343 مىليون كىشى ئاشلىق بىخەتەر بولماسلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى

时事   2024-11-26 18:10   北京  

دۇنيا ئاشلىق مەھكىمىسى: 2025-يىلى ئاچارچىلىقتا قالغان كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 16 مىليارد 900 مىليون دوللار مەبلەغقە ئېھتىياجىمىز بار

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى (دۇنيا ئاشلىق مەھكىمىسى) 12 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى «دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 2025-يىلىدىكى دۇنياغا نەزەر» ناملىق دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: 2025 ـ يىلى ئاچارچىلىقتا قالغان كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 16 مىليارد 900 مىليون دوللار مەبلەغقە ئېھتىياجىمىز بار

دوكلاتتا دۇنيا ئاشلىق مەھكىمىسى قانات يايدۇرغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى باھالانغان ھەمدە دۇنيا ئاشلىق مەھكىمىسىنىڭ 2025-يىللىق ئاچارچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەت پىلانى قىسقىچە بايان قىلىنغان. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىرغىچە، 74 دۆلەتتىكى 343 مىليون كىشى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاشلىق بىخەتەر بولماسلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى، بۇ، بۇلتۇرقىدىن 10 ئاشتى، يۇقۇمدىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا 200 مىليونغا يېقىن كىشى كۆپ بولدى. دۇنيا ئاشلىق مەھكىمىسى ھەرىكەتنى قانات يايدۇرغان نۇرغۇن دۆلەتتە، مۇھىت كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىپ، ياردەم بېرىش بارغانسېرى قىيىنلىشىپ، تەننەرخ تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2024 ـ يىلى مەبلەغ كەمچىل بولۇش دۇنيا ئاشلىق مەھكىمىسىنى ياردەم بېرىش كۆلىمىنى تارايتىشقا مەجبۇر قىلدى، بىر قىسىم ئەڭ ئاجىز كىشىلەر توپى كۆپ ھاللاردا ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ. 2025-يىلى، 123 مىليون ئاچ قالغان كىشىلەر توپىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە ئېھتىياجلىق مەبلەغ تەخمىنەن 16 مىليارد 900 مىليون دوللار بولۇپ، بۇ سان تەخمىنەن پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە قەھۋە سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغان چىقىمىغا باراۋەر.

دۇنيا ئاشلىق مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە ئىش بېجىرگۈچىسى سىندى ماكايىن مۇنداق دېدى: ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك توقۇنۇش، كۆپ يۈز بېرىدىغان كىلىمات ئاپىتى ۋە كەڭ دائىرىدە تەسىر كۆرسەتكەن ئىقتىسادىي داۋالغۇش دۇنياۋى ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاچارچىلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مالىيە ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن قوللىشىغا ئېھتىياجلىق.


مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى

بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ

ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار

بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك

بېكىتىلدى!

ئىنتايىن پايدىلىق خەۋەر

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章