شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئەسلىدىن بار زېمىنى

时事   2024-11-26 20:01   北京  

جۇڭگونىڭ تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئىدارە قىلىشى بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن كۆرۈشتى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى: جۇڭگونىڭ تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئىدارە قىلىشى» بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى جاۋ رۇي ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا دىققەت جۇڭگونىڭ تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئىدارە قىلىشىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، چوڭقۇر تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ رايونى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن، تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ رايونىغا قارىتا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن زور مىقداردىكى تارىخىي يادىكارلىقلار شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت توپلاشقان، كۆپ مىللەت يۇغۇرۇلغان، كۆپ دىن ئىناق، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تارىخىي تومۇرى ۋە رېئال مۇۋەپپەقىيەتلىرىمۇ بۇنى مول خام ماتېرىيال ۋە ئەمەلىي ئىسپات مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتماقتا. جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ تارىخىي تەجرىبىلەر ۋە ھازىرقى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىنى، شىنجاڭنى تونۇشىنى، شىنجاڭنى بايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ ئېچىۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم ساھەسىدىكى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى بىرلىكتە ياخشى سۆزلەيدۇ.

جاۋ رۇي ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر مۇقەررەر مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدۇ، شىنجاڭنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئالىملارنىڭ شىنجاڭغا سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىلمىي تىرەك ۋە ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئەسلىدىن بار زېمىنى، جۇڭخۇا مىللىتى كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگونىڭ تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ رايونىنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىش جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ ئىلىم جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، زىيارەت قىلىپ، ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

يىغىن يەنە پاراللېل مۇنبەر ئۆتكۈزدى، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس، ئالىملار «جۇڭگونىڭ تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئىدارە قىلىشى ۋە بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ بەرپا قىلىنىشى» قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى ۋە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ داشۆسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. جۇڭگو، ئەنگلىيە، رۇسىيە، ئىتالىيە، پاكىستان، كىرودىيە، موڭغۇلىيە دۆلىتىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملار قاتناشتى.


       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ دىققەت! بۇ خىل قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش

◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ

◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى

◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章