىشىشقا تەرەققى قىلدى. ئىككىسى بىرھازا ياقا سىقىشىپ ھويلا ئىچىدە پومىداقلىشىپ كەتتى. ئۆز نەپسى ئۈچۈن پۇل ئەقلىنى كەسكەن بۇ ئىككى نادان ئۆزىنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ رەقىپلەرگە ئايلانغانىدى. شۆھرەت ئاكىسىنى ئاستىغا بېسۋېلىپ ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە قارىقۇيۇق ئۇرۇشقا باشلىدى. شاۋكەت ئىنىسىنىڭ ئاستىدىن بوشىنالماي ئۇياق-بۇياققا تىپىرلاپ باقاتتى. شۆھرەتنىڭ ئاستىدا قالغان شاۋكەت تاياقنى يەتكۈچە يەپ بارغانسىرى ھالسىزلانماقتا ئىدى. شاۋكەت قۇتۇلۇشقا چارە ئىزدەپ گېلىنى بىر قولىدا گېلىنى بوغۇپ يەنە بىر قولىدا يۈز-كۆزىگە ئۇرۇپ تالاشقا چۈشكەن ئىتتەك قىلىۋەتكەن شۆھرەتكە دېدى :

- شۆھرەت مېنى قۇيىۋەت. ئالساڭ مۇشۇ ئۆينى ئالىسەنغۇ. جېنىمنى ئالامتىڭ يە. مۇشۇ ئۆينىڭ پۇلىنى ئوڭچە خەجلىسەڭ مەن ئارلاشمىسامغۇ بۇلار.

شۆھرەت ئاكىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ بوغىۋالغان گېلىدىن قوللىرىنى بۇشاتتى. ئاكىسىنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە گالاچلىتىپ ئۇرىۋاتقان قوللىرىمۇ ھەركەتتىن توختاپ ئاكىسىنىڭ ئۈستىدىن قوپتى.

- بۇرۇنراق مۇشۇنداق قىلىشىڭ كېرەك ئىدى. مەن ئۆيدە ئوغۇلنىڭ چوڭى دەپ ئاتا-ئانامنىڭ مىراسىنى مەن ئوڭچە بېسىپ ياتارمەن دېيىشىڭ ئۇخلاپ چۈشۈڭ،- دېدى شۆھرەت ئاكىسنى راسا ئەدەپلىۋالغانلىقىدىن كۆرەڭلەپ.

شاۋكەت قاش-قاپاقلىرىدىن چىقىۋاتقان قانلارنى سۈرتىۋىتىپ ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرىدىن ناھايىتى خورلۇق ھېس قىلدى.

شاۋكەتنىڭ بۇنداقلا بولدى قىلغۇسى كەلمىدى. ئۇ ئۆزىنى ناھەق ئازار يىگەندەك ھېس قىلىپ ۋۇجۇدىدا شۆھرەتتىن ئۆچ ئېلىش خىيالى ئويغاندى.

ئۆزىگە كەينىنى قىلىپ تۇرۇپ كىيىملىرىنى قېقىشتۇرۋاتقان ئىنىسىنى قىيما-چىيما قىلىۋەتكۈسى كىلىپ ئەتراپىغا قارىدى. ھويلىنىڭ بۇرجىكىدە ياقۇپ ئوتۇن كەسلەيدىغان پالتىنى كۆردى. ئانىسىدىن توغۇلۇپ مۇشۇ كەمگە كەلگۈچە بۇنچىلىك خورلۇق تارتىپ باقمىغان شاۋكەت ئىنىسىنى چانىۋەتكۈسى كەلدى. ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىشنىڭ

ئاقىۋىتىنى ئويلاپ باقمىغان شاۋكەت تەلۋىلىكتە چېكىگە يىتىپ ئېتىلىپ بارغىنىچە پالتىنى قولىغا ئالدى. شۆھرەت كەينىگە قاراپ ئۆزىنى چېپىشقا يۈگۈرۈپ كەلگەن ئاكىسىنى كۆرۈپ ۋارقىرىغىنىچە دەرۋازا تەرەپكە يۈگۈردى. شاۋكەت ئىنىسىنى قوغلاپ ئۇنى چاپاي دەپ تۇرۇشىغا دەرۋازىدىن كىرگەن ياقۇپ ۋارقىرىدى:

- قولۇڭدىكى پالتىنى تاشلا ئىپلاس. ئۆز ئىنىڭنى ئۆلتۈرۈپ قاتىل بولماقچىمۇ سەن. ئىسىت، سېنى نەچچە يىل مەكتەپتە ئوقۇتۇپ تەربىيلىگەنلىرىم، كىچىگىڭدە ھەركۈنى قانداق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەلىم بىرەتتىمغۇ .

شاۋكەت دادىسىنىڭ ۋارقىرىشىدىن بىردىنلا ئەقلىنى تاپقاندەك بولدى. ئاكىسىنىڭ ئۆزىنى چاپماقچى بولغىنىدىن قورقۇپ كەتكەن شۆھرەت دادىسىنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالدى. شاۋكەت پالتىنى يەرگە تاشلاپ قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى. ياقۇپ كەينىدە لاغىلداپ تىترەپ تۇرغان ئوغلى شۆھرەتكىمۇ نەپرەت ئىلكىدە قاراپ قويدى.

- ئىككىڭ مەن بىلەن ئۆيگە كىرىش. سەنلەرگە دەيدىغان گىپىم بار. بولمىسا مەندىن بىرموچەن ئالىمەن دەپ خام خىيال قىلىشما.

ئىككىسى پۇلنىڭ خوشلۇقىدا دادىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئۆيگە كىردى.

ياقۇپ كىرىسلودا ئولتۇرغان ئىككى ئوغلىغا سۈرلۈك تۈستە قارىدى. ئىككى ئوغۇلمۇ دادىسىنىڭ چىرايىغا شۇنداقلا قاراپ قويۇپ ئەندىكىپ كەتتى. ئىككىسى ئەقلىگە كىلىپ تا مۇشۇ كەمگىچە داسىنىڭ چىرايىنىڭ بۇنداق سۈرلۈك تۈس ئالغىنىنى كۆرمىگەنىدى. ئەزەلدىن شۇنچىلىك مۇلايىم، بالىلىرىغا ئاتىلىق مۇھەببىتى بىلەن قارايدىغان بۇ دادا بۈگۈن تامامەن باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلنىپ قالغانىدى.

- ھۇ ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان پۇلپەرەسلەر. ئاچكۆز، ۋىجدانسىزلار. پۇل ئۈچۈن قېرىنداشلىق مېھرىنى بىرچەتكە قايرىپ قويۇشتۇڭما. بۈگۈن ئىككىڭگە شۇنى ئۇچۇق دەپ قۇياي. سەنلەر مەندىن بىر تىيىن پۇل ئۈندۈرىمەن دەپ خام خىيال قىلىشما. مەن بۈگۈنلا ۋەسىيەتنامە يېزىپ بۇ ئۆينى قىزىم شادىيەگە بىرىمەن. نوچى بولساڭ مانا مەن ئىككىڭنىڭ ئالدىدا تۇرۇپتىمەن. مېنى ئۆلتۈرۋېتىپ ئاندىن مىراسقا ئىگە بۇلىشارسەن، - ياقۇپ بىرئاز توختاپ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قويغاندىن كېيىن يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇردى،- ھەممىگە مەن ئەيىبلىك. مەن ئوتتۇز نەچچە يىل ئىچىدە نەچچە مىڭ ئادەمنى تەربىيەلەپتىمەن. لېكىن ئۆز ئوغۇللۇرۇمنى تەربىيلەلمەپتىمەن. سەنلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ، ئۇرۇقىنى ئۈندۈرەلمەپتىمەن. پەقەت سەنلەرنى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇسىلا ياراملىق ئادەم بولىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. بۇ سەۋەنلىك مەندە. سەنلەرگە ئادىمىيلىك ھەققىدە قىلغان تەربىيەلىرىم ئاز بولۇپ قاپتۇ……،- ياقۇپ بوقۇلداپ يىغلاپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى.

شاۋكەت بىلەن شۆھرەت نېمە دېيىشنى بىلەلمەي كالىدەك پۇشۇلدىغىنىچە ئولتۇرۇشتى.

شاۋكەتنىڭ بۇشاڭلىق قىلىپ ئىشنى پۈتتۈرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەن گۈلگىنە ئىش ئورنىدا ئولتۇرالماي قېلىپ شاۋكەت كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كەينىدىن ئەگىشىپ كەلدى. ئۇ بۈگۈن تەتۈرلۈك قىلىپ يىغلاپ ئالەمنى بېشىغا كىيىپ بولسىمۇ شۆھرەتتىن ئۆينى ساتقان پۇلنىڭ كۆپرەكىنى بۆلۈشۋېلىشنىمۇ كۆڭلىگە پۈكۈپ بولغانىدى. ئۆي ساتقان تۇتام- تۇتام پۇللار كۆز ئالدىدا كۆرۈنۈپ خام تامادا يېتىپ كەلگەن گۈلگىنەمۇ قېيناتىسى ياقۇپنىڭ چىرايىغا قاراپ سەل چۆچىدى. ئىرى شاۋكەت بولسا يېلى چىقىپ كەتكەن بالۇندەك سولىشىپ ئولتۇراتتى. ياقۇپ گۈلگىنەنىڭ نېمە سەۋەپتىن كەلگەنلىكىنى ئۇبدان بىلگەچكە ئۇنىڭغىمۇ ۋارقىرىدى.

- سىز نېمە دەپ كەلدىڭىز؟ خوتۇنىنىڭ جۇۋىسىسدا تەرلەيدىغان بۇ ئېرىڭىزنى ئېلىپ دەرھال كۆزۈمدىن يوقۇلۇڭ!!! بۈگۈن نېمە قىلسىڭىز ھەممىسى بىكار. مەن دەيدىغاننىڭ ھەممىنى شاۋكەتكە دەپ بولدۇم.

ئەزەلدىن بىرسىگە ئوڭايلىقچە گەپ بەرمەيدىغان گۈلگىنەمۇ قېيناتىسىنىڭ ۋارقىرىشىدىن چۆچۈپ كەتتى.

- ئىككىڭمۇ دەرھال كۆزۈمدىن يوقۇلۇش!!!

شەۋكەت بىلەن شۆھرەت ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كېتىشتى.

- نىم بولدىڭىز دادىسى، نېمىگە بۇنچىۋالا چېچىلىسىز. بالىلار ھەرقانچە خاپا قىلسىمۇ چىرايلىق گەپ قىلسىڭىز بولىدىغۇ،- دېدى ئىشىكتىن ھۆرىيەت.

- قارىمامسىز ھۆرىيەت، بۇلار بالا ئەمەس، بالاكەن ئەمەسمۇ. بىز ئۆلمەي تۇرۇپمۇ تاسلا قالدى مىراس تالىشىپ بىر-بىرىنىڭ بېشىنى يىگىلى. ىرنەچچە دەقىقە كېچىككەن بولسام بىر ئەمەس، بۇلارنىڭ ھەرئىككىلىسىدىن ئايرىلىپ قالاتتۇق،- ياقۇپ شۇنداق دەپ بولغان ئىشلارنى ھۆرىيەتكە سۆزلەپ بەردى.

ھۆرىيەت بولغان ئىشلارنى ئاڭلاپ ياقىسىنى تۇتقىنىچە تۇرۇپلا قالدى.

**************************

شاۋكەت ئۆيگە كىلىپلا گۈلگىنەنى ئاغزىنى بوزۇپ تىللاشقا باشلىدى. توي قىلىپ تا ھازىرغىچە خوتۇنىنى تىللاش تۈگۈل كۆزىنى يوغان ئېچىپمۇ قارىيالمايدىغان. خوتۇنى گۈلگىنە بىر دېسە ھەرگىزمۇ ئىككى دېيەلمەيدىغان شاۋكەتنىڭ تۇساتتىنلا قۇشقاچ تىللىرى چىقىپ قالغانىدى.

- ھۇ نەپسى تويماس پوق تاغىرى، مېنى ئائىلەمدىكىلەر بىلەن دۈشمەنلىشىشكە كۈشكۈرتۈپ تاسلا قالدىم ئۆز ئىنىمنى ئۆلتۈرۋەتكىلى. بۈگۈندىن باشلاپ مېنىڭ ئالدىمدا ئىككىنىچىلەپ مىراسنىڭ گپىنى قىلغۇچى بولما. يامانلاپ كەتسەڭمۇ كارىم يوق. ناۋادا ئاجرىشىمەن دېسەڭمۇ مانا مەن تەييار. مىراسنىڭ ئىشىدا پۈتۈنلەي ئاتا-ئانامنىڭ بەرگىنىنى ئالىمەن. بەرمىسە رەنجىشىم يوق. تۆت كۈنلۈك دۇنيادا ئاتا-ئانامنى زار-زار قاخشىتىپ نېمە كەپتۇ؟ دادامنىڭ بايىقى گېپنى ئاڭلاپ قايتىدىن ھۇشۇمنى تاپتىم.

گۈلگىنە ئېرىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھېچنېمە دېيەلمىدى. ئۇ بىردىنلا رەيىش بىر ئايالغا ئايلاندى. ئېرىدىن قورقتىمۇ ياكى ئۇمۇ شاۋكەتكە ئوخشاش ئەقلىنى تاپتىمۇ بىلگىلى بولمايتتى.

**************************

دادىسىدىن يەتكۈچە دەككىسىنى يەپ كوچىلاردا لاغايلاپ يۈرگەن شۆھرەتنىڭ بېشىنىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ قاتقانىدى. ئەمدى يەنە دادىسىنىڭ قېشىغا مىراس دەۋاسى قىلىپ بارالمايتتى. زۇلپىيەنىڭ سالغان تەھدىتلىرى ھەرۋاقىت قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇراتتى. ئەگەر ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلمىسا زۇلپىيەنىڭ قولىدىن ھەربالا كىلەتتى. شۆھرەت ئۆزىنى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدى. توساتتىنلا ئۇنىڭ يانفۇنى سايرىدى. يانفۇننىڭ ئىكرانىدا زۇلپىيە دېگەن خەت چىقىپ تۇراتتى. زۇلپىيە ئۇنىڭغا يەنە تەھدىت سالغىلى تېلېفۇن قىلغانىدى. شۆھرەتنى بىردىنلا تىترەك باستى. زۇلپىيە ئۇنى ھازىرلا سولىتۋىتىدىغاندەك پۈتۈن بەدىنىدىن سوغۇق تەر قويۇلدى. تىرەپ تۇرغان قوللىرىدا تېلېفۇننىڭ ئۇلىنىش كۇنۇپكىسىنى باستى. تېلېفۇن ئۇلىنىشىغىلا زۇلپىيەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

- جېنىم، پۇلنى تەييار قىلدىڭىزمۇ يا سوتتا كۆرىشەمدۇق؟

- ما.....ماڭا بىرنەچچە كۈن ۋاقىت بىرىڭ زۇلپىيە.....مەن چۇقۇم.....

- بولدى، سىزنىڭ قۇرۇق گېپىڭىزنى ئاڭلاشقا چۇلام يوق. ئەمسە مەن ھازىرلا بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن خوش

زۇلپىيە تېلېفۇننى ئۈزۋەتتى. شۆھرەت تېلېفۇننى قايتىلاپ ئۇلانغاندىن كېيىن دېدى:

- ماڭا بىرنەچچە كۈن پۇرسەت بىرىڭ زۇلپىيە، مەن چۇقۇم......

زۇلپىيە تېلېفۇننى يەنە ئۈزۋەتتى. شۆھرەت قايتىلاپ ئالسىمۇ ئالمىدى. شۆھرەت قايتىلاپ ئېلىۋەردى. زۇلپىيە يەنە ئالمىدى.

- ماڭا بىر نەچچە كۈن پۇرسەت بىرىڭ زۇلپىيە.

شۆھرەت مۇشۇ گەپنى تەكرالاۋەردى. تېلېفۇن ئۇلانمىغاچقا ئاچچىقىدا يەرگە ئېتىپ پارە-پارە قىلىۋەتتى. ئۇ ئەتراپىدا ئۆزىگە قاراۋاتقان ئادەملەر بىلەنمۇ كارى بولماي جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىرىدى.

- ماڭا بىر نەچچە كۈن پۇرسەت بىرىڭ زۇلپىيە!!!!!

شۆھرەت پۈتۈنلەي كاللىسىدىن كېتىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ كوچىدا ۋارقىراپ يۈرگىنىدىن خەۋەر تاپقان ياقۇپ بىلەن ھۆرىيەت ئۇنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلدى. شۆھرەت نىرۋىسىدىن ئادىشىپ يەنە شۇ گەپنى تەكرالاۋەردى. ئاتا- ئانىسى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان بولسىمۇ دوختۇرلار شۆھرەتنىڭ كىسىلىنى تاپالمىدى. شۆھرەتنى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ باققان بولسىمۇ پايدىسى بولمىدى. شۇنداق قىلىپ شۆھرەت ساراڭ بۇپ قالدى. شاۋكەت ئىنىسى بىلەن مىراس تالىشىپ ئۇنىڭ ساراڭ بولۇپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولغىنىغا قاتتىق ۋىجدان ئازابى تارتتى.

ئوغلىنىڭ ئىچ ئاغرىقىدا بىرجۈپ قەدىردانلار يۈرەك زىدىسى تارتىپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولدى. قامىتى يادەك ئىگىلىپ چىرايى زەپىرەڭدەك سارغايدى. شۆھرەتنىڭ ساراڭ بولۇپ قالغىنىدىن خەۋەر تاپقان زۇلپىيە دەررۇ شۆھرەتتىن ئادا- جۇدا بولدى..

بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا شادىيەنىڭ بالىسى ھويلىدا ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرۈپ ئويناۋاتاتتى .

يۈزلىرىگە چۈشكەن يول-يول قورۇقلار ئىلگىركىدىن كۆپىيىپ، كۆزلىرى بارغانچە خىرەلىشىپ، چاچلىرى ئاقارغان ياقۇپ بىلەن ھۆرىيەت تال بارىڭىنىڭ ئاستىدا نەۋرىسىنىڭ ئوينىغىنىغا قاراپ ئولتۇراتتى. كىسىلى خېلى ياخشىلىنىپ قالغان شادىيە ئۇلارنى چاقىردى.

- دادا-ئاپا، تاماق پىشتى. كىرىپ تامىقىڭلارنى يەۋېلىڭلار.

 ياقۇپ پەرتۇق تارتىپ چىققان شادىيەنى يېنىغا چاقىرىپ ئولتۇرغۇزدى .

- قىزىم، بىزنىڭمۇ ئىككى پۇتىمىز گۆرگە ساڭگىلىدى. تېزدىن كېيىن قالسا بالىنى ئۆزۈڭ بېقىپ چوڭ قىلىسەن. بالىنى بېقىشتىن ئىبارەت ئېغىر يۈك سېنىڭ زىممىڭگە يۈكلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈكۈڭ تېخىمۇ ئېغىر قىزىم. سەن بالىغا ئانا ھەم دادا بولىسەن. گېپىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلا قىزىم، بالاڭنى ئوبدان تەربىيلە. ئۇلار مەكتەپتە تىرىشىپ ئوقۇغانغىلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولغان بالىنىڭ كەلگۈسىدە ياخشى ئادەم بولۇشى ناتايىن. سەن كىچىگىدىن باشلاپ ئۇلارنى ئاق كۆڭۈل، مېھىر- مۇھەببەتلىك، ۋىجدانلىق ئادەم بولۇشقا يىتەكلە. ئۇلار ھەرگىز باغرى تاش، ئۆز قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمى يوق ئىنسان بولۇپ قالمىغاي. ئۇلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا ۋاپادارلىقنىڭ، ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ پەرۋىش ئەيلىگىن قىزىم. بىربالىنى تەربىيلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ توققۇزىنى تەل قىلىپ بېرىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ھەر بالىنىڭ چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولۇش بولماسلىقى كىچىك ۋاقتىدىكى ئاتا- ئانىسىنىڭ قىلغان تەربىيەلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتمىگەن بولسا ساڭا بۇ گەپلەرنى قىلمىغان بولاتتىم قىزىم. ئائىلىمىزدىن ھەرگىز قارا كۆڭۈل ئىنسانلار چىقىپ قالمىسۇن. بىز بۇ پاجىئەدىن ياخشى ساۋاق ئالايلى. جەمئىيىتىمىزدە مەڭگۈ قېرىنداشلار ئارىسىدىكى دىل ئازارى تۆگەپ، ئىناقلىقنىڭ گۈل غۇنچىللىرى ئېچىلىپ ھەر تەرەپكە خوش بۇي ھىدىنى چاچقاي.

شادىيە دادىسىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھەر بىر جۈملە سۆزنى زەن سېلىپ ئاڭلىماقتا ئىدى…

 بۇ ئەسەر شۇنىڭ بىلەن تولۇق تۈگىدى. ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ۋە تارقىتىپ قويغان ئەزىزلەرگە رەھمەت!



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章