12367 كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى رۇس تىلى، ياپون تىلى، كورېيە تىلى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدۇ
دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ، 12367 كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ تېلېفون تېرمىنالىدا ئەسلىدىكى خەنزۇچە-ئىنگلىزچە قوش تىل مۇلازىمىتى ئاساسىدا رۇس تىلى، ياپون تىلى، كورېيە تىلى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدىكەن. 12367 گە تېلېفون قىلغان ئابۇنىچى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاۋازلىق يول باشلاش تۈرى ئىچىدىن مۇناسىپ تىل مۇلازىمىتىنى تاللىسا بولىدۇ. رۇس تىلى، ياپون تىلى، كورېيە تىلى مۇلازىمىتىنى تاللىغانلارغا قارىتا، سۇپا ۋاقتىدا «ئابۇنىچى، تەرجىمان، تېلېفونىست»تىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ئاۋازلىق سۆزلىشىش سۇپىسى قۇرۇپ، «بىر نومۇر بىلەنلا قوبۇل قىلىش، قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش، ئاخىرغىچە بېجىرىش» مۇلازىمەت ئىنكاسى بىلەن تەمىنلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەللىك خادىملارنى تېخىمۇ قولايلىق بولغان كۆچمەنلەر چېگرادىن كىرىش-چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشىدۇ.
دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك چېگرادىن كىرگەن-چىققانلارغا يۈزلىنىپ تەسىس قىلغان بىر گەۋدىلەشكەن «خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزى»، « بىر نومۇر بىلەن ئۇلىنىش» بولۇش سۈپىتى بىلەن ، 12367 كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى تېلېفون تېرمىنالى، «كۆچمەنلەر ئىدارىسى 12367» APP ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، ئۈندىدار ۋە جىفۇباۋ ئەپچىقى، تور بېكىتى تېرمىنالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 24 × 7 سائەتلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق رېئال ئىنكاس قايتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك خادىملارنى «سورىيالايدىغان، بېجىرەلەيدىغان» بىر كۆزنەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك خادىملار، كارخانىلارنىڭ جۇڭگونىڭ كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساھەسىگە ئالاقىدار «جىددىيلىشىۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۆزنەك.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى
بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ
ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار
بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى