ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ھەر مەۋسۇمدا بىر باھالايدۇ

时事   2024-11-25 10:38   北京  

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەر مەۋسۇمدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 22-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە يېمەكلىك خىراجىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتى كۆرسەتمىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، مەكتەپ تامىقىنىڭ ھالقىلىق ساھەلىرى ۋە ئاجىز ھالقىلىرىغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مەشغۇلات تەرتىپى ۋە ئۆلچەمنى تەپسىلىيلەشتۈردى. خىزمەت كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، مەكتەپلەر ھەر مەۋسۇمدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا بىر قېتىم يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تاماق بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى، باھاسى، تازىلىقى، مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك باھالىشى ھەمدە پىكىر ۋە تۈزىتىش ئەھۋالىنى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

خىزمەت كۆرسەتمىسىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەكتەپلەردىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە تاماق خىراجىتىنى باشقۇرۇشتا مەكتەپنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ مۇدىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇشتەك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ھەمراھ بولۇپ تاماق يېيىش تۈزۈمىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىپ، ھەربىر ۋاق تاماقتا مەكتەپنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە تاماق يېيىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، شارائىتى بار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئاتا-ئانىلار ھەمراھ بولۇپ تاماق يېيىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك؛ مەكتەپ تاماقلىرىنى نازارەت قىلىدىغان ئاتا-ئانىلار كومىتېتى قۇرۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش، ھەمراھ بولۇپ غىزالىنىش، سۈپەت باھالاش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، كىرىم-چىقىمنى ئاشكارىلاش قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنى نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپلەر تەلەپ بويىچە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خادىمى سەپلىشى، 500 كىشىلىكتىن يۇقىرى مەكتەپ ئاشخانىسىغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى باش نازارەتچىسى سەپلىشى كېرەك.

مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك سېتىۋېلىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاش، يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ھالقىلارنى باشقۇرۇشقا قارىتا، خىزمەت كۆرسەتمىسىدە يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى مال بىلەن تەمىنلەش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، زور مىقداردىكى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى كىرگۈزۈشنى تەكشۈرۈشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، «قوش كىشىلىك ياكى كۆپ ئادەم بىرلىشىپ تەكشۈرۈش»تەك تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان ئاشخانا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى، ئاشخانىنى سىرتقا ھۆددىگە بەرگەن ياكى تىجارەت قىلىشنى ھاۋالە قىلغاندا، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئاشكارا بېكىتىپ، ئىجازەت، باھالاش ۋە چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

خىزمەت كۆرسەتمىسىدە يېمەكلىك خىراجىتىنى باشقۇرۇشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مۇستەقىل تىجارەت قىلىۋاتقان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئاشخانىلىرى بوغالتىرلىق ھېساباتىنى مۇستەقىل قانات يايدۇرىدۇ، ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويغان مەكتەپلەرنىڭ مالىيە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ مەبلەغنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.



       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ دىققەت! بۇ خىل قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش

◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ

◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى

◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章