CT قاتارلىقلاردىن ھەق ئېلىشتا يېڭى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ

时事   2024-11-22 20:01   北京  

CT، ماگنىتلىق رېزونانس، رېنتىگېن قاتارلىقلاردىن ھەق ئېلىشتا يېڭى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ

مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى يېقىندا «رادىيوئاكتىپلىق تەكشۈرۈش تۈرىدىكى داۋالاش مۇلازىمىتى باھا تۈرى بويىچە تۈر تۇرغۇزۇش قوللانمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان رادىيوئاكتىپلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى بىرتۇتاش بىرىكتۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، رادىيوئاكتىپلىق تەكشۈرۈش باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

تۈر تۇرغۇزۇش قوللانمىسىدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان رادىيوئاكتىپلىق تەكشۈرۈش تۈرىدىكى باھا تۈرى 26 گە بىرىكتۈرۈلۈپ، تەسۋىر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسى بويىچە Xنۇرلۇق تەسۋىر ھاسىل قىلىش، كومپيۇتېر بەدەن قاتلىمى (CT) ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش، ماگنىت رېزونانسلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش، يەككە فوتون/مۇسبەت ئېلېكترون ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن ئۆلكە (رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دە بىرلىككە كەلگەن باھا ئاساسىي ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، باھا باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بىر تۇتاش غەملىنىدىغان رايونلار پۈتۈن ئۆلكە (رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نىڭ باھا ئاساسىي ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىدىغان باھا سەۋىيەسىنى يۇقىرى-تۆۋەن لەيلىتىپ بېكىتىش تەلەپ قىلىندى.

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەق ئېلىش تۈرى تۇرغۇزۇشتا ئۈنۈمنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. CTدا تەكشى سىكاننېرلاشنى مىسالغا ئالساق، ئادەتتىكىCT ئارقىلىق تەكشۈرۈشتە  CTئۈسكۈنىسىنىڭ رەت سانىغا ئاساسەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتمەي، سىكاننېرلاش قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقى ئىككى مىللىمېتىردىن كىچىك بولغان «نېپىز قەۋەتلىك سىكاننېرلاش»قا قارىتا قوشۇپ ھەق ئېلىش تۈرىنى تەسىس قىلدۇق.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

بېكىتىلدى!

شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە

فەن XXنى قولغا ئېلىش تەستىقلاندى

ئىنتايىن پايدىلىق خەۋەر

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章