دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى 2 مىليون 600 مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ 80 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يۈكىنى يېنىكلەتتى
2016-يىلى نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلانغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى جەمئىي 2 مىليون 600 مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ 80 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يۈكىنى يېنىكلەتتى.
مۇخبىر بۇنى يېقىندا جياڭسۇ نەنتۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى يىغىنىدىن ئىگىلىگەن.
دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى تاۋ يىغىندا مۇنداق بىلدۈردى: ھازىرغا قەدەر، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى 49 شەھەردىكى تەخمىنەن 180 مىليون ئادەمنى قاپلاپ، «بىر ئادەم ئىقتىدارىدىن قالسا، پۈتۈن ئائىلە تەڭپۇڭسىزلىشىش»تەك قىيىن ئەھۋالىنى ھەل قىلىش، ئاق چاچلىقلار ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.
ياشانغانلار كۆپىيىش جەمئىيىتىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، ئىقتىدارىدىن قالغانلار، بولۇپمۇ ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. لى تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر دەرىجىدىكى ئىقتىدارىنى يوقاتقانلارنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى پەرۋىش مۇلازىمەت كاپالىتىنى تۈزۈمنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە زۆرۈر نۇقتىسى قىلىپ، كاپالەت دائىرىسى ۋە تەمىنات ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئېغىر دەرىجىدىكى ئىقتىدارىنى يوقاتقانلارنىڭ ئاساسىي پەرۋىش كاپالىتى ئېھتىياجىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، ئىقتىدارىنى يوقاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىقتىساد، لاۋازىمەت خاراكتېرلىك يۈكنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.
لى تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: داۋالىنىش كاپالىتى سۇغۇرتىسى تارماقلىرى ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، سودا خاراكتېرلىك ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى، ئالاقىدار ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى تولۇقلىما قىلغان كۆپ قاتلاملىق ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش كاپالىتى سىستېمىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئورنىتىپ، ئائىلە، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان ئۇنىۋېرسال كاپالەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە
فەن XXنى قولغا ئېلىش تەستىقلاندى
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى