يالغان ئەر خوتۇن 🧡 24-قىسىم

文摘   2024-09-13 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئەنۋەر ياسىن سەرۋاز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يالغان ئەر خوتۇن» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
مەن ئۇنى كۆرۈپلا ۋارقىرىۋەتتىم.
ـ سۇبات! بۇ. . . سەن. . . !
ـ ھەيران قېلىۋاتامسەن؟ ھەيران قالما سەن ھەيران قالىدىغان ئىشلار تېخى ئالدىڭدا؟ ـ دېدى ئۇ يېنىدىن بىر تال تاماكىنى چىقىرىپ. بۇ چاغدا ھېلىقى ئىككىسىنىڭ بىرسى چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭغا چاقماق يېقىپ بەردى.
ـ سەن نېمە قىلماقچى سۇبات! مەن سانىيە بىلەن كۆرۈشىمەن، ـ دېدىم ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ.
ـ ئالدىرىماي زىيا، ئۇنىمۇ كۆرۈپ قالىسەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئىككىمىز، بىردەم پاراڭلىشايلى! قانداق بولامدۇ؟
ـ ياق، سەن بىلەن پاراڭلاشقۇم يوق. ئاۋۋال سانىيەنى چاقىر، ئۇنى كۆرمەي تۇرۇپ سەن بىلەن پاراڭلاشمايمەن!ـ دېدىم، مەن ئۇنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ.
ـ ئۇنداق بولسا مەيلى مېنىڭ ۋاقتىم كۆپ، قاچان پاراڭلاشقىڭ كەلسە شۇ ۋاقىتتا پاراڭلىشاي. لېكىن ساڭا دەپ قوياي ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ساڭىمۇ پايدىسىز. مەن ساقلىغان بىلەن مېنىڭ ئادەملىرىم ساقلاپ بولالماي سانىيەگە ئەدەپسىزلىك قىلىپ قويارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن! ماقۇل، مەن چىقاي!ـ ئۇ شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى.
ـ سۇبات توختاپ تۇر!ـ دېدىم، مەن ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ.
ـ ھازىرلا پاراڭلاشقۇڭ يوق ئىدىغۇ؟ ـ دېدى ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ سوئال نەزىرى بىلەن.
ـ قېنى، سەن نېمە دېمەكچى؟ مەقسىتىڭ زادى نېمە شۇنى بىر ئاڭلاپ باقاي! گەپنى ئەگىتمەي مەقسىتىڭنى، ئېنىق ئېيت. بۇ يەرگە زادى مېنى نېمىگە ئېلىپ كەلدىڭ؟ ـ دېدىم مەن ئۇنىڭ كۆزىگە مىختەك قادىلىپ.
سۇبات ئۆز جايىغا قايتىپ كېلىپ كۆزۈمگە بىردەم تىكىلىپ تۇرغاندىن كېيىن بېشىدىكى كەپكىسىنى قولغا ئېلىپ چاچلىرىنى سىلاپ قويغاندىن كېيىن گەپ باشلىدى.
ـ ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىكەنسەن. مەن سېنىڭ ئۇنچىلىك كارامىتىڭ بار دەپ ئويلاپ باقمىغان! سەن مېنىڭ مەخپىيەتلىكىمنى بىلىۋالغان بىردىنبىر ئادەم.
مەن شىركەتتە بىر نەچچە يىل ئىشلەش جەريانىدا ئۇلارنىڭ نۇرغۇن سودا مەخپىيەتلىكىنى خوجايىنىمغا تەمىنلەپ بەردىم، بۇ جەرياندا ھېچكىم مەندىن گۇمان قىلمىغان. لېكىن بۇ قېتىم سېنىڭ مېنى بايقاپ قالدىغانلىقىڭنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن؟ سەن ئاشۇ بىر رەقەمنى ئۆزگەرتىپ قويۇپ مېنىڭ پۈتۈن پىلانىمنى يوققا چىقاردىڭ، سەن مېنىڭكى ئويۇن ئىشلەتكىنىمنى بىلىپ قېلىپ ئاشكارىلاپ قويغاچقا خوجايىننىڭ شىركىتى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىنغان دەپ چىقىرىۋېتىلدى. ئەجەبا بۇ ئىشلاردا سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ يوقمۇ؟ ئەمدى بۇنىڭ ئورنىنى قانداق تولۇقلايسەن. سەن نېمە سەۋەبتىن ھېساباتىمغا چېقىلىپ ئۇنى ئۆزگەرتىسەن؟ ـ دېدى سۇبات بارغانچە ئەسەبىيلىشىپ، مەن ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. ئەگەر بۇ خەۋەرنى مەن تۈنۈگۈن تۇرسۇنئايدىن ئاڭلىمىغان بولسام، ئۇنى «ئويۇن ئويناۋاتىدۇ»دەپ ئويلىغان بولاتتىم. ھازىر مانا بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاۋاتىمەن. بۇ ئىشنى قانداق چۈشەندۈرۈپ، قانداق، قانداق بىر تەرەپ قىلىشىم كېرەك؟
ـ قانداق زىيا! ماڭا قىلغانلىرىڭنىڭ ئورنىنى قانداق تولدۇرماقچى سەن؟ ـ دېدى ئۇ مېنىڭ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ،
ـ سەن نېمىلەرنى دەۋاتىسەن سۇبات، مەن سېنىڭ ئىشىڭدىن تېخى ھازىر خەۋەر تاپتىم. ھېساباتنى ئۆزگەرتىش ئىشغا كەلسەك ئۇ بىر تاسادىپىيلىق. چۈنكى مەن شىركەتنىڭ ئۇ قۇرۇلۇشنى قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقچى ئىدىم، ساڭا سەۋەبىنى دەپ بەرسەم، لېدىر ئۇ قۇرۇلۇشقا مېنى مەسئۇل قويۇپ قويدى. سەنمۇ بىلىسەن ئۇ قۇرۇلۇش كۆلىمى ناھايىتى چوڭ مۇشۇ شەھەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قۇرۇلۇش. ئەگەر بىزنىڭ شىركەت تاللىنىپ قالغان تەقدىردە ئۇ قۇرۇلۇشقا مېنى مەسئۇل قىلىپ قويىدۇ. مېنىڭمۇ قابىلىيىتىم ئۆزۈمگە ئايان. ئۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن چاندۇرماستىن سېنىڭ ھېساب خاتىرەڭنى ئۆزگەرتىۋەتتىم. ئەھۋالدىن قارىغاندا سەنمۇ شىركەتنىڭ ئۇ قۇرۇلۇشىنى قىلىشنى، خالاپ كەتمەيسەن، شۇنداقمۇ؟ شۇڭلاشقا ئىككى خىل ھېساب ئىشلەپ، بىرسىنى ئۆزۈڭنىڭ خوجايىننىڭ شىركىتىگە. يەنە بىرسىنى بىزنىڭ شىركەتكە بەردىڭ شۇنداقمۇ؟ مەردان لىدىر ساڭا ھەقىقەتەن ئىشىنەتتى. سەن ئۆزۈڭنىڭ سايىسىدىن ئۆزۈڭ ھۆر كۆپ چاندۇرۇپ، قويۇپسەن. سەندىن بىر سوئال سوراپ باقاي. سەن نېمىشقا ئۇلار بىلەن قارشىلىشىسەن. ھازىر خوجايىننىڭ بىلەن بىزنىڭ شىركەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق ئاداۋەت بار؟ ـ سورىدىم مەن ياندۇرۇپ.
ـ ھۇي! قارا، ماۋۇنى بۇ يەرگە سەن مىنى سوراق قىلغىلى كەلدىڭمۇ ياكى. مەن سېنى سوراق قىلىشقا ئېلىپ كەلدىممۇ؟ بولدى ئارتۇق گەپنى دېيىشمەيلى. مەن دېگەن پۇلنى ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟ ـ دىلى ئۇ جىلە بولۇپ.
ـ ئېلىپ كەلدىم. لېكىن، ئالدى بىلەن سانىيەنى كۆرۈشۈم كېرەك؟ ـ دېدىم تەمكىنلىك بىلەن.
ـ قارىغاندا قېيىن سىڭلىڭ بىلەن ئوتتۇراڭلاردىكى مۇناسىۋەت خېلى يېقىن ئوخشايدۇ ھە!ـ دېدى ئۇ مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويۇپ. ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم. چۈنكى سانىيەنىڭ مەردان لىدىرنىڭ باشقا ئايالدىن بولغان قىزى ئىكەنلىكىنى پەقەت بىر نەچچىمىزلا بىلەتتۇق.
ـ سۇبات سەن نېمىلەرنى دەپ كەتتىڭ؟ ئۇ قانداقسىگە مېنىڭ. . .
ـ بولدى زىيا يوشۇرما! سانىيە بولسا مەردان لېدىرنىڭ سىرتتىن تاپقان بالىسى. ئۇنى سەن پەقەت مەنلا بىلىمەن دەپ قالدىڭمۇ؟ ساڭا دەپ قوياي بۇ ئىشلار سەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس. گەرچە سانىيە ئۇنىڭ پۇشتى بولسىمۇ. لېكىن ئۇ، سانىيەگە ئۆزىنىڭ قىزىدەك مۇئامىلە قىلىمىدى، سانىيە بىلەن ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتى بىر قەدەر يېقىن. بۇنى بىلىمەن، سېنى بۇ يەرگە چاقىرتىشتىكى مەقسەت سەن بىز ئۈچۈن ئىشلەيسەن؟ سېنىڭ پۇلۇڭ بىزگە لازىم ئەمەس. پۇل دېسەڭ بىزدە جىق، سەن پەقەت بىزگە ماسلىشىپ شىركەتنىڭ سودا مەخپىيەتلىكى بىلەن بىزنى تەمىنلەپ تۇرساڭ! سېنى زىيان تارتقۇزمايمىز!ـ دېدى ئۇ ئېنىق مەقسىتىنىڭ ئىپادىلەپ. قارىغاندا، ئۇ سانىيە توغرۇلۇق خېلى ئىشلارنى بىلىدىغاندەك قىلاتتى.
ـ بۇ مۇمكىن ئەمەس، سەن مېنى ئايالىمغا ساتقىنلىق قىل دېمەكچىمۇ؟ بۇ ئىشنى مەن قىلالمايمەن! سەن دېگەن پۇلنى ئېلىپ كەلدىم؟ دەرھال سانىيە بىلەن ئىككىمىزنى قويىۋەت!ـ دېدىم مەن زەردە بىلەن،
ـ ھا ھا ھا ھا! سېنىڭ « بۆرە كەلمىسىمۇ بۆرە كەلدى» دەپ توۋلايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭنى ئوبدان بىلىمەن. سەن خىيالىڭدا ئايالىمغا ساتقىنلىق قىلمىدىم دېيەلەمسەن، باياتىن ھېكايىنى خېلى ياخشى توقۇدۇڭ. ھەي، ئىسىت! سەن بۇ كەسىپكە زايە كېتىپسەن؟ ئەسلىدە يازغۇچى بولغان بولساڭ يازغان كىتابلىرىڭ ناھايىتى بازارلىق بولاتتىكەنتۇق. سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىڭنىڭ ئۆزى بىر ئالدامچىلىق. سەن سانىيە ئارقىلىق باشقا بىر شىركەتكە ھېسابات خاتىرىسىنى سېتىپ بەردىڭ، شۇنداقمۇ؟ كاللاڭ خېلى ئىشلەيدۇ دېسەم، سېنىڭ كاللاڭمۇ ئاددىي كاللا ئىكەن. ساڭا تېلېفون قىلغان ۋاقتىدا. نېمىشقا 200000 يۈئەن ئالغاچ كەل دېگەننىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشەنگەنسەن. ھا ھا ھا!ـ دېدى ئۇ مەغرۇرلارچە كۈلۈپ. ئۇ بۇ گېپى بىلەن مېنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەجەبا سانىيە ھەممە ئىشلارنى ئاشكارىلاپ قويغانمىدۇ؟ مەن شۇلارنى ئويلىغاچ پەرىزىمنىڭ خاتا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن قايتىلاپ سورىدىم.
ـ سەن بۇ ئىشلارنى قانداق ئۇقتۇڭ؟
ـ قانداق ئۇقتۇڭ دەپ سورىماي سەن كىم دەپ سوراپ باقساڭ توغرا بولىدۇ، ـ ئۇ شۇنداق دېگىنىچۇ يېنىدىكى ئادەمگە شەرت قىلدى، ئۇ ئادەم چىقىپ كېتىپلا ھايال بولماي سانىيەنى باشلاپ كىردى. سانىيە ھېچنېمە بولمىغان بولۇپ بەلكى باشقا چاغدىكىدىن خۇشال كۆرۈنەتتى.
ـ سانىيە سىز. . . . بۇ زادى قانداق گەپ؟ ـ دېدىم مەن ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماي.
ـ سىزگە قول قويدۇم يېزىنە! ھەقىقەتەن جىگىرىڭىز بار ئىكەن. ئەگەر سىزنىڭ ئورنىڭىزدا باشقىلار بولىدىغان بولسا بۇ يەرگە ھەرگىز مېنى دەپ كەلمەيتى، بۇنىڭدىن سىزنىڭ ياخشى ئادەملىكىڭىزنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. سىزگە دېسەم مەن بۇ ئۆمرۈمدە بۈگۈنكىدەك خۇشال بولۇپ باقمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى مەن دادامنى تاپتىم. ئىككىنچىدىن سىزدەك جىگەرلىك، سەمىمىي بىر يىگىتنى ئۇچراتتىم، ئۇنىڭ قولىنى يېشىۋېتىڭلار!ـ دېدى ئۇ مېنى ھەيران قالدۇرۇپ.
ـ نېمە دېدىڭىز؟ دادامنى تاپتىم، ئەمدى بۇ قانداق گەپ؟ ـ دېدىم، مەن سۇبات بىلەن سانىيە ئىككىسىگە تەڭ قاراپ.
ـ بولدى، زىيا! ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋالنى سىزگە ئېيتىپ بېرىدىغان ۋاقىت كەلدى. بۇ يەر پاراڭلىشىشقا ئەپسىز. باياتىندىن بېرى سىزگە بەزى ئوڭايسىزلىقلارنى تۇغدۇرۇپ بەرگەن بولساق كۆڭلىڭىزگە ئالماسسىز؟ ئەمدى بىز ھەقىقىي گەپكە كېلەيلى! قېنى بىز بىلەن مېڭىڭ! دېدى ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئىشىك تەرەپكە ماڭغاچ؟ ئۇنىڭغىچە ئۇ ئىككەيلەن كېلىپ مېنىڭ قولۇمنى يېشىپ بولغان ئىدى، مەن ئىككىلىنىپ تۇرمايلا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم. چۈنكى بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىغا ھەقىقەتەن قىزىقىپ قالغان ئىدىم.
مەن يەر ئاستى ئۆيدىن چىقىپ ئۇلارغا ئەگىشىپ داچىنىڭ ئىچىگە كىردىم. پاھ، پاھ، پاھ، داچىنىڭ ئىچىمۇ خۇددى خان سارايلىرىدەك شۇنداق ھەشەمەتلىك بولۇپ. بىر تال ئاسما چىراقنىڭ قىممىتى مېنىڭ بىر يىللىق ئىش ھەققىمگە توغرا كېلەتتى. ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىن زالنىڭ ئاستىغا سېلىنغان چەتنىڭ داڭلىق ژۇڭ گىلەملىرى. ۋە يىپەك دېرىزە پەردىلىرى. زالدىكى يۇمشاق كىرسىلۇلار. . . ئىش قىلىپ مەن ئۆمرۈمدە ھەشەمەتلىك ئۆينى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى. سانىيە مېنى زالدىكى يۇمشاق كىرسىلوغا باشلىغاندىن كېيىن ياندىكى ئۆيدىن بىر قىز چىقىپ ئالدىمىزدىكى، جوزىغا ھەر خىل نازۇـ نېمەتلەرنى تىزىۋەتكەندىن كېيىن خىرىستال چىنلەرگە دوغاپ قىلىپ ئېلىپ كەلدى.
ـ قېنى يېزنە بەلكىم ئۇسساپ تۇرغانسىز!ـ دېگىنىچە بىر چىنە دوغاپنى ماڭا تەڭلىدى. دېمىسىمۇ ھەقىقەتەن ئۇسساپ ئاران قالغان ئىدىم، شۇڭلاشقا، تەكەللۇپ قىلمايلا ئۇنىڭ قولىدىن چىنىنى ئېلىپ بىر كۆتۈرۈپلا ھەممىنى ئىچىۋەتتىم. ھېلىقى قىز يەنە لىقلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئەمدى زالدا سۇبات، سانىيە ۋە ئۈچىمىزلا قالغان ئىدۇق.
ـ ئەمدى سىزگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ بېرەي!ـ ئۇ شۇنداق دەپ تۇرۇشىغىلا ياندىكى ئۆيدىن ياش پەرقى مەردان لېدىردىن پەرقلەنمەيدىغان باشلىرىغا ئاق سانجىغان، ئوتتۇرا بوي چىرايىدىن ئىللىق يىغىپ تۇرىدىغان بىر ئادەم چىقىپ كەلدى. سۇبات بىلەن سانىيە ئۇنى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇردى. مەنمۇ نېمە قىلارىمنى بىلمەي ئوڭايسىزلىنىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.
ـ بولدى ئولتۇرۇڭ يىگىت! سىز دېگەن بۇ ئۆيگە مېھمان.
قېنى كەڭ تاشا پاراڭلىشىڭلار!ـ دېگىنىچە مەن بىلەن كۆرۈشۈپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن. ـ قېنى قىزىم. گېپىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ!ـ دېگىنىچە سانىيەنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردى.
ـ زىيا، سىزگە ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋالنى دېسەم. بوياق مېنىڭ دادام بولىدۇ، سىزمۇ ئاڭلىغان بولغىيتتىڭىز! ئۆز ۋاقتىدا دادام ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاپامنىڭ خاتالىقىدىن كۆڭلى رەنجىپ ياقا يۇرتلارغا چىقىپ كېتىپ مۇساپىرلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ، ئۆز ئالدىغا قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ ھازىرقى كۈنگە كەپتۇ،
 ئۇ ھەر قېتىم مەردان لېدىرنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغانلىرىنى ئويلىسا قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ نۇرغۇن جاپالارنى يېڭىپ شىركەت قۇرۇپ ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلەپتۇ، بۇ جەرياندا نەچچە قېتىم مېنى ئىزدەپ كەلمەكچى بولغان بولسىمۇ. مېنىڭ مەرداننىڭ پۇشتىدىن بولغان بالا ئىكەنلىكىمنى بىلگەچكە مېنى ئىزدەشكە رايى تارتماپتۇ. گەرچە مەن مەرداننىڭ پۇشتى بولساممۇ. كىچىكىمدە مۇشۇ دادامنىڭ باغرىدا چوڭ بولغان. بىر بالىنىڭ بۇ دۇنياغا تۈرلىشىگە سەۋەبچى بولغان ئادەمنىلا دادا، دېمەيمىز؟ مەن ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىمەن، ئو دادا بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس؟ ھايۋانمۇ جېنىدا ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىسىغا ئۇنداق قىلمايدۇ!ـ سانىيە شۇنداق دەپ ئىسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى. مەن ئۇنىڭ بۇ يىغىلىشىنى بىردەملىك ھاياجاندىن دەپ ئويلاپتىمەن. ئەپسۇس، ئۇنىڭكى كېيىنكى گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئاچچىقتىن تىترەپ كەتتىم.
سانىيە دادىسىنىڭ ۋە سۇباتنىڭ تەسەللىي بېرىشى بىلەن گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
ـ ئاپام تۈگەپ كېتىپ، مەردان مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالىدى، ئەلۋەتتە ئۇنداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ قىلغان مېھرىبانلىقى ئانامدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمغا تەسەللىي بولدى. لېكىن ئاپام تۈگەپ كېتىپ ئىككى ئاي بولغان ۋاقىتتا بىر كۈنى ئاخشىمى ئۇ غىققىدە مەست ھالەتتە ئۆيۈمدە پەيدا بولدى، مەن ئۇنى ئۇنداق قىلار دەپ ئويلىماپتىمەن. ئۇ چىقىپ كەتمەستىن مۇشۇ يەردە قونۇپ قالدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەنمۇ ئارتۇقچە ئويلىماي ئۇنى قوندۇرۇپ قاپتىمەن. لېكىن ئۇ ھايۋان مەجبۇرى ھالدا يالۋۇرۇشۇمغا قارىماي مېنىڭ نومۇسۇمغا تەگدى. بىر كېچە يىغلاپ چىقتىم ئەتىسى ئۇ مەسلىكىدىن يېشىلىپ ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن يىغلاپ تۇرۇپ مەندىن كەچۈرۈم سوراپ بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقىمنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇرۇپ تۇرىۋالدى. مەنمۇ ئامالنىڭ يوقلىقىدىن ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە قوشۇلدۇم، چۈنكى مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالىدىغان بىردىنبىر ئادەم شۇ ئىدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章