پاش قىلىش سۇپىسى ئېچىلدى

时事   2024-11-27 09:01   北京  

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ باھالاش، مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنى پاش قىلىش سۇپىسى ئاچتى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، باھالاش، مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ باھالاش، مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنى تەرتىپكە سېلىپ ۋە تۈزەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنىڭ نوپۇزى ۋە ساپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، 2024 ـ يىل 11 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تور بېكىتى (www.mohrss.gov.cn)دە بەلگىلىمىگە خىلاپ باھالاش، مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنى پاش قىلىش سۇپىسى ئاچتى.

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ئەگەر «دۆلەت»، «جۇڭگو»، «خەلق»، «تۆھپىكار»، «جۇڭخۇا»، «مەملىكەت»، «ئاسىيا»، «پۈتۈن يەر شارى»، «دۇنيا» ھەمدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەنىدىكى خەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تەستىقلاتماي تۇرۇپ قانات يايدۇرۇلغان بەلگىلىمىگە خىلاپ باھالاش، مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنى بايقىسا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش مەخسۇس سەھىپىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باھالاش، مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنى پاش قىلىش سۇپىسىغا چىقىپ پاش قىلسا بولىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى

بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ

ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار

بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك

بېكىتىلدى!

ئىنتايىن پايدىلىق خەۋەر

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章