نازاكەت ئەنۋەر بىرىنچى بولدى

时事   2024-11-25 15:01   北京  

نازاكەت بىرىنچى بولدى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەشغۇلات سۇپىسىدا بىر ئاي ئۆگىنىپلا ئايرىم دىجورنىلىق نومۇرى ئېلىپ، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم تېلېفون ئىستانسىسىنىڭ يېقىنقى 10 يىللىق رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، ھەربىي سەپكە كىرىپ 13 ئايدىلا پۈتۈن تۈەن بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدى. ئۇ دەل شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم تۈەنىنىڭ جەڭچىسى نازاكەت ئەنۋەر. قېنى بىرلىكتە ئۇنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش ھېكايىسىنى ئاڭلايلى.

«2000-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان» نازاكەت دېڭىزدىن يىراق شەھەر شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئۇ چىڭداۋغا كېلىپ دېڭىز ئارمىيە مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان. خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچەيگەن ئۇلۇغۋار مۇساپىسىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىغا پاراخوت ھەيدەپ دولقۇن يېرىپ، ئوكيان ئاتلاپ ئۆتۈشتەك ئارزۇ پەيدا بولغان.

2023-يىل 9-ئايدا، نازاكەت دېڭىز-ئوكياندا تۆھپە قوشۇش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بېيجىڭ تىل داشۆسىدىن ھەربىي سەپكە قاتناشقان. تۇنجى قېتىم ھەربىي گازارمىغا كىرگەندە، ئۇنىڭ بەدەن ئىقتىدارى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، لېكىن يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي، مەشىقنى كۈچەيتكەن، ئۇ تاۋلانغاندىلا پولات بولالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.

بىلىكىنىڭ كۈچى بولمىسا، چېنىقىش ئۆيىدىكى ئەسۋابلاردىن پايدىلىنىپ كۈچ مەشىقى ئېلىپ بارغان، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتە كۈچى يەتمىسە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەشىقنى كۆپەيتكەن. ئىرادىلىك ئادەم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدىكى باھالاش ئىمتىھانىدا ئۇ ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن.

يېڭى ئەسكەرلەر ليەنىدىكى «كىچىك نەتىجىلەر» نازاكەتنى ئۇزۇن خۇشاللىققا ئېرىشتۈرەلمىدى. كېيىنكى سىناق ئۇنىڭغا قاتتىق «زەربە» ئېلىپ كەلدى، لىيەندىن قايتقاندىن كېيىن نازاكەت تېلېفون كەسپىگە تەقسىم قىلىندى. نەچچە مىڭ تېلېفون نومۇرىنى يادلاش، مۇلازىمەتتە ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنى ئەستە چىڭ تۇتۇش زۆرۈر بولۇپلا قالماي يەنە ئۆلچەملىك، راۋان بولغان دۆلەت ئورتاق تىلىنى مەشىق قىلىشى كېرەك، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن چوڭ بىر سىناق ئىدى.

مەشىقتىكى ئۈلگىلىك ئەسكەردىن ئۆزى ماھىر بولمىغان تۈرگە بولغان پەرققە يۈزلەنگىنىدە، ئۇ سەل گاڭگىراپ قالدى، ھەر قېتىمدا ئارقىدا قېلىۋاتقان باھالاش نەتىجىسىگە يۈزلەنگىنىدە، ئىزچىل ئۈمىدۋار بولۇپ كەلگەن نازاكەت يوشۇرۇنچە ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلدى.

ليەندۈينىڭ سىياسىي يېتەكچىسى ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، ليەندۈيدىكى بىر تۈركۈم ئوخشاش قاراردىكى يېڭى ئەسكەرلەرنى تەشكىللەپ، «مۇڭدىشىش، يۇرت ھەققىدە پاراڭلىشىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، «شىنجاڭ ئۇسسۇلىنىڭ سىن كۆرۈنۈشى توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، شىنجاڭنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىمەن.» نازاكەت يۇرتىنى تونۇشتۇرغاندا، كۆز ئالدىدا يەنە ئىلگىرىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ نۇرى قايتىدىن نامايان بولدى.

بەنجاڭ، تايانچلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ «ئالتۇن چارىسى»، «ئەپچىل چارىسى»، «يېڭىش تاكتىكىسى»نى ئايىماي سۆزلەپ بەردى. ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە يېڭىدىن چېمپىيون بولغان بەنجاڭ دىڭ جياۋ ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ: «ئەگەر سىزگە بەك تەس بىلىنگەن بولسا، ئۇ چوقۇم سىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، دەسلەپتە مېنىڭ نەتىجەممۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان» دېدى.

قايتا-قايتا سىردىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، كۆڭۈل قويۇپ كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىش، ئىللىق، ئىناق كەيپىياتنىڭ تۈرتكىسىدە، نازاكەت ئاستا-ئاستا يۈكنى چۆرۈپ تاشلاپ، يەڭگىللىك بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، بىر ئاي ئىچىدىلا نومۇرغا ئېرىشىپ، ئۆزى يالغۇز نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان «مەيدانغا كىرىش بېلىتى»نى ئېلىپ، ئوخشاش بىر تۈركۈم تېلېفونىستلار ئىچىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى.

بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، تۈەن ئاممىۋى مەشىق ۋە مۇسابىقە خاراكتېرلىك باھالاشنى تەشكىللىدى، نازاكەت دەرھال قاتنىشىشقا تىزىملاتتى، تۇنجى قېتىم ماھارەت كۆرسىتىشكە قاتناشقان بولغاچقا، ئۇنىڭ تەجرىبىسى كەمچىل، ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر ئىدى.

مەركەزلىك مەشىق قىلغاندا، ئۇ ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، قېتىرقىنىپ ئىزدەندى، ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىگە «ۋەزىپە قوشۇپ»، جاپالىق مەشىق قىلدى ھەمدە تەجرىبىسى مول بەنجاڭلىرىدىن ماھارەت ئۆگىنىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن سۆزلىشىشنى مەشىق قىلىپ، خەت ئۇرۇش سۈرئىتى ۋە توغرىلىق نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن، ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە، نازاكەت ئەلا كەسپىي سەۋىيەسى ۋە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان پىسخىك ساپاسىغا تايىنىپ، تېز سۈرئەتتە يادلاش، نەزەرىيە باھالاش قاتارلىق پەنلەردە تولۇق نومۇر ئېلىپ، ئومۇمىي باھالاشتا بىرىنچى بولۇشتەك ياخشى نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولدى.

مەشىقتىن باشقا ۋاقىتلاردا، شىنجاڭلىق كۆپ ئىقتىدارلىق قىز نازاكەت تۈرلۈك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىدارىدە ئۆتكۈزۈلگەن كېچىلىكتە مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ يېتىلىش، قايتا-قايتا ئۆزگىرىش نازاكەتنى ئۈزلۈكسىز ئالغا باستۇردى. «يېتەكچى، مەن پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىمەن، بالدۇرراق پارتىيە ئەزاسى بولغۇم بار....» نازاكەتنىڭ ئاكتىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان قەلبى ئۇنى تەشكىلگە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇنۇشقا ئىلھاملاندۇردى، ياچېيكا كومىتېتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ئارقىلىق ئۇ ھازىر پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىغا ئايلاندى.

كۈرەش ياشلىقنىڭ ئاساسى، باتۇرلۇق ھەربىيلەرنىڭ پەزىلىتى، نازاكەت ھەربىي گازارمىدا ئۆزىنىڭ رەڭدار ھاياتىنى سىزىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ھەربىي ھېكايىسى يەنىلا داۋاملاشماقتا، نازاكەت، داۋاملىق تىرىشىڭ.



       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ دىققەت! بۇ خىل قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش

◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ

◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى

◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章