قىشلىق، يازلىق تەتىلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى؟

时事   2024-11-27 17:32   北京  

«قىسمەن مەكتەپلەر قىشلىق، يازلىق تەتىلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى»؟ ئەڭ يېڭى ئىنكاس كەلدى

 يېقىندا، بىر تور سۇپىسىدا «قىسمەن مەكتەپلەر قىشلىق، يازلىق تەتىلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى» دېگەن خەۋەر چىقىپ، تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى: «بۇ راستمۇ-يالغانمۇ؟»

 11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر ۋۇخەن شەھەرلىك خۇڭلىڭجىن مەكتىپى (شاڭمېي مەكتەپ رايونى)نىڭ سىنىپ مەسئۇلى خۇ مۇئەللىم بىلەن ئالاقىلەشتى، خۇ مۇئەللىم «قىشلىق، يازلىق تەتىلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا» ھېچقانداق ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى، نۆۋەتتە نورمال ئوقۇتۇش سۈرئىتى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، مۆلچەرلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بالىلارنى قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىر ۋۇخەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدى، مەزكۇر ئىدارە تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ بىر مەسئۇلى قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ چوقۇم يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇخبىر مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلارغا قىشلىق تەتىللىك ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان-قىلمىغانلىقىنى سورىغاندا، بۇ خادىم: «ھازىر يوق» دەپ جاۋاب بەردى.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان « ۋۇخەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 2024-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان ئوقۇش يىللىق پۈتۈن شەھەردىكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەرنىڭ دەرس پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»غا ئاساسەن، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر 2025-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى (شەنبە) قىشلىق تەتىلگە رەسمىي قويۇپ بېرىدىكەن، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 1-ئاينىڭ 22-كۈنى (چارشەنبە) قىشلىق تەتىلگە رەسمىي قويۇپ بېرىدىكەن.

2021-يىلى جەمئىيەتتە «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىشلىق، يازلىق تەتىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ» دېگەن گەپ چىققاندا، ئەينى چاغدا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇرۇپ «بۇنداق قاراشنىڭ ئاساسى يوق» دەپ ئىنكار قايتۇرغانىدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى

بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ

ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار

بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك

بېكىتىلدى!

ئىنتايىن پايدىلىق خەۋەر

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章