كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
مالچى ھەدەم يەرگە چۈشۈپ قالغان ئاجرىشىش خېتىنى قولىغا ئالدى.
- بۇ؟!
- ۋوي. چۈشۈپ قاپتۇ-دە…
ئاجرىشىش خېتىنى قولۇمغا ئېلىۋالدىم. مالچى ھەدەم مۆرەمنى تۇتتى.
- مۇبارەك بولسۇن. ئاخىرى ئەركىنلىككە چىقىپسىز…
- شۇنداق. يىغلايدىغان يىغىنى يىغلاپ بولدۇم. ئەمدى قەددىمنى رۇسلايمەن…
يېشىمنى زورىغا تۇتىۋالدىم.
- توغرا، ئاجرىشىش بەزىلەرگە نىسبەتەن ئاخىرلىشىشتۇر، لېكىن سىزگە نىسبەتەن باشلىنىش…
- شۇنداقتۇر بەلكى، ھەدە، ماڭا قانداق ئېغىر ئىش بولسا دەڭ بولامدۇ؟ مەن قىلاي…
- ھازىرقى خىزمىتىڭىز بولىدۇ… ئۆزىڭىزگە بۇنچە جاپا قىلىۋالماڭ، شۇنچە يىلدىن بېرى ئىشلىمەي چىقىپلا ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالسىڭىز بولمايدۇ…
- شۇ ئەمەسمۇ، توشۇيدىغان ئىشلارغا ھەدەم ئىككىمىز بار…
- قارىسام زاكاس كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. ئىككىڭلار يېتىشىپ بولالمىساڭلار مەن قارىشىپ بېرەي…
- بولىدۇ، يېتىشەلمىگەندە بىز سىزگە دەيمىز، ھېچ بولمىسا بىر ئىككى ھەپتە بۇ خىزمەتنى چۈشىنىپ ماسلىشىۋېلىڭ… .
- ماقۇل… سىلەرگە رەھمەت ھەدە…
- يېقىندا مەن باشقا تۈرلەرنىمۇ قوشىمەن، شۇنىڭغا ئەسقاتىسىز، سىز بىر ئاجىز ئايالكىشى مال توشۇيمەن دېمەڭ،- دېدى مالچى ھەدەم يۈزۈمنى سىيلاپ.
- ھەدە، سىزمۇ ئايالكىشىغۇ، سىز توشىسىڭىز مەن قانداق قاراپ تۇرىمەن…
- مەن دېگەن مال توشىغىلى نەچچە يىل بولدى، بىلەكلىرىم سەزمەس بوپ كەتتى…
ئۇ زورىغا كۈلۈپ بىلىكىگە قاراپ قويدى.
- بىز توردا ئېلان بېرىپ قويدۇق، مۇۋاپىق ئادەم چىقسىلا ھەدەم ئىشخانىدا ئولتۇرىدۇ، سىلەر ئاياللار ئىشخانىدا ئولتۇرىسىلەر، بىز سىرتنىڭ ئىشىنى قىلىمىز…
- شۇنداق شۇنداق. يەنە كېلىپ يېقىندا يېڭى تىجارەت قىلماقچى، شۇنى قىلالىساق مەن ئىشخانىدا ئولتۇرۇپلا ئىشلەيمەن. سىرتقا مال توشىمايمەن…
- قانداق يېڭى تىجارەت ؟ مېنىڭ ياردىمىم تېگەمدۇ؟
- تېخى ئېنىق ئەمەس، بىر نەچچە تۈر بار، بىرنى تاللاپ قىلايلى دەۋاتىمىز… ئىككى ئاي كۈچەپ ئىشلىۋەتسەك پۇل ياخشى كىرسە، مەبلەغ سالالالايمىز… .
- بەك ياخشى بولدى. ئىشلىرىمىز ياخشى بولسا مەنمۇ خوش بولىمەن…
ئىككەيلەن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ يەنە نومۇر رەتلەپ قايتۇرۇشقا باشلىدىم. خاتىرلەنگەن نومۇرلارغا قايتۇرۇپ بارلىق ئۇچۇرلارنى خاتىرلىگەندىن كېيىن يەنە كىتاب كۆرۈشكە باشلىدىم. بىر كىتابتا ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئەپچىل چارىلەر يېزىلغان بولۇپ، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا دېقىتىم چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭغا پەقەت، سودا، لېمون ۋە سۇلا كېتەتتى. يانفوندا سۈرەتكە تارتىۋالغاندىن كېيىن جايىغا قويۇپ قويدۇم. بۇ ئۇسۇل مەندەك يېنىدە كۆپ پۇل يوق ئادەمگە ياخشى ئەسقاتىدىغاندەك قىلاتتى.
چۈشتىن ئاشقاندا مالچى ھەدەم بىلەن ياردەمچىسى قايتىپ كەلدى.
- بۈگۈن بەك ئىسسقكەن… تاماقمۇ گەلدىن بەك تەستە ئۆتتى… - دېدى ياردەمچى شەپكىسىنى ياندا قويۇپ.
- شۇ ئەمەسمۇ، ئازىراقمۇ شامال يوق. شۇنداق دېمىق…
ئىككىسى ياندا ئارام ئېلىشقا باشلىدى. مەن بولسام قورسۇقۇمنىڭ كۇرۇلداپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇردۇم.
- سىلەر سىرتتا تاماق يېگەن بولساڭلار، مەن تاماققا چىقىپ كىرەي…
ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەستىكى دەرەخ سايىسى چۈشكەن ئورۇندا ئولتۇردۇم. يولدىشىم ئالدىنقى قېتىم ھاقارەت بىلەن بەرگەن پۇل تۈگەپ، يېنىمدىكى پۇل بىر ۋاخ تاماق يېيىشكىمۇ يەتمەيتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئالدىدا تاماق يېمىدىم دەپ ئولتۇرۇشتىن تاماق يېيىشنى باھانە قىلىپ چىقىپ كېتىش ئەڭ ياخشى چارە ئىدى.
بىر تاماق ۋاقتىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىشخانىغا قايتىپ كىردىم. مالچى ھەدەم ئورۇندۇق ئۈستىدە، ياردەمچى بولسا ياندىكى سافادا ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئىككەيلەننىڭ بۇ ھالىتىدىن ھېرىپ كەتكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
تۇيۇقسىز كەلكەن بىر تېلىفون بىلەن ئۈچىلىمىز چۆچۈپ كەتتۇق. تېلىفوننى ئېلىپ يىغلاۋاتقان بىر ئايالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.
- ئالدىرىماي سۆزلەڭ ھەدە، نېمىش بولدى؟
- مېنىڭ نەرسىلىرىم بار ئىدى، كېلىپ توشۇشۇپ بەرگەن بولساڭلار…
- بولىدۇ بولىدۇ، بىز ئادەم ئورۇنلاشتۇرايلى…
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلانى خاتىرلەپ مالچى ھەدەمگە سۇندۇم.
- ھەدە، ئۆيى سەل يىراقتىكەن، جاپا تارتىدىغان بولدۇڭلار، كۆڭلى بىئارام ئايالدەك قىلىدۇ. مال سالمايدىكەن، ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى باشقا يەرگە توشۇيدىغان ئوخشايدۇ…
- لېكىن بۇ بىزنىڭ مۇلازىمەت ئىچىدە يوق…
- قارىسام يىغلاۋاتىدۇ،شۇڭا گېپىنى يىرالمىدىم…
- ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى بەك ئېغىر بولىدۇ، ياردەمچىم ئىككىمىز ئاجىز كېلىمىز…
- ياق، پەقەت بىر نەچچە سومكا ھەم كىيىم كېچەككەن…
مالچى ھەدەم خاتىرلەنگەن ئۇچۇرغا قاراپ قويغاندىن كېيىن، ياردەمچىنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
يۈرىكىمدە نېمىلەرگىدۇر ئەنسىرەپ تۇراتتىم.
ئىشتىن چۈشۈشكە يېقىن مالچى ھەدەم بىلەن ياردەمچىسى خاپا ھالەتتە قايتىپ كەلدى.
- نېمىش بولدى ھەدە؟ ئېغىر نەرسىلەرمىكەن؟
- ياق. ئېغىر ئەمەسكەن…
- ئەمىسە چىرايىڭلار تازا خوشال ئەمەستەكقۇ…
- بۇ ئايالنى بالىسى تۇرغۇزماپتۇ، ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىجارىسى توشۇپتىكەن، ئىگىسى قوغلاپ چىقىرىپتۇ…
- ئاجايىپ ۋاپاسىز بالىلار بولىدىكەن، تويلا قىلىۋالسا ئانىسىنى ئۇنتۇيدىكەن…
- بۇ؟! بۇ قانداق گەپ. بىلەلمەي قالدىمغۇ…
- بۇ ئايالنى ئۆينىڭ ئىگىسى قوغلاپ چىقىرىپتىكەن. بىزدىن ياردەم سوراپ تېلىفون ئۇرۇپتۇ، لېكىن نەگە بېرىشىنى بىلمەيدىكەن. نەرسىنى نەگە ئاپىرىشنى بىلمەي قالدۇق…
- ماڭا بىر ئورۇننى دېگەنتىغۇ…
- بىزنى كەلمەي قالمىسۇن دەپ شۇنداق دەپ قويۇپتىكەن…
- ھەي، تازىمۇ كېلىشمەسلىك بوپتۇ… بىكار يول مېڭىپسىلەر، ھەممىنى قىلغان مەن، ئېنىق سۈرۈشتە قىلمايلا سىلەرگە دەپتىمەن…
- بۇ سىزدىكى خاتالىق ئەمەس… ئۇ ئايال باشتا ئېنىق گەپنى دېمىگەندىكىن…
- شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالنى يالغۇز قويدۇڭلارمۇ؟
- قانداقمۇ ئۇنداق قىلاي، مەنمۇ ئايالكىشى تۇرسام…
- ئۇنى ھەدەم ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋالدى…
مالچى ھەدەمنىڭ قولىنى تۇتتۇم.
- ھەدە، سىز بەكلا ئاقكۆڭۈل، چوقۇم كېيىن بەك چوڭ بەختىڭىز كېلىدۇ…
- بۇ ئايالنىڭ بالىسىغا تېلىفون ئۇرساق پەقەتلا ئالمىدى… سىرتتا ساياھەتتىكەن… ئايالىنىڭ بويىدا بار، بالام كېلەلمەيدۇ دېگەندەك قىلدى…
تۇيۇقسىز ئايروپىلاندا ئۇچراپ قالغان ھېلىقى ئايال ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
تېلىفونۇمنى چىقىرىپ ئۇ ئايال ئۇرغان نومۇرغا قاراپ خاتىرلىگەن نومۇر بىلەن سېلىشتۇردۇم.
- ۋاي. بۇ ئىشنى كۆرۈڭ…
- نېمىش بولدى؟
- بۇ ئايال ساياھەتكە چىققان ئايروپىلاندا مەن بىلەن بىر يەردە ئولتۇرغانتى…
- بايا دېسىڭىز بولماسمىتى…
- مەن تونىماپتىمەن. بالىسى ساياھەتتىكەن دېگەنىدىڭىز، ھازىر نومۇرىغا قاراپ باقتىم… دەل مۇشۇ نومۇركەن… ئۇ كەلگەندە ماڭا ئۆينىڭ ئىجارىسى توشۇپ قالغىنىنى دېمىگەنتى…
- بەلكى سىزگە دېگۈسى كەلمىگەندۇ، يوشۇرغاندۇ…
- بۇ ئايال كېلىنىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىلى بېرىپتىكەن، لېكىن كېلىنى يامان كۆرۈپ يولدىشىغا داتلاپ ئامالسىز ئارقىسىدا قايتىپتىكەن…
- ھەي، بىز ئانىلار نېمانچە جاپاكەش…
- ئۇنى تولۇق چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ بىچارىدەك ھېس قىلدىم. ياردەم قىلغىنىڭىز بوپتۇ ھەدە…
- شۇنداق.ئۇنى ئۇ يەردە يالغۇز تاشلاپ قويغۇم كەلمىدى… مەنمۇ يالغۇز، يېنىمدا بىر ئادەمنىڭ تۇرغىنىمۇ ياخشى…
- بۇ ياخشىلىقلار چوقۇم سىزنىڭ پىشانىڭىزگە بەخت قۇشى بولۇپ قونىدۇ،- دېدى ياردەمچى مالچى ھەدەمگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ.
- بولدى، قايتىپ ئارام ئالغىن… سەن بۈگۈن بەك چارچاپ كەتتىڭ…
- بولىدۇ ھەدە، ئەمىسە ياخشى ئولتۇرۇڭلار مەن قايتىپ ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاي…
مالچى ھەدەم ياردەمچىنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قويدى.
- مۇشۇنداق ۋاپادار بالىلارمۇ بار، ئاۋۇنىڭدەك ۋاپاسىز خوتۇن ئېلىپلا ئانىسىنى تاشلايدىغان بالىلارمۇ بار…
- شۇنداق. بالىنىڭ ياخشى يامىنى بولىدىكەن… ھەممىسىلا ۋاپادار بولمايدىكەن…
- مۇشۇ ئىنىم ئالغان قىزبالىنىڭ بەختى چىقىدۇ… ئاپىسىنىڭ ھالىدىن شۇنچىلىك ياخشى خەۋەر ئالدى، ئادەتتە تۇرمۇشىدا پەقەت قالايمىقان ئىش يوق… ئەگەر مەن ياش بولغان بولسام چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان بولاتتىم…
- مۇھەببەت ياش تاللىمايدۇ ھەدە…
- ئۇ ئەمدى 26ياش. مەن 40 نەچچە ياش، يەنە كېلىپ مەن تۇغالمايمەن… ئۇنىڭغا ئادالەتسىزلىك بولىدۇ… ۋوي، نېمىلەرنى دەپ كەتتىم… مېنىڭ نەدىمۇ تاللاش ھوقۇقۇم بولسۇن… ئۇ مېنىڭ ياردەمچىم، ياخشى ئىنىم. ئېسىل قىزلار چىققان بولسا ئاپىسىنىڭ ھايات چېغىدا تويىنى قىلىپ قويغان بولاتتىم…
مالچى ھەدەم كۈلۈپ قويدى.
- ھەدە، تاللاش ھوقۇقىڭىز بار، سىز شۇنچىلىك مېھرىبان ھەم كۆيۈمچان ئايال، دىلىڭىز دەريادەك كەڭرى…
- ئاشۇرۇپ ماختىۋەتتىڭىز، مەن لاياقەتلىك ئايال ياكى ئانا بولغان بولسام بالامنى يۈتتۈرىۋەتمىگەن بولاتتىم، ئاجراشمىغان بولاتتىم…
- مەنمۇ شۇغۇ، ئۆزۈمنىڭ بالىسىنىمۇ يېنىمدا ئېپ قالالمىدىم… ئۆز دادامنىڭ ئۆيىگىمۇ پاتمىغىلى ئاز قالدىم… بەزىدە ئۆزۈمنى زادى نېمىشقا ياشايدىغاندىمەن دەپمۇ قالىمەن…
- بۇ؟! دادىڭىز بىرەر نەرسە دېدىما؟
- ئۇ بۇ ئارلىقتا ماڭىمۇ دېمەي قايتىدىن توي قىپتۇ… ئۇ ئۆيگە كىرسەم مېنى چىقىرىۋېتىپ ئىجارە تاپشۇرىدىغان بولۇپ دېيىشىپ ئاران تۇردۇم… ھاھا… ئۆزۈمنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيى…
- نېمىشقا ماڭا دېمەيسىز، مېنىڭكىدە ھەقسىز تۇرسىڭىز بولاتتىغۇ…
- تۇققىنىم بار تۇرۇپ سىزنىڭكىدە تۇرسام بولمايدۇ ھەدە، ھېلىمۇ ماڭا كۆپ ياخشىلىق قىلدىڭىز، قانات ئاستىڭىزغا ئالدىڭىز… مەن بۇ ياخشىلىقلىرىڭىزغا قەرز بولۇپ كەتتىم… قايتۇرۇشقا ھازىرچە ماغدۇرۇم يەتمەيدۇ…
- ئايالكىشى دېگەن ئايالكىشىگە ياردەم قىلىدىغۇ، ئاچا سىڭىلدەك بوپ قالغاندا دەۋاتقان گېپىڭىزنى قاراڭ…
- ئۇ ئۆيدە ئاپامنىڭ پۇرىقى بار، ئۇ كىچىكىمدە تۇرغان ئۆي، توي قىلىپ نۇرغۇن يىللاردىن بېرى بارالمىدىم، قونۇپ باقمىدىم، شۇڭا تۇرغۇم كەلدى…
- ھەي، مېنىڭمۇ ئاتا ئانامنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغۇم بار، لېكىن ئۇ ئۆينى سېتىۋەتتىم… ماۋۇ ئۆينى ئالغانتىم، لېكىن شۇنچىلىك سوغۇق بىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئۆيدە ھېچقانداق ئەسلىمەم يوق…
- مەنمۇ ئۇ ئۆيدىن ئاپامنىڭ پۇرىقىنى تاپالمىدىم… شۇنچىلىك ناتونۇش… ئايالكىشى چوڭ بولۇپ ئۆزى تۇغۇلغان ئۆيگە پاتماي قالىدۇ دېگەننىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئەمدى چۈشەنگەندەك تۇرىمەن…
- بۈگۈنكى ئايالدەكمۇ؟
- ئۇ ئايالنىڭ دېيىشىچە بالىسى ئۆزىدىن ئېسىل يەردە ئىشلەيدىغان باي ئائىلىنىڭ قىزىنى ئاپتىكەن… شۇڭا ئۇ ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە تۇرالمايدىكەن…
- چىرايىغا قارىساممۇ سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇرىدۇ…
- ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىنىڭىزدىن خوش بولدۇم ھەدە…
- ھېچقىسى يوق. مەنمۇ ئۆيسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ باققان، باشقىلارنىڭ بۇنداق كۈن كۆرىشىنى خالىمايمەن… بىز نۇرغۇن ۋاقىتلاردا باشقىلارغا ياردەم قىلدۇق دەپ ئويلايمىز، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزگە ياردەم قىلىمىز… شۇلارنى قۇتقۇزۇش ئارقىلىق يۈرىكىمىزدىكى ئاجىز ھەم بىچارە ئۆزىمىزنىڭ قۇتقۇزىمىز…
- مېنىڭچىمۇ شۇنداق. لېكىن مەن ھازىر ئۆزۈمنىمۇ قۇتقۇزالمايۋاتىمەن…
- مۇنداق قىلايلى. بۈگۈن مەن سىزنى ئۆيگە چاقىراي. ئاندىن ھېلىقى ھەدىمىز بىلەن ئىككىڭلارنى مېھمان قىلاي… قانداق؟!
- ئەسلى مەن قىلسام بولاتتى ھەدە… داۋاملىق سىزنىڭكىنى يەپ سىزنىڭكىنى ئىشلىتىپ ئۆزۈمنى قەرزداردەك ھېس قىلىمەن…
- سىز تېخى يېقىندا تۇرمۇشتىن چىقتىڭىز… قەرز قايتۇرىمەن دېمەي پۇل يىغىڭ. ئېسىل ياشاڭ. شۇ چاغدىلا ئاندىن ماڭا جاۋاب قايتۇرغان بولىسىز…
- بولىدۇ ھەدە، چوقۇم شۇنداق قىلىمەن. چوقۇم ئۆزگىرىمەن…
مالچى ھەدەمگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتىم.
مالچى ھەدەمنىڭ ئۆيى بۇ شەھەردىكى خېلى چوڭ ئولتۇراق رايوندا بولۇپ، باھاسىنى بىلمىسەممۇ بۇ ئولتۇراق رايوندىكى ئۆيلەرنىڭ ئۇنچە ئەرزان ئەمەسلىكىنى بىلەتتىم.
- ھەدە، بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ يېشىللىقى بەك ياخشىكەن… ئىچىمۇ چوڭكەن… مەنچە ئەرزان ئەمەسقۇ دەيمەن…
- شۇنداق. خېلى قىممەتكەن… بۇ يەرنى ياخشى كۆرەتتىم… شۇڭا ئالدىن ئالىدىغان پۇلىنى يىغقان ھامانلا تاپشۇرىۋەتتىم، قالغىنىغا ھەر ئايدا پۇل تاپشۇرىمەن…
- ھە، ئايدا قەرز تاپشۇرسىڭىز جاپالىققۇ دەيمەن…
- ھەممىنى تاپشۇرۇشقا پۇلۇم يەتمەيدۇ… لېكىن ھەر ئايدا سودا ياخشى بولغاچقا يەنە تۆلەپ كېتىۋاتىمەن… ئىشقىلىپ بىر ئىشنى قىلساق شۇنىڭغا چۇشلۇق كىرىم بولىدىكەن… تىرىشقان بىكار قالمايدىكەن…
- مەنغۇ ھازىرقى ھالىم بىلەن بىر ئۆمۈر بۇنداق ئۆيلەرنى ئالالمايمەنغۇ دەيمەن…
- ئۈمىدسىز بولماڭە… سىز خېلى خېلى ئادەملەردىن بەختلىك. ھازىر شۇنداق ئەركىن، ئۆزىڭىز خالىغان ئىشنى قىلالايسىز، ئىشىنىمەن. بىر كۈنى تاپالايسىز…
- شۇنداق بولسىكەن…
پاراڭلاشقانچە لېفىتقا چىقىپ كەتتۇق. مالچى ھەدەم ئىشىكنى ئېچىشى بىلەن سافادا ئولتۇرغان ئايالنى كۆردۈم.
- ۋوي، سىڭلىم… بۇ سىزغۇ،- ئۇ ئورنىدىن تۇردى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇