دېلو تۇرغۇزۇلىدۇ! تەكشۈرۈلىدۇ! دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى!
دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى، ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 2024-يىللىق دۆلەت گىرىم بۇيۇملىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە، جياڭسۇ ئۆلكىسى يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك-كارانتىن تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، مەھسۇلات بەلگىسىگە گۇاڭجوۋ خۇڭشىنلۇڭ گىرىم بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان خۇڭشىنلۇڭ چاچ بوياش مەلھىمى (سۇس قوڭۇر رەڭ) دەپ بېسىلغان 50 تۈركۈم قېتىملىق گىرىم بۇيۇملىرى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى (تەپسىلاتىنى ھۆججەتنىڭ ئاخىرىنى چېكىپ ئەسلىي تېكىستتىن ئوقۇڭ). «گىرىم بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش نىزامى»، «گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چارىسى»، «گىرىم بۇيۇملىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ كارانتىن قىلىش-باشقۇرۇش چارىسى»گە ئاساسەن، دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى تيەنجىن شەھىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گىرىم بۇيۇملىرىغا چېتىلىدىغان يۇقىرىقى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىلار، ئەنگە ئالدۇرغۇچىلار، ھاۋالىلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار كارخانىلارنى دەرھال قانۇن بويىچە خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشقا ھەم ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى قانات يايدۇرۇشقا بۇيرۇشنى تەلەپ قىلدى. ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) لەرنىڭ دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىدار گىرىم بۇيۇملىرى تىجارەتچىلىرىنى يۇقىرىقى گىرىم بۇيۇملىرى تىجارىتىنى دەرھال توختىتىشقا، ئۇلارنىڭ مال كىرگۈزۈشنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشكە، قانۇنغا خىلاپ مەھسۇلاتلارنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغاندا قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا؛ جىنايەتكە چېتىلغانلىرىنى قانۇن بويىچە گۇڭئەن ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بۇيرۇدى.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك
جۇڭگو تەرەپ مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: ئەزەلدىن تەمىنلىمىدۇق
بالىلارنىڭ ئورنىنى ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەڭشەيدۇ
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى