مەخسۇس ھەرىكەت 2025-يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن

时事   2024-11-26 15:01   北京  

چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق يېقىنلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى!

«تازىلاش . تور سۇپىسى ھېسابلاش ئۇسۇلىدىكى تىپىك مەسىلىلەرنى تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى

ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى كاتىبات ئىدارىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى ۋە دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، «تازىلاش . تور سۇپىسى ھېسابلاش ئۇسۇلىدىكى تىپىك مەسىلىلەرنى تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەخسۇس ھەرىكەتتە دىققەت تور ئەھلى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئوخشاش مەزمۇندىكى «ئۇچۇر غوزەك ئۆيى» بەرپا قىلىش ئۇچۇرى ئەۋەتىش، باڭ تىزىملىكىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كونترول قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئارىلىشىپ قىزىق نۇنتىلارنى كۆپتۈرۈش، قارىغۇلارچە مەنپەئەتكە قوغلىشىپ يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش، ھېسابلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق يېقىنلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش، ھېسابلاش ئۇسۇلىدا ئىلغارلىققا ، ياخشىلىققا ئىنتىلىش مۇلازىمىتى كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن خېرىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزۈش قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق تۈزىلىدۇ، كارخانىلارنىڭ مەسىلىگە سېلىشتۇرۇپ ئۆزىنى تەكشۈرۈشى، تۈزىتىشىگە چوڭقۇر ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ خىزمەت نىشانى بەش جەھەتتىن ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ يۆنىلىشى توغرا بولۇش، ھېسابلاش ئۇسۇلى ئادىل، ھەققانىي بولۇش، ھېسابلاش ئۇسۇلى ئاشكارا، ئېنىق بولۇش، ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولۇش ۋە ھېسابلاش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ يۆنىلىشى توغرا بولۇش جەھەتتە، خېرىدارلارنى مەپتۇن بولۇش، زىيادە ئىستېمال قىلىشقا قىزىقتۇرىدىغان ھېسابلاش ئۇسۇلى مودېلى ئورنىتىشقا بولمايدىغانلىقى؛ ھېسابلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇرنىڭ كۆرۈنۈشىگە ئارىلىشىپ، تور ئاممىۋى پىكرىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ياكى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەخسۇس ھەرىكەت 2025-يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى

بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ

ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار

بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك

بېكىتىلدى!

ئىنتايىن پايدىلىق خەۋەر

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章