كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
قەيسەر ئەينى چاغدىكى ماتېرىياللار، مەكتەپ تورىدىكى خەلىق پىكرى، ئېلان تاختىسىغا چاپلانغان ماتېرىياللارغا قاراپ، يەنە نۇرغۇن ياردەمچىسى توپلىيالمىغان ماتېرىياللار بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى......
ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن بىر قىزغا بۇلارنىڭ قانچىلىك زەربە بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ؟!
ئۇنىڭ قولى ئىختىيارسىز مائۇسنى سىقمىدىدى، چۈنكى سەل تىترەپ كەتكەن ئىدى.
ئۇنىڭ قەلبىدە سەل قارىغىلى بولمايدىغان ئازاب ۋە ئۆزىنى ئەيىبلەش تېخىمۇ ئەۋىج ئالدى.
ئەگەر ئۆزى بولمىغان بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ ھازىر قانداق تۇرمۇش كەچۈرگەن بولاتتى؟
دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، يەتتە يىلدىن كېيىن ئۇ بەلكىم ماگىستىرلىقنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەن بولۇشى، ۋە ياكى مەكتەپ پۈتتۈرگىلى ئۈچ يىل بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
ئۇنىڭ ئۆزىگە تەۋە تۇرمۇشى، دوستى، خىزمىتى ياكى سۆيگۈنى بولاتتى.
لېكىن، ئۇ ئۇنىڭ بارلىق ئىستىقبالىنى بىتچىت قىلىپ، ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشقا، مۇئەللىم تەرىپىدىن ئەيىبلنىشىكە، ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن بىزار بولۇشقا، كىشىلەرنىڭ سۆز-چۆچەكلىرى تەرىپىدىن تۇيۇق يولغا كىرىپ قىلىشقا ئەڭ چوڭ سەۋەبچى بولۇپ قالدى!
-گۈلزىرە، كەچۈرۈڭ......
قەيسەر ئېكران ئالدىدا ئولتۇرۇپ، سۈرەتتىكى ھېلىقى ئاچچىق كۈلۈمسىرەپ تۇرغان قىزغا قاراپ،شۇنداق پىچىرلىدى.
شۇ تاپتا، كونا سۈرەتتىكى قىز، گۇگۇم ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قويۇپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن قىز، يەنە بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىر ماشىنىدا ئولتۇرغان قىز يەنە ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدى!
ئۇ، يەتتە يىل ئىلگىرى شۇنچە پاك قىزنى نابۇت قىلدى.
ھەتتا، بۇ يەتتە يىل ئىچىدە، ئۇ ئەينى چاغنى ئەسلەپ، پەقەت ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىقىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئويلىدى.
بىراق، ئۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قانداق زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىدى.
قەيسەر كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، كۆز چانىقى قىزىپ،يۈرىكى قاتتىق سىقىلغاندەك بولدى.
ئۇ بۇ يەتتە يىلنى ئۇ زادى قانداق ئۆتكۈزگەندۇ؟
بۇ دەقىقىدە، ئۇ ساراڭلارچە ھەممە ئىشىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلدى، لېكىن يەنە بىلىشتىن قورقتى.
لېكىن، شۇ تاپتىكى كەيپىياتنىڭ قانداق داۋالغۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بىر نۇقتىنى چۈشەندى.
ئۇ بۇ ئۆمرىدە كېيىنكى كۈنلەردە بارلىق ھاياتى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ!
شۇنداق ئويلاپ تۇرغان ۋاقتىدا، بىر كۆلەڭگە تۇيۇقسىز كۆز ئالدىغا كەلگەندەك بولدى.
ئەلفىرە.
قەيسەر قاتتىق قىينىلىپ كەتتى.
ئۇ گۈلزىرەگە بۇرۇنقى جىنايتىنىڭ ئورىنىنى تولۇقلاپ بەرمەكچى ، بىراق ئەلفىرەدىن تېخىمۇ خاتىرجەم بولالمايدۇ.
ئۇلارنىڭ تونۇشقىنىغا ئۇزۇن بولمىدى، لېكىن ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىلا بۇ قىز ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، كېيىن بارغانسېرى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى.
ئۇ ئۇنىڭ تەمىگە، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇشقا، ئۇنى سۆيۈشكە، ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇيغۇغا كۆنۈپ قالدى.
بىراق، ھەر قانچە كۆزى قىيمىسىمۇ، ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئادەمگە ۋەدە بېرەلمەيدۇ.
ئۇ گۈلزىرەگە يۈز كېلەلمەيدۇ، ئەلفىرەگىمۇ ھەم قىيالمايدۇ.
ئۇ قانداق تاللاشنى بىلەلمىدى.
ئۇنىڭ قولىدىكى مائۇس ھەتتا ئۇنىڭ كۈچەپ سىقىشى بىلەن يېرىلىپ، سۇلياۋ پارچىسى ئالقىنىغا كىرىپ، بىر پەس سانجىپ ئاغرىتتى.
شۇ ھامان ئالىقنىغا ئىللىق سېزىم يامىرىدى.
بىراق، قەيسەر بۇنى ھېس قىلالمىغاندەك قىلاتتى، تاكى، بىر ھازادىن كېيىن، ئىشىك ئالدىدىن ئىشىك چەككەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
ئۇ ئاستا بېشىنى كۆتۈردى.
«ئەلفىرە»ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
-بۇنچە بېرىلىپ كەتكۈدەك نېمە ئىش بولدى؟ مەن نەچچە قېتىم تاماق يېيىشكە چاقىردىم، سىز ئاڭلىمىدىڭىز! ھەممىسى سىزنى ساقلاۋاتىدۇ!-دېدى.
قەيسەر بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرماي، يەنە بىر ئىشنى سورىدى:
-ئەلفىرە، سىز قايتىپ كەلدىڭىزمۇ؟
-شۇنداق!-گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتىپ،-سائەت ئالتە يېرىم بولدى!تاماق پىشتى، چۈشۈپ تاماق يەيلىمۇ؟
-ئەسلىدە، شۇنچە كەچ بولۇپ كېتىپتىكەندە؟ سىز ئۆز قولىڭىز بىلەن ئەتكەنمۇ؟-دەپ سورىدى قەيسەر.
-ھە، بۈگۈن بالدۇرراق ئىشتىن چۈشىمىز.
ئەمەلىيەتتە، ئۇ مېترو بېكىتىگە ئوغرىلىقچە بارغاندىن كېيىن، باشلىقىدىن رۇخسەت سوراپ، ئۆزىنىڭ يەنە ئىچى سۈرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، باشلىقى ئۇنىڭ قەيسەرنىڭ قىز دوستى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا، ئەلۋەتتە رۇخسەت بېرىدۇ.
قەيسەرنىڭ يۈرىكى قاتتىق ئاغرىپ كەتتى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن گۈلزىرەگە قاراپ ماڭدى.
ئاندىن بىلىكىنى سوزۇپ ئۇنى باغرىغا باستى.
ئۇ گاڭگىراپ بېشىنى كۆتۈرۈپ:
-نېمە بولدى؟- دېدى.
قەيسەر تۇيۇقسىز بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئۇنىڭ لېۋىگە ھۇجۇم قىلدى.
ئۇ باشتا مۇلايىم بولدى، ئاندىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالدى.
گۈلزىرە سەل توغرا ئەمەستەك ھېس قىلدى.
ئۇنىڭ ئۇنى سۆيگەندىكى ھېسسىياتى، خۇددى بىر خىل تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ھەسرەتتەك، خۇددى كېيىنكى دەقىقىدە ئايرىلىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلدى.
ئۇنىڭدا نېمىشقا بۇنداق تۇيغۇ بولىدۇ؟
گۈلزىرە بىر نېمە دېمەكچى بولغاندا، تۇيۇقسىز مۈرىسىنى تۇتقان قولنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى بىلدى.
قەيسەرنىڭ ئالقىنىدىن تەر چىقىپ كەتكەندەك قىلاتتى.
بىراق، بۇ سېزىم تېخىمۇ يېپىشقاق بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلى بىر نەرسىنى سەزدى.
گۈلزىرە چۆچۈپ كېتىپ، قەيسەرنى كۈچەپ ئىتتىرىۋەتتى.
ئۇ بۇرۇلۇپ قارىدى، دەرۋەقە، مۈرىسىدە قىپقىزىل قان دېغىنى كۆردى.
-سىز يارىلاندىڭىزمۇ؟-گۈلزىرە چۆچۈپ، قەيسەرنىڭ قولىنى تارتتى.
ئۇنى ئۇزىتىپ قويغان چاغدا ئۇ ئېنىقلا ياخشى ئىدى، ئەجەبا كېيىن قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردىمۇ؟
نېمىشقا دوختۇرخانىغا بارمىدى ھەم تېڭىپمۇ قويمىدى؟
قەيسەرنىڭ ئالقىنىدا يەتتە، سەككىز سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر يىرىق بار بولۇپ، بىر يېرى ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى، شۇ تاپتا ئۇ كۈچەپ كەتكەندەك قىلاتتى، ئەسلىدە ئاران ساقايغان يارا ئېغىزى يەنە يېرىلىپ، قان ئېقىشقا باشلىدى.
-نېمە بولدىڭىز؟-گۈلزىرە يەنە قەيسەرگە قاراپ قويدى.
ئۇ كۆڭلەك ۋە شىم كىيىۋاپتۇ، كىيىمنىڭ رەڭگىدىن قارىغاندا، باشقا يېرىگە ھېچ ئىش يوقتەك قىلاتتى.
ئۇ ئۇھ تارتىپ، ئۇنى تارتىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى، خىزمەتكارنى كۆرۈپ، دەرھال:
-دورا ساندۇقى قەيەردە؟- دەپ سورىدى.
خىزمەتكار قەيسەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، چىرايى ئۆزگىرىپ، دەرھال پەسكە چۈشۈپ ئالدى.
گۈلزىرە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان قەيسەرنى تارتىپ مېھمانخانا ئۆيگە كىردى، خىزمەتكار دورا ساندۇقىنى ئېچىپ:
-قەيسەر ئەپەندى، مەن تېڭىپ قوياي!- دېدى.
-مەن قىلاي!
گۈلزىرە قەيسەرنىڭ ئادەتتە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا چېقىلىشىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، بەلكىم شۇڭا بايا تاڭمىغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇنىڭ زىيادە چېچەن پاكىزلىقى يەنە قوزغىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۇ شۇنداق دېگەچ ئۇنى كىرىسلوغا بېسىپ ئولتۇرغۇزدى، ئاندىن ئىسپىرتنى ئېچىپ، پىلتىگۈچنى ھۆل قىلىپ ئۇنىڭغا:
-ئاۋۋال دېزىنفېكسىيە قىلاي، چىداپ تۇرۇڭ،- دېدى.
گۈلزىرە پىلتىگۈچنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، قەيسەر تۇيۇقسىز ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى.
ئۇنىڭ كۆزلىرى خىرۇستال چىراغ تۈۋىدە تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. -ئەلفىرە،سىزگە دەيدىغان بىر ئىش بار ئىدى.
گۈلزىرە بېشىنى كۆتۈرۈپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
-نېرۋىڭىزدىن مەسىلە چىقتىمۇ قانداق؟ نېمە ئىش بولسا بىردەمدىن كېيىن دەڭ، باشتا يارىڭىزنى تېڭىپ قوياي!
ئۇنىڭ يەنە ئۆزىدىن ئەنسرەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، قەيسەر ئازابتىن گېلى ئاغىرىپ، دېمەكچى بولغان گەپلىرىنى ئېغىزدىن چىقارالمىدى.
گۈلزىرە ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭ قان داغلىرىنى سۈرتىۋېتىپ، ئۇنىڭغا قاراپ: -قانداقراق، ياخشىمۇ؟-دەپ سورىدى.
-ھە،-ئۇ كۆزلىرى چاقناپ تۇرغان ھالدا ئۇنىڭغا قارىدى، ھەتتا قوشۇمىسىنى تۈردى.
قەيسەرنىڭ قولىنىڭ ئاغرىمىغانلىقنى كۆرۈپ، گۈلزىرە يارا ئېغىزىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، قەيسەرنىڭ يارىسىغا دورا سۈرۈپ، تېڭىپ قويدى.
-بولدى،-گۈلزىرە قەيسەرنىڭ ئوڭ قولىغا قاراپ،-سەل تۇرۇپ تاماق يېگەندە قوشۇق ئىشلىتىشىڭىز مۇمكىن،- دېدى.
-ھە،-قەيسەر ئارتۇق گەپ قىلمىدى، كۆزى يەنىلا گۈلزىرەدىن ئايرىلمىدى.
ئۇ نەرسىلەرنى يىغىپ تازىلىق ئۆيىگە بېرىپ قولىنى يۇيدى، قايتىپ كېلىپ قەيسەرنىڭ تېخىچە سافادا ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى.
-قەيسەر، بۈگۈن نېمانداق ھاڭۋاقتى بولۇپ قالدىڭىز؟
ئەگەر ئادەتتىكى ۋاقىت بولغان بولسا، ئۇ گۈلزىرەنى چوقۇم قۇچىقىغا ئېلىپ، ياخشى تەربىيە قىلاتتى!
بىراق ھازىر ...
قەيسەر ئورنىدىن تۇرۇپ، گۈلزىرەنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قولىنى يېتىلەپ ئاشخانىغا باردى.
بۇ چاغدا ئەلدار ئالدىراپ-تېنەپ يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئورۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇرۇپ، قەيسەر بىلەن قورىما تالىشىپ يېمەكچى بولغاندا، تۇيۇقسىز قەيسەرنىڭ قولىنى كۆرۈپ قالدى.
ئۇ كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ قەيسەرنىڭ داكىسىغا بىر نەچچە سېكونت قاراپ تۇرۇپ:
-قەيسەر ئاكا، سىز يارىلاندىڭىزمۇ؟- دەپ سورىدى.
-ھە.
قەيسەر بېشىنى لىڭشىتىپ:
-ھېچقىسى يوق، كىچىككىنە يارا!-دېدى.
-ئۇنداقتا سىز مەن بىلەن تالىشالمايدىغان بولدىڭىزغۇ؟- ئەلدار ئۇنىڭغا كۆزىنى چىمىلداتتى، ئاندىن چوكىنى ئېلىپ قەيسەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر پارچە كالا گۆشىنى قىسىتى.
بىراق، ھەممەيلەن ئۇنى ئۆزى يەيدۇ دەپ ئويلىغاندا، ئۇ تۇيۇقسىز گۆشنى قەيسەرنىڭ قاچىسىغا سېلىپ قويدى.
-قەيسەر تاغا، مەن بايا چاقچاق قىلىپ قويدۇم! سىز يارىلاندىڭىزى ھازىر بىر بىمار، مەن سىزگە يول قويىمەن!-ئەلدار شۇنداق دېگەچ مەيدىسىگە شاپىلاقلاپ تۇرۇپ،- يەنە نېمە يەيسىز؟ مەن ئېلىپ بېرەي!-دېدى.
ئادەم دائىم مۇشۇنداق بولىدۇ، سىز ئارىسالدى بولۇپ، ئاران تەستە بىر قارارغا كەلگەندە، تۇيۇقسىز نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ سەكرەپ چىقىپ، سىزنىڭ بۇ قىيىن قارارىڭىزنى توسۇپ قويىدىغانلىقىنى بايقايسىز.
ئىلگىرى قەيسەر ھەتتا باھانە تېپىپ ئۆيىدە بىر بالا بارلىقىنى، ھەممىلا يەردە لامپۇچكا بولسا بىئارام بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ئەمما، ئۇ ئەلدارنىڭ ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قورىما قىسىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ سەبىي كۈلكىسىنى كۆرگەندە، يەنە «ئەلفىرە»نىڭ ئۇنىڭ يارىسىنى ئەستايىدىل تېڭىپ قويغانلىقىنى ئەسلىگىنىدە، ئەسلىدىنلا ناھايىتى تەستە تىكلىگەن ئىرادىسى شۇ تاپتا تېخىمۇ لىڭشىپ قالدى.
ئەمما، ئادەم جەمئىيەتتە ھامان نۇرغۇن قىيىن تاللاشلارغا دۇچ كېلىدۇ، مەيلى قايسىسىنى تاللىسۇن، چوقۇم بىرىنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
شۇ تاپتا، پىرىنسىپ تاللاشنى ئۆلچەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ قالدى.
قەيسەر قاچىدىكى توختىماي كۆپىيۋاتقان قورۇمىلارنى كۆرۈپ ھەيران قالدى، ئىلگىرى ئۆزى بىلەن قورىما تالىشىپ يېيشىنىلا دەپ ئويلىغان كىچىك بالىنىڭ ئۇنىڭ قىزىقىشىنى پۈتۈنلەي چۈشىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان نەرسىلىرىنى بىلدىغانلىقىنى بايقىدى.
بۇ مەززىلىك قورۇمىلار، شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئىشتھاسىنى ئاچالمايۋاتاتتى.
بىراق، ئەڭ ئاخىرىدا قەيسەر يەنىلا گۈلزىرە قورۇغان قورۇمىلارنىڭ ھەممىسىنى يەپ بولدى.
كەچتە گۈلزىرە بۇرۇنقىدەكلا ئەلدارنىڭ ياتىقىغا بېرىپ، ئۇنىڭ دەرسىنى تەكشۈردى.
كىچىك بالا بالدۇر ئۇخلىشى كېرەك، سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا، گۈلزىرە ئەلدارنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، ئۆزىمۇ بالدۇرراق ئارام ئالماقچى بولغاندا، قەيسەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مەخسۇس ئۇنى ساقلاۋاتقانلىقنى سەزدى.
-مېنى ساقلاۋاتامسىز؟-گۈلزىرە كۈلۈمسىرەپ قويدى.
-ئەلفىرە، ماڭا بىردەم ھەمراھ بولۇڭ.
قەيسەر شۇنداق دېگەچ، گۈلزىرەننى يېتىلەپ سىرتقا قاراپ ماڭدى.
-سىرتتا پاشا كۆپكەن.
-ئۇزۇن ئىشتان كىيپسىزغۇ،-قەيسەر شۇنداق دېگەچ، ئۇنى ئېلىپ ئىشىكتىن چىقىپ، باغرىغا بېسىپ،-مەن سىزنى قۇچاقىلىۋالسام، سىزنى چاقمايدۇ،-دېدى.
گۈلزىرە بېشىنى كۆتەردى، كۆرگىنى قەيسەرنىڭ ئېڭىكى بولۇپ، ئۇ ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆرەلمەيتتى، شۇڭا ئىختىيارسىز ھالدا:
-قەيسەر،بۈگۈن نېمىشقا غەلىتە بولۇپ قالدىڭىز؟- دەپ سورىدى.
ئۇ ئۇنىڭ سوئالىغا بىۋاسىتە جاۋاب بەرمەستىن، بەلكى ئالدىدىكى چىراغ نۇرىغا قاراپ تۇرۇپ:
-سىزنى ماڭا ھەمراھ بولۇپ بىردەم ماڭسىكەن دەيمەن،-دېدى.
-ھە.
گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتىپ، قەيسەرنى بەلكىم خىزمەت ئىشىدا قىينچىلىققا يولۇققان بولسا، ئېيتىپ بېرىش قولايسىز دەپ ئويلاپ، قايتا سورىمىدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇