جۇڭگو ۋەكىلى ئامېرىكىنىڭ بوھتان چاپلاپ قارا سۈركىشىگە رەددىيە بېرىپ: سۆز قىلىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى ئاۋۋال ۋەزىيەتنى چۈشىنىپ بېقىڭ، دېدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ 11-ئاينىڭ 18-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئاشكارا يىغىنىدا: ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا ئۇرۇشنى بالدۇرراق توختىتىپ، سىياسىي ھەل قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش-ئاشۇرالماسلىق خېلى زور دەرىجىدە ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە ئىپادىسىگە باغلىق، دېدى.
ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە قارىتا، گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جۇڭگوغا يەنە بىر قېتىم بوھتان چاپلاپ قارا سۈركەپ، مەسئۇلىيەتنى ئارتىپ قويدى، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ئۇكرائىنا كىرزىسىنىڭ پارتلىشى ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىشى ئامېرىكا بىلەن ناھايىتى زور مۇناسىۋەتلىك، كەلگۈسىدە ئۇرۇشنى بالدۇرراق توختىتىپ، سىياسىي ھەل قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش-ئاشۇرالماسلىقمۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە ئىپادىسىگە باغلىق. ئامېرىكىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ كېيىنكىلەرنىڭ باھاسى ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
گېڭ شۇاڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە تىنچلىقنى تەلەپ قىلىش ساداسى ئۇرۇشقا داۋراڭ سېلىش ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىدىن ئېشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تىرىشچانلىق قارشىلىشىش سۇيىقەستىدىن ئېشىپ كەتتى. ئامېرىكىنىڭ كىرزىسنى قەستەن كېڭەيتىپ، ئۇرۇشنى ئۇزارتىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم قىلىپ، ئۆزىنىڭ زېمىن ئىستىراتىگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش غەرىزىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ دىققەت! بۇ خىل قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش
◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ
◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى
◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟