شىنجاڭ: كېلەر يىلى 1-ئايدىن باشلاپ بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورا دۇكانلىرى قەغەزچە رېتسېپنى قوبۇل قىلمايدۇ
رېتسېپ ئوبوروتىنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساختا رېتسېپ ئالدامچىلىقى ئارقىلىق سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان كەڭ خادىملارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، 11-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تور بېكىتى «داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا تەۋە دورىلارنى سىرتتىن تەقسىملەش رېتسېپلىرىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى.
سىرتتىن دورا سېتىۋالىدىغان رېتسېپ ئوبوروتىنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە، «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى رايونلار «دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئۇچۇر سۇپىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق رېتسېپ مەركىزىدىكى بېكىتىلگەن تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنى ئۇلاش قائىدىسى» بويىچە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرى، بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى، بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورىخانىلىرىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئۇلاشنى تېزدىن تاماملاپ، ئېلېكتىرونلۇق رېتسېپنىڭ راۋان ئوبوروت قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئامبۇلاتورىيەدە بىرتۇتاش غەملىنىدىغان، سوزۇلما كېسەللىك، ئالاھىدە كېسەللىك، «قوش يول» قاتارلىقلارغا دورا تەمىنلەيدىغان بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورىخانىلىرىنىڭ ھەممىسى ئېلېكتىرونلۇق رېتسېپ مەركىزى ئارقىلىق دورىلارنى سىرتتىن تەقسىملەش رېتسېپىنى ئوبوروت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، قەغەزچە رېتسېپنى قوبۇل قىلمايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك
جۇڭگو تەرەپ مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: ئەزەلدىن تەمىنلىمىدۇق
بالىلارنىڭ ئورنىنى ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەڭشەيدۇ
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى