كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى تۇرسۇنتوختى توختىروزى شۇڭقار قەلىمىدە پۈتكەن، ئۈنبەر ستودىيىسىدە ئاۋازغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «قارا كۆڭۈللەر» ناملىق رومان. ئەزىز دوستلارنىڭ بىزنى قوللاپ ئالدى بىلەن مۇشۇ ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇپ ئەسەر ئاڭلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم | 3-قىسىم |
4-قىسىم | 5-قىسىم | 6-قىسىم |
7-قىسىم | 8-قىسىم | 9-قىسىم |
10-قىسىم | 11-قىسىم | 12-قىسىم |
13-قىسىم | 14-قىسىم | 15-قىسىم |
16-قىسىم | 17-قىسىم | 18-قىسىم |
19-قىسىم | 20-قىسىم | 21-قىسىم |
22-قىسىم | 23-قىسىم | 24-قىسىم |
25-قىسىم | 26-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسمى
♥يازما نۇسخىسى♥
-شۆھرەت، نېمە دېگىنىڭ بۇ؟ بىز سېنىڭ تويۇڭنى قىلمايمىز دەپ كۆز يۇمۇپ ئولتۇرۋالغىنىمىز يوققۇ، پەقەت شۇ…ئاچاڭنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ئاندىن……
ياقۇپنىڭ گېپى تۈگىمەيلا شادىيە ئېغىز ئاچتى.
- بولدى دادا-ئاپا، سىلەر ئۆيگە قايتىپ شۆھرەتنىڭ توي ئىشىنىڭ غېمىنى قىلىڭلار سىلەرنى تەڭلىككە سالغۇم يوق.
- شۆھرەتمۇ، سەنمۇ مېنىڭ بالام. ھازىر توي ئىشىغا قارىغاندا جاننى قۇتقۇزۇش مۇھىم. مەن ساڭا دەيدىغاننى دېدىم شۆھرەت. ئاچاڭ ساقايغاندىن كېيىن سېنىڭ توي ئىشىڭنى ئويلىشىمىز. ناۋادا مېنى ئوخشاش كۆزدە كۆرمىدى دەپ ئويلىساڭ ئۇمۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىختىيارى،- دېدى ياقۇپ تەئەددى بىلەن.
- ماقۇل ئەمسە، مەن سىلەرگە گەپنى ئۇچۇق دەپ قۇياي. زۇلپىيە ئىككىمىز تويدىن ئىلگىرى ئۆي بىلەن ماشىنا ئېلىشنى ئويلاشتۇق. يەنە توي چىقىمىمۇ بار. بۇنىڭغا ئىدىيەڭلەردە ئۇبدان تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلار،- شۆھرەت گېپىنى تۆگىتىپلا ئاتا-ئانىسنىڭ بىرنەرسە دېيىشىنى كۈتمەيلا ياتاقتىن چىقىپ كەتتى.
ھۆرىيەت بىلەن ياقۇپ يەر تېگىدىن بىر-بىرىگە قارىىشۋالدى. ئۇلار بىرنەرسە دەي دېسە شادىيەگە بېسىم قىلىپ قويۇشنى خالىماي ئۈندىمىدى.
****************************
شۆھرەت ئىچى پۇشقان ھالدا دوختۇرخانا سىرتىغا چىقتى. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاكىسى بىلەن ئاچىسىغا كۆيۈنىشىدىن سەل قۇرسىقى كۆپتى.
« مۇشۇ دادام-ئاپامنىزە، نېمە قىلىدۇ دەيمەن ئۆي- ئوچاقلىق بولغان ئادەمنىڭ قەرزىنى تۆلەپ؟ ئاكامنى ئوقۇتۇپ تويىنى قىلىپ بولغاندىكىن ئۇ ئۆز غېمىنى ئۆزى قىلسا بۇلاتتىغۇ. ئاچامنىڭ ئىرى ئۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ بەرىبىر ئۇ توي قىلىپ بولغان خۇتۇنغۇ. ئۇنىمۇ ئۆز ھاجىتىڭدىن ئۆزۈڭ چىق دېمەي ئاغرىپ قالسا داۋالىتىپ، يەنە تېخى ئاۋۇ ئىككى شۇمىنى بېقىپ بىرىپ يۈرۋاتمامدۇ. ماڭىلا كەلگەندە باھانە-سەۋەپلىرى تۆگىمەيدىغۇ بۇلارنىڭ. قارىغاندا بوش تۇرسام بۇلارنىڭ قولىدىن پۇل چىقمايدىغان چىراي »
يانفۇنىنىڭ سايرىشى بىلەن شۆھرەتنىڭ خىياللىرى ئۈزۈلدى .
- قانداق ئەھۋالىڭىز جېنىم؟ مەن تېلېفون قىلمىسام ماڭا بىرەر قېتىم تېلېفون قىلايمۇ دېمەيسىزغۇ،- دېدى زۇلپىيە يانفۇندا ئاۋازىنى سوزغىنىچە،- ئاتا ئانىڭىز بىلەن كۆرۈشتىڭىزمۇ؟ ئۇلار نېمە دەيدۇ ؟
شۆھرەت زۇلپىيەگە نېمە دېيىشنى بىلمەي ئىككلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن راست گەپنى قىلدى.
- ھەئە، كۆرۈشتۈم. ئاچام كىسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاچقا بۇ ئىشلارنى ئېيتالمىدىم. ماڭا يەنە بىر ئاز ۋاقىت بېرىڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا-ئانام يېقىندا ئاكامنىڭ قەرزىنى تۆلىدى. ئۇلاردىن قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بۇنچىلىك كۆپ پۇل چىقىشى ناتايىن.
- نېمە تۈگىمەيدىغان باھانە سەۋەبلەر بۇ؟ ھېلى ئاچام ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ دەيسىز. ھېلى ئاكام قەرزگە پېتىپ قاپتۇ دەيسىز. بىز بۇ توينى قىلامدۇق قىلمامدۇق؟ يەنە كەينىگە سۆرەيدىغان بولسىڭىز، گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلىڭ. مەنمۇ ئۆزۈم بىلگەنچە ئىش قىلاي،- دېدى شادىيە تەھدىت ئارىلاش .
- زۇلپىيە، ھە دېسىلا ماڭا تەھدىت سالماڭ. سىز ماڭا پات-پات ئەسكەرتىش بېرىپ تۇرمىسىڭىزمۇ مەنمۇ شۇنىڭ كويىدا ھازىر .
- ماقۇل ئەمىسە، سىزگە بىر ھەپتە ۋاقىت بېرىمەن. بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە ئۆي بىلەن ماشىنا ئالغۇچىلىك پۇلنى تەييار قىلمىسىڭىز سوتتا كۆرۈشىمىز.
شۆھرەت ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ قويدى .
« بالاغا قالدىممۇ ئەمدى، زۇلپىيەنىڭ بۇنچىلىك زەھەرخەندە ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن. نېمە پوقنى يەپمۇ بارغان بولغىيتتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە؟ شۇنداق مۇلايىم، نازاكەتلىك، گۈزەلئايدىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم. بۇ زۇلپىيە مېنى نېمانچە تەتۈر قىينايدىغاندۇ؟ ئاتا ئانامدا نەدىمۇ ئۇنچە كۆپ پۇل بولسۇن؟ تازىمۇ تەڭلىك بولدىغۇ ئادەمگە؟ بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە ئاتا ئانام ئۇنچىلىك كۆپ پۇلنى قانداق تەييار قىلالايدۇ؟ »
**************************
شادىيە دوختۇرخانىدا ياتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە زاھىرنىڭ ئايالى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. سۇخانىدا قايناق ئېلىۋاتقان يەردە شادىيەنى ئۇچراتقان زاھىرنىڭ ئايالى پەرىدە كۆزلىرىدىن يۇم-يۇم ياش تۆككىنىچە دەرت سۆزلىدى.
- زاھىر ئۇ.......ئادەم ئەمەسكەن شادىيە. ئۇ يوقىلاڭ باھانىلەرنى كۆرسىتىپ مېنى ئانامنىڭ ئۆيىگە قوغلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇ ھە دېسىلا باشقا ئاياللار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرۈپتۇ. ئۇ ئىككى كۈن ئىلگىرى ئىرى بار بىر چوكاننىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئىككىسى بۇزۇقچىلىق قىلىۋاتقاندا ئىرى كىرىپ قېلىپ ئۇنى ئاختا قىلۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەقەت نامدىلا ئەركىشى بولۇپ قالدى. دوختۇرلار ئۇنىڭ ھاياتىنىلا قۇتقۇزۇپ قالغان بولدى خالاس.
شادىيە پەرىدەگە نېمە دەپ تەسەللى بىرىشنى بىلەلمىدى. زاھىرنىڭ قىلغىنىغا لايىق بەدەل تۆلىگىنىدىن خۇشال بولسىمۇ لېكىن بىچارە پەرىدەنىڭ ئازابىغا يەنە ئىچ ئاغرىتماي تۇرالمىدى.
بىر ھەپتىدىن كېيىن شادىيە دوختۇرخانىدىن چىقتى. دوختۇر ئۇنى « ئۆيدە ئوبدان كۈتۈنسۇن. دورىلىرىنى ۋاقتىدا يېسۇن، ئېغىر ھەرىكەت قىلمىسۇن » دەپ كۆرسەتمە بېرىپ ئۆيگە قايتۇرىۋەتكەن ئىدى.
ياقۇپ بىلەن ھۆرىيەتنىڭ كاللىسىغا ئېغىر غەم چۈشكەن ئىدى. شۆھرەت ھە دېسىلا پۇل دەپ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتاتتى .
- ئەجەب قىيىن كۈنگە قالدۇق دېسە دادىسى، شادىيەنى داۋالىتىپ يېنىمىزدا بىر تىينمۇ قالمىدى. بۇ شۆھرەت دېگەن بالا ھېچ ھالىمىزغا يېتىپ قويايمۇ دېمەيدۇ،- دېدى ھۆرىيەت شادىيە ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن دەرت تۆكۈپ .
- ئەسلىدە بىز بەك نادانلىق قىلىپتىمىز. شاۋكەت دېگەن لايغەزەل يۈز مىڭ كوي قەرزگە بوغۇلۇپ قالغاندا ئۇنىڭغا ئالدىراپلا ھەممە پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويۇپتىمىز. ئەسلىدە ئۇ ئۆزى تېرىغان ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىققان بولسىمۇ بوپتىكەن. مانا ئەمدى شۆھرەتنىڭ تويىنى قىلىپ قويايلى دېسەك يېنىمىزدىن بىر تىيىن پۇل چىقمايدۇ. قانداق قىلساق بولاركىن تاڭ؟
- قېرىغاندا نېمە غەم بۇ بىزگە؟ كىچىك چاغدا كىچىك دەپ باقتۇق. مانا ئەمدى ئوقۇتۇپ خىزمەتكە چىقىپ بولغاندىمۇ بۇ بالىلارنىڭ دەردى تۈگىمەيۋاتىدۇ. بۇ ياشقا كەلگەندە بىز بالىلارنىڭ غېمىنى ئەمەس، بالىلار بىزنىڭ غېمىمىزنى يېيىشى كېرەك ئىدى. مۇشۇ شادىيەدىن باشقىسىدا ۋاپا دېگەن نەرسىدىن ئەسەرمۇ يوق بۇ بالىلاردىن .
- بولدى ئانىسى، بۇ گەپلەرنى دەۋەرگەننىڭ نېمە پايدىسى؟ شۆھرەت بىزگە ھەر كۈنى پۇل دەپ قىستاۋاتسا ئۇنىڭغا يوق، دەۋەرگىلى مەن خىجىل بولۇپ قالدىم.
- بەك بولمىسا، شەۋكەتكە پۇل دەپ باقامدۇق يا دادىسى .
- شەۋكەتمۇ بىزنىڭ بالىمىز تۇرسا، مەن ساڭا يۈز مىڭ كوي بەرگەن ئەمدى قايتۇرۇپ بەر دېگىلى بولسۇنمۇ؟
- قانداق قىلىمىز ئەمىسە؟ شا ۋكەتكە بولغان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ دېسەك ئۇ بىزنىڭ ھالىمىزغا يېتىپمۇ قالار. ئۇ ئىككىسى بەرىبىر قېرىنداشقۇ .
- قارىغاندا شۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق ئوخشايدۇ. لېكىن ئۇنىڭمۇ بىر ئىشى ناتايىن. شاۋكەت گۈلگىنەدىن ئۆلگۈدەك قورقىدۇ. بۇ ۋاپاسىز بالا شادىيەنىڭ ئاغرىپ قالغىنىدىن خەۋەر تاپقان تۇرۇقلۇقمۇ بىرەر قېتىم دوختۇرخانىغا يوقلاپ كېلەيمۇ دېمىدى.
- ھەر ھالدا دەپ باقايلى دادىسى. ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار دەپتىكەن.
بالىلىرىنىڭ دەردىدە يۈرىكى سەكپارە بولغان بۇ بىر جۈپ قەدىردانلار شۇنچىلىك قورىنىش ئىچىدە شاۋكەتكە تېلېفون قىلدى. ئۇلار ئۆز ئوغلىغا ئەمەس خۇددى بىر بۇردا نانغا زار بولغان تىلەمچى سۈپىتىدە شەۋكەتكە يىلىنىش ئاھاڭىدا دېدى.
- ئوغلۇم ئەسلى دېمەي دېگەن ئىدىم. بېشىمغا ئېغىر كۈن چۈشتى. سەن ياردەم قىلمىساڭ بولمىدى ئەمدى .
- ھە، دېگىنە دادا؟ بېشىڭغا قانداق كۈن چۈشتى؟ گەپنى ئەگىتمەي غاچ- غاچ دېگىنە، مەن ئالدىراش.
- ئەسلى دېمەي دېگەن ئىدىم بالام. ماڭىمۇ تەڭلىك بولۇپ قالدى. سېنىڭمۇ خەۋىرىڭ بار. شادىيەنى داۋالىتىشقا يىگىرمە مىڭ كويغا يېقىن پۇل كەتتى. ئەمدى شۆھرەتنىڭ تويىنى قىلغىلى پۇل يوق دېگىنە، مېنى پۇل تۇتتى دەپ كۆڭلىگە كېلىپ قالمىسۇن بالام. ئىنىڭنىڭ تويىنى قىلىشتا ساڭا تايىنىدىغان ئوخشايمىز ؟
شەۋكەت قوپاللىق بىلەن دېدى:
- ئۇياقتىن بەرگەن پۇلۇڭنى بۇياقنى تۇتمىساڭمۇ بولىدىغۇ. خۇددى مەن ئۇ پۇلۇڭنى ئېلىپ بىر يەرگە قېتىپ كېتىدىغاندەك. شۆھرەتنىڭ تويىنى بۇيىل قىلمىساڭلارمۇ كېلەر يىلى قىلساڭلار بولىدىغۇ. بىرەر يىلدىن كېيىن سىلەرمۇ ئۇنىڭ تويىنى قىلغۇدەك ئىقتىساد يىغىپ بولىسىلەر ئەمەسمۇ. ماڭا پۇل دېسەڭلار مەندىن بىر تىيىن چىقمايدۇ. مېنىڭمۇ دەردىم ئۆزۈمگە چۇشلۇق بار. ئەمسە شۇنداق بولسۇن،- شاۋكەت دادىسىنىڭ گەپ قىلىشىنى كۈتمەيلا تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.
- ماۋۇ بالىنى نېمە دەپ باققان بولغىيتتۇق ھە؟ ئادەمنىڭ ھالىغا بىرەر قېتىم بولسىمۇ يېتەي دېمەيدىغۇ،- دېدى ياقۇپنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ھەممە گەپلەرنى ئاڭلىغان ھۆرىيەت.
ئىككىسى بىر ھازا شەۋكەتنى ئەيىپلەشكە چۈشۈپ كەتتى.
ئۇزۇن ئۆتمەي شۆھرەت كىردى. زۇلپىيە دېگەن بىرھەپتە ۋاقىت توشۇپ كەتكەچكە ئۇ بۈگۈن پۇتى كۆيگەن توخۇدەك بولۇپ ئاتا- ئانىسىنىڭ دوختۇرخانىدىن كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئىدى.
ئۇ ئۆيگە كىرىپلا ئاچىسىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپمۇ قويماستىن دادىسىغا دېدى:
- قانداق بولدى دادا؟ پۇلنىڭ كېمىنى تولۇقلاپ بولدۇڭمۇ.
ياقۇپ بىلەن ھۆرىيەت بىر بىرگە قاراپ قويۇپ گەپ قىلماي ئولتۇردى. خۇددى ئۇلار ئوغلىنىڭ ئالدىدىمۇ ئۆزىنى كەچۈرگۈسىز خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشى سۈپىتىدە سىزىۋاتاتتى. ئوغلىغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ يۈزىگىمۇ قارىيالمايۋاتاتتى. خۇددى ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت ئالدىدا مەڭگۈ تۆگىمەس قەرزى، پەرزەنتنىڭ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشىغا سەۋەپچى بولغان ئاتا-ئانىلار تاكى ئۈلۈپ كەتكۈچە پەرزەنتلەرگە يار-يۈلەكتە بولۇش مەجبۇرىيتى بارمىدۇ؟ مەن ئاتا ئانامغا قانچىلىك كۆيۈندۈم؟ جاپادا باققان ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرالمىساممۇ بىرەر قېتىم ھالىغا يېتىپ باقتىممۇ دېگەنلەر نېمىشقا پەرزەنت بولغۇچىنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغاندۇ؟
- مەن سىلەردىن گەپ سوراۋاتىمەن. بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا سىلەرگە دېگەن گېپىم ئېسىڭلاردا باردۇ؟- دېدى شۆھرەت قوپاللىق بىلەن .
- ئېسىمىزدە بار بالام. سەن يۇرۇق دۇنياغا ئىڭڭلەپ تۇغۇلۇپ كىندىكىڭنى كەسكەن ۋاقىتتىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئىشلار تۈنۈگۈنكىدەك ئېسىمىزدە تۇرۇپتۇ.
- قۇرۇق گېپىڭنى قوي دادا. مەن سىلەردىن بۇنى سورىمىدىم. پۇل تەييار بولدىمۇ دەۋاتىمەن .
- سېنىڭ تويۇڭنى قىلىش ئۈچۈن چىشىمىزنىڭ كاۋىكىدا بىر يۈز ئەللىك مىڭ يۈئەن پۇل يىغقان ئىدۇق. قايسى كۈنى ئىككى ئۈچ. سائەت ئەلچىلىككە بېرىش باھانىسى بىلەن ئەللىك مىڭ يۈئەن پۇلنى سورىۋەتتۇق. قايسى كۈنى ئاكاڭنىڭ يۈز مىڭ يۈەن قەرزنى تۆلىدۇق. ئۆتكەن ئايلىق مائاشىمىز چۈشۈشىگىلا ئاچاڭ ئاغرىپ قېلىپ ياتتى. بىز چۈشكەن مائاشتىن كېيىن خەجلىمەي ھەممىنى ئاچاڭنى داۋالىتىشقا ئىشلەتتۇق. بىزدە بارى ئىسسىق جان بالام. زۇلپىيەگە دەپ توينى بىر نەچچە ئاي كەينىگە سۈرۈپ تۇرغىن. سەنمۇ مائاشىڭنى تېجەپ خەجلە. شۇنىڭ بىلەن ئۈچىمىزنىڭ مائاشىنى يىغىپ تويۇڭنى قىلىۋېتەيلى بالام.
- دادا، زۇلپىيە ئىككىمىز مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا توينى قىلىدىغانغا مەسلىھەتلىشىپ بولغان تۇرساق، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا مات بولۇپ قالسام قانداق بولىدۇ؟ دوستلىرىڭدىن قەرز ئالساڭمۇ مەيلى. مۇشۇ ئاينىڭ ئىچىدە تويۇمنى قىلىۋەتمىسەڭلار بولمايدۇ.
- داداڭ ئىككىمىز مۇشۇ قېرى جېنىمىز بىلەن كىملەرنىڭ ئالدىغا قەرز سوراپ بارارمىز بالام؟ داداڭ بىلەن ئۆي تۇتۇپ قىرىق نەچچە يىل ئىچىدە ھېچقانداق بىر ئىنسانغا بويۇن قىسىپ قەرز سوراپ باققان ئادەم ئەمەس بىز. قېرىغاندا بىزنى خار قىلما بالام. توي قىلىشقا بەك ئالدىرىساڭ بانكىدىن قەرز ئالغىن. چۈنكى سەن ياش ئەمەسمۇ. بىز قەرز ئالايلى دېسەك يېشىمىز ئاتمىش ياشتىن ئېشىپ كەتتى بىزگە قەرز بەرمەيدۇ.
- ياخشىغۇ، ئەجەب ئاچام بىلەن ئاكامغا ئالقىنىڭلار شۇنداق ئوچۇق. ماڭا كەلگەندە پۇل يوقما. سىلەر نېمانداق ئۈچىمىزنى ئوخشاش كۆرمەيسىلەر.
شاۋكەتنىڭ ئاھانىتى ئاز كەلگەندەك شۆھرەتنىڭ زەھەردەك گەپلىرى ياقۇپنىڭ جېنىغا تەگدى. ئۇ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم شۆھرەتكە قەھرى- غەزىپى بىلەن ۋارقىرىدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى باسسىڭىز 30- قىسىمغىچە تولۇق چىقىدۇ👇