كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
بىز ئاياللار بىچارە ئىدۇق. باشتا ئاتا ئانىمىز ئۈچۈن، كېيىن يولدىشىمىز ئۈچۈن، ئاخىرىدا بالىمىز ئۈچۈن ياشايتتۇق. ئۆزىمىز بولۇپ ياشايدىغان پۇرسىتىمىز تولىمۇ ئاز ئىدى. ھەتتا يوق ئىدى.
تۇيۇقسىز بىرىنىڭ مۆرەمنى تۇتىشى بىلەن كۆزۈمنى ئاچتىم.
- كەلدۇق سىڭلىم.. قارىسام بەك ئۇخلاپ كەتتىڭىز..
- چارچاپ قالغان ئوخشايمەن. ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ سەزمەپتىمەن..
ئورنۇمدىن تۇرۇپ سومكامنى ئېلىپ ئايالنىڭ كىچىك سومكىسىنىمۇ قوشۇپ كۆتۈرىۋالدىم.
- ھاجىتى يوقتى، بالام كۆتۈرىۋالاتتى..
- ھېچقىسى يوق. مېنىڭ ھەممە نەرسەم يولدىشىمنىڭ چامىدىنىدا، مۇشۇ كىچىك سومكامدىن باشقا نەرسەم يوق، سىزنىڭكىنى قوشۇپ كۆتۈرىۋالاي..
ئالدىمىزدىكى ئايالنىڭ ئوغلى ۋە كېلىنىگە قاراپ تۇرۇپ قالدىم، ئۇلار ئايالغا قارايدىغاندەك قىلمايتتى.
ئايالنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرگىنىمچە رەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئايروپىلاندىن چۈشتۈم.
- نېمانداق كىيىن چىقىسىز، ئادەمنى ساقلىتىپ،- دېدى قېيىن ئاپام ماڭا ئالىيىپ.
- مەن بەك ئارقىسىدا ئولتۇرۇپتىمەن. شۇڭا كېيىن قالدىم..
- بۇياق ئاپىڭىزمۇ؟ سىزدەكلا چىرايلىقكەن، ياخشىمۇسىز..
يېنىمدا ئولتۇرغان ئايال قېيىن ئاپامغا قولىنى سۇندى. قېيىن ئاپام ئۇنىڭ قولىنى بوشقىنە تۇتۇپ قويۇپ ئارقىسىغا ئۆرۈلدى.
قېيىن ئاپامنىڭ ئارقىسىدا ئوڭايسىزلانغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.
- ھەدە، ياخشى سەپەرداش بولدۇق. ساياھىتىڭىز كۆڭۈللۈك بولسۇن،- دېدىم سومكىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ.
- ئاپا، سېنى تاپالماي قالدىمغۇ، نېمانداق دېگەن يەردە تۇرمايسەن،- دېدى ئوغلى كېلىپ ئاپىسىغا قاپىقىنى تۈرۈپ.
- بالام، ئادەم بەك جىقكەن، سىلەرنى تاپالماي قالدىم..
- ئىتتىك بولمىساق ماشىنا توسالماي قالىمىز، تازىمۇ بىر، ئايالىم ئىسسىقتا ئۇزۇن تۇرسا بولمايدۇ..
يىگىت قولۇمدىكى سومكىنى ئالدى،-دە ماڭا قارىماستىن ئايالىنى قولتۇقلىغىنىچە ئالدىغا قاراپ ماڭدى. ئايالنىڭ كۆزىگە ياش يىغىلدى.
- سەت بولدى سىڭلىم، سىزنى ئاۋارە قىلدىم.. ئەمىسە كېيىن پۇرسەت بولسا يەنە كۆرىشەرمىز..
ئايال مېنى قۇچاغلىغاندا يۈرىكىم ئىزىلىپ كەتتى، ئىككى ئاجىز ھەم يالغۇز ئايال قۇچاغلىشىپ بىر-بىرىمىزگە ھارارەت بېرىۋاتاتتۇق. گەرچە پەقەت نەچچە ئېغىزلا گەپ قىلىشقان بولساقمۇ، لېكىن بىر-بىرىمىزنىڭ يۈرىكىنىڭ سوقۇشى ۋە دەردىنى ھېس قىلالايتتۇق.
ئايال كەتكەندىن كېيىن يولدىشىم ۋە قېيىن ئاپاملار تەرەپكە باردىم.
- نەدىكى ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ يۈرىدىكەنسىز، ئايروپىلاندا باشقىلار بىلەن گەپ تونۇشماي ئولتۇرسىڭىز بولمامدىكەن؟ ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكۈپلا يۈرگەن..
- كەچۈرۈڭ ئاپا، ئۇ ھەدەم ئۆزى گەپ قىلغانتى، گېپىنى يىرالماي قالدىم..
- مۇشۇ يەردە بىرنى تارتىپ قوياي.. - دېدى مۇخپىر ئارىدىكى گەپنى ئۈزۈپ.
قېيىن ئاپام شۇئان ئېكرانغا كۈلۈپ قارىدى. شۇ تاپتىكى بىزنى كۆرگەن كىشى ناھايىتى ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرى دەپ ئويلايتتى.
چامادانلارنى ئالغاندىن كېيىن بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇق. بۇ مېھمانخانا ئېسىل بولۇپ، ھويلىسىدا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار ئىدى.
- ۋاھ. بۇ يەر بولىدىكەنغۇ.. بۇ ئىسسىق ھاۋادا سۇ ئۈزسە بەك پەيزە..
- شۇ ئەمەسمۇ، سۇ ئۈزۈش كىيىمى ئېلىۋالغانمىدىڭىز؟
- ياق. مەن مېھمانخانىدا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بارلىقىنى بىلمەپتىمەن..
- نەرسىلەرنى ياتاققا ئەكىرىۋەتكەندىن كېيىن بىللە چىقىپ ئالايلى..
- سەنمۇ سۇ ئۈزەمسەن؟- دېدى يولدىشىم ماڭا قاراپ.
- ياق، مەن سۇ ئۈزەلمەيمەن،- بىر تەرەپتىن سۇ ئۈزەلمەي ئۇلارنىڭ ئۆگىتىشىگە مۇھتاج بولۇشتىن قورقسام، بىر تەرەپتىن يارىغا توشقان بەدىنىمنىڭ سۇغا تېگىپ ئېچىشىشىدىن قورقاتتىم.
يولدىشىمغا ئەگىشىپ ياتاققا كىردىم. بۇ ئىككى چوڭ كارىۋاتلىق ياتاق ئىدى.
- سەن ئاپام بىلەن يات، مەن ئوغلۇم بىلەن ياتاي.. .
- بۇ؟!- دېدىم ئىككىلىنىپ، قېيىن ئاپام بىلەن بىر ياتاقتا ياتسام قانداق ھاقارەتلەرنى ئاڭلايدىغىنىم كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى.
- ساراڭمۇسەن، مەن نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن ياتىمەن. ئۇ كەچ يېتىپ ئەتىگەن تۇرىدۇ، مەن كۆنۈپ بولالمايمەن.. مەن سىلەر بىلەن بىر ياتاقتا ياتاي، بۇ كارىۋات چوڭكەن، سەن نەۋرەم بىلەن بىر كارىۋاتتا يات، مەن يەنە بىر كارىۋاتتا ياتاي..
- ھامما، سىز مەن بىلەن بىر ياتاقتا يېتىڭ، ئىككىمىز بىللە سەيلە قىلىپ، بىللە پاراڭلىشىپ ئۇخلايمىز..
- ۋاي بۇ بولىدىغان گەپكەن. شۇنداق بولسۇن.. بۇ ياتاقنى قايتۇرىۋېتەيلى..
شۇ تاپتا مېنىڭ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىش ياكى تاللاش ھوقۇقۇم يوق ئىدى.
- مەيلى ئەمىسە، ساڭا بىر كىشىلىك كىچىك ياتاق ئەپ بېرەي..
يولدىشىمنى يانغا تارتتىم.
- بۇ ياتاقنى قايتۇرماي تۇرايلى، مەن ئوغلۇم بىلەن ياتاي، سىز ماڭا ساياھەتتە ئوغلىمىز بىلەن يارىشىپ قال دېگەنتىڭىز..
- ئوغلۇمدىن سورا، ئۇ سەن بىلەن يېتىشقا قوشۇلسا، مەندە چاتاق يوق..
ئوغلۇمنىڭ يېنىغا كېلىپ بىلىكىنى تۇتتۇم.
- بالام، مەن بىلەن يات بولامدۇ؟! ساڭا ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن. بىللە ئوينايمىز، ماقۇلمۇ؟
- ياق. مەن سەن بىلەن ياتمايمەن، دادام بىلەن ياتىمەن..
چىقىپ كېتىشكە ئاز قالغان ياشلىرىمنى تۇتىۋالدىم.
- ماقۇل. يا.. ياتاقنى قايتۇرىۋېتەيلى، مەن ئايرىم ياتاي..
- ئاۋال بۇ ياتاقتا بىر سۈرەتكە ئېلىۋالايلى، ئاندىن ساڭا ئايرىم ياتاق ئەپ بېرەي..
مۇخپىر قىز تېلىفونىدا ئۈچىمىزنىڭ قول تۇتۇشۇپ ياتاققا كىرگەن بىللە چاماداندىكى كىيىملەرنى ئاچقان ھالىتىمىزنى سۈرەتكە ئالدى. مەن ھامان سۈكۈتتە ئىدىم، ئاغزىمنى ئاچساملا يىغلاپ ئېتىلىپ كېتىشتىن قورقاتتىم.
- بۈگۈن ئايالىم،بالام ھەم ئاپامنى ئېلىپ دېڭىز بويىغا ساياھەتكە كەلدىم..
- ئوغلۇم ئائىلىسىگە بەك كۆيۈنىدۇ، ئۇ دائىم ئايالى ھەم بالىسىنى ئېلىپ ساياھەت قىلىپ تۇرىدۇ. كېلىنىم ئىككىمىزمۇ شۇنداق ياخشى ئۆتىمىز..
قېيىن ئاپام بىلىكىمدىن تۇتۇپ قويدى. ئېكرانغا قاراپ زورىغا كۈلدۈم. ھەممىمىز رول ئېلىۋاتاتتۇق.
- بولدى، بۈگۈن مۇشۇنچىلىك تارتايلى، بۇ يەردە يەنە نەچچە كۈن تۇرىمىز.. سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ يەيدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ باقايلى..
- بولىدۇ، سەن ياتاققا كىرىپ كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇرىۋال، بىرگە چىقايلى،- دېدى يولدىشىم ماڭا قاراپ.
مېھمانخانا خادىمى مېنى بۇلۇڭدىكى كىچىك ياتاققا باشلاپ كىردى، ياتاق كىچىك بولغىنى بىلەن پاكىز ئىدى. يولدىشىمنىڭ چامىدىنىدىكى نەچچە قۇر كىيىمىمنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن ياتاقتىكى كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلىدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ زالغا چىقىپ ئۇلارنىڭ ئاللىبۇرۇن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم.
دەرىزىدىن قاراپ ئۇلارنىڭ يول بويىغا چىقىپ بولغانلىقىنى بايقىدىم، ئۇلار قارىماققا بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشايتتى. مەن بولسام يات ئادەمگە ئوخشايتتىم. چىقىش ئۈچۈن قەدەم ئېلىپ بولۇپ توختاپ قالدىم، پۇتۇم ئېغىر ئىدى. نېمىشقىدۇر ئالدىمغا ماڭغۇم كەلمەيتتى.
يولدىشىمغا تېلىفون ئۇردۇم.
- نېمانداق چىقمايسەن؟ ساقلاپ كەتتۇق..
- مەن چىقماي تۇرايمىكىن، قورسىقىم ئاچمىدى، سىلەر چىقىپ يەپ كىرىڭلار..
يولدىشىم خوش دېمەستىن تېلىفوننى ئۈزىۋەتتى. دەرىزىدىن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇراتتىم.
كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ خىيالغا پېتىپ كەتتىم. يولدىشىمنىڭ نېمىشقا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنى تاللايدىغانلىقىنى، ئۆزگىرىشنى تاللاپ تۇرۇپمۇ، نېمىشقا يەنە مۇخپىر قىزنى ئەپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. ئۆز ئوغلۇمنىڭ ماڭا بۇ قەدەر ئۆچ بوپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيتتىم. بۇ ساياھەتتە زادى قانداق ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. كۆڭلۈم نېمىلەرگىدۇر خاتىرجەمسىزلىنىپ تۇراتتى.
ئەتىسى سەھەردە مېھمانخانىنىڭ ئاشخانىسىدا ئاددىيلا ناشتا قىلدۇق.
- بۇ يەرنىڭ تامىقىمۇ بولىدىكەن. بىر ئاز ئېلىۋالايلى، ھېلى دېڭىز بويىدا يەيمىز..
- بولىدۇ ھامما، مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان..
-تۈنۈگۈن ئالغان سۇ ئۈزۈش كىيىمىنى ئېلىۋالدىڭىزمۇ؟
- ئالدىم، سىزمۇ ئېلىۋېلىڭ بۈگۈن سۇ ئۈزەيلى..
- دادا، مەنمۇ سۇ ئۈزىمەن..
- سېنىڭمۇ بار بالام، ھېلى تەڭ سۇ ئۈزىمىز..
ئۇلارنىڭ پاراڭلىشىغا گەپ قوشالماي تۇرۇپ قالدىم. بۇ ساياھەتنىڭ ماڭا زادى نېمە رولى بارلىقىنى بىلمەيتتىم.
ئۇلارغا ئەگىشىپ دېڭىز بويىغا كەلدىم. مۇخپىر قىز ئۈستىگە ئارتىۋالغان يېپىنچىسىنى سېلىپ سۇ ئۈزۈش كىيىمى بىلەن ئالدىغا قاراپ ماڭدى. گەرچە كىيىم ئوچۇق بولمىسىمۇ لېكىن بەدەنگە چاپلىشىپ تۇراتتى. قېيىن ئاپام چوڭلار سۇ ئۈزۈش كىيىمى كەيگەن بولۇپ، ئىككىسىنىڭ كىيىمىنىڭ رەڭگى ئوخشايتتى.
يانغا قاراپ ئوخشاش سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىۋالغان يولدىشىم بىلەن ئوغلۇمنى كۆردۈم. پەقەت مەنلا ئېغىر ئاياق ۋە ئۇزۇن كۆينەك بىلەن تۇراتتىم.
- سەن مۇشۇ يەردە نەرسىلەرگە قاراپ تۇرغىن، بىز ئۈزۈپ كېلەيلى..
دېڭىز بويىدا ئۇلارنىڭ سۇ ئۈزۈپ خوشال ئويناشلىرىغا قاراپ تۇراتتىم. ئەتراپقا قاراپ باقتىم، ھەممەيلەن شۇنچىلىك خوشال ئىدى، پۈتۈن دېڭىز ساھىلىدە پەقەت مەنلا چۈشكۈن ئىدىم.
تۇيۇقسىز مۇخپىر قىزنىڭ تۈنۈگۈنكى«قالغانلار ئارقامدىن كېلىدۇ» دېگەن سۆزى ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
- قالغان سۈرەتكە ئالىدىغانلار قاچان كېلىدىكەن؟- دېدىم دېڭىزدىن قايتىپ چىقىپ يېنىمدا ئۈستىگە يېپىنچا يېپىۋالغان يولدىشىمغا قاراپ.
- ھە.. ئۇ.. ئۇلار كەلمەيدىغان بولدى..
- نېمىشقا؟ ئۇلار بولمىسا مۇخپىر قىز يالغۇز سۈرەتكە ئالمامدۇ..
- نېمانداق گەپ جىق گەپ سورايسەن، تارتىدىغان نەرسىلەرنى تارتىپ بولدۇققۇ.. تېلىفوندىمۇ تارتقىلى بولىدۇ، تولا گەپ سورىماي ئارام ئالساڭلا بولدى..
- تارتىدىغان فىلىم بولمىسا مەن ياتاققا قايتايمىكىن..
- سېنى كۆڭلى ئېچىلسۇن دەپ دېڭىز بويىغا ئەكەلسەم، نېمانچە قىلىسەن؟ پەقەت سىرتقا ئەچچىققۇچىلىكىڭ يوق جۇمۇ..
- مەن سۇ ئۈزەلمەيدىكەنمەن، شۇڭا كەلسەممۇ بىكاركەن..
- ھامما سىز سۇ ئۈزۈشكە ئۇستىكەنسىز جۇمۇ، ئويلاپ باقماپتىمەن..
- ئۈزمىدىمغۇ، پەقەت قىرىغا چىلاندىم.. سىز يامانكەنسىز..
قېيىن ئاپام بىلەن مۇخپىر قىز پاراڭلاشقىنىچە دېڭىزنىڭ يېنىمىزغا كەلدى. يولدىشىمنىڭ مۇخپىر قىزغا قاراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتىم. چۈنكى ئۇنىڭ بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىمى ئادەمنىڭ دېقىتىنى تارتاتتى.
- مەن سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەنگەن.. شۇڭا، بۇنداق زىيارەتكە چىقىپ باقماپتىكەنمەن، ئىشلىگەچ تازا كۆڭۈللۈك ئوينىۋالدىم..
مۇخپىر قىز ياندىكى يېپىنچىسىنى ئۈستىگە يېپىۋالدى.
- سىزدەك كېلىنى بولسا نېمە دېگەن ياخشى ھە، ئىقتىدارى بار، ئۆزى چىرايلىق، مىجەزىمۇ ياخشى..
- ۋوي، ئادەمنى خىجىل قىلدىڭىزغۇ ھامما..
- ئوغۇل دوستىڭىز بارمۇ؟
- يوق. لېكىن قوغلىشىۋاتقانلار بار..
- مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ ئوغلى بار ئىدى، شۇنداق مۇنەۋۋەر سىزگە نەق ماس كېلىدۇ..
- رەھمەت ھامما، ھازىرچە خىزمىتىمنى قىلاي.. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىزدىنىپ باقارمەن..
- ئاتا ئانىڭىز نېمىش قىلىدۇ؟ مۇشۇ ۋاقىتقىچە سوراپ باقماپتىمەن..
- ئاپام دوختۇر، دادام مۇئەللىم..
- ئېسىل ئائىلىنىڭ قىزى دېگەن ئېسىل بولىدۇ زادى، سىزنى كېلىن قىلغان ئائىلىنىڭ بەختى چىقىدۇ. كېلىن تاللىغاندا چوقۇم ئائىلىسىگە ئاتا ئانىسىغا قاراپ تاللاش كېرەككەن..
بۇ گەپ يۈرىكىمگە پىچاقتەك تەگدى. ئامالسىز كۆزۈمنى بۇراپ دېڭىزنىڭ بويىدا ھېلى سۇغا كىرىپ ھېلى قايتىپ چىقىۋاتقان ئوغلۇمغا قارىۋالدىم.
- بولدى ئاپا، بۇ گەپلەرنى قىلىشماي.. باشقا گەپنى قىلىشىڭلار.. ئوغلۇم بىردەم ئوينىۋالسا بىۋاستە تارقىتىش قىلايلى..
- بولىدۇ. بۇ يەر بىۋاستە تارقىتىش قىلىشقا بەك ماس كېلىدىكەن.. تۈنۈگۈنكى سىنلارنى يوللىسام ھەممەيلەن ساياھەت جەريانىنى كۆرسەك دەپ كەتتى..
يولدىشىم مېنى يانغا تارتتى.
- ساڭا دېسەمچۇ، كاللاڭ پەقەت ئىشلىمەيدۇ، قارا، ئوغلىمىز يالغۇز ئويناۋاتىدۇ، مۇشۇنداق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كۆڭلىنى ئېلىۋالمامسەن.. بىز ئولتۇرۇپ تۇرايلى، ئۇنىڭ يېنىغا بار..
دېڭىزنىڭ قىرغىقىغا يۈگۈرۈپ سۇ كېچىپ ئويناۋاتقان ئوغلۇمنىڭ يېنىغا كەلدىم.
- خوشال ئوينىدىڭمۇ بالام؟
- ياق.. - دېدى ئوغلۇم پۇتى بىلەن سۇنى تېپىپ.
- قانداق ئوينىغۇڭ بار؟ مەن ئوينىشىپ بېرەي..
- سەن بىلەن ئوينىمايمەن ئۆزۈم ئوينايمەن..
ئوغلۇم سۇنىڭ ئىچى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ بىلىكىگە ئېسىلدىم.
- بالام، مۇشۇنداق خوشال كۈنلەردىمۇ بۇنداق قىلما بولامدۇ، مەن ساڭا ئوينىشىپ بېرەي.. سۇنىڭ ئىچىگە كىرمە.. قىرىدا ئوينايلى..
- سەن بىلەن ئوينىمايمەن، قولۇمنى قويىۋەت..
- سۇنىڭ ئىچىگە كىرسەڭ بولمايدۇ بالام..
- مېنى قويىۋەت دەۋاتىمەن.. مەن سەن بىلەن ئوينىمايمەن..
ئوغلۇم قولۇمنى سىلكىشكە باشلىدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سۇنىڭ ئىچىگە قاراپ ماڭدىم، ئەزەلدىن دېڭىزغا كىرىپ باقمىغان مەن سۇدىن قورقىۋاتاتتىم. بېشىم قېيىپ پۇت قوللىرىم تىترەشكە باشلىدى. بىر كىچىك دېڭىز دولقۇنىنىڭ كېلىشى بىلەن پۇتۇمدىكى قۇم ئازلاپ بېشىم قېيىپ سۇغا يىقىلدىم. بالا قولۇمدىن ئۈزۈلۈپ چىقىپ كەتتى...
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇