جۇڭگو ۋەكىلى: ئامېرىكىنىڭ ئۆزى يالغۇز ئىنكار قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشى غەززە ئاممىسىنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدىنى بىتچىت قىلدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلدى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى ئون ۋاقىتلىق ئەزا دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويدى، بۇ قارار لايىھەسىدە غەززە رايونىدا دەرھال شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىپ، تۇتۇپ تۇرۇلغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان. خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 ئەزانىڭ 14ى قوللاپ ئاۋاز بەردى، دائىمىي ئەزا دۆلەت ئامېرىكا ئىنكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، قارار لايىھەسىنىڭ ماقۇللانماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فۇ سۇڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئاۋازغا قويغاندىن كېيىنكى چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندى. گىۋىيانا، ئالجىرىيە قاتارلىق 10 ۋاقىتلىق ئەزا دۆلەت قارار لايىھەسىنى كېڭىشىش جەريانىدا ئەڭ زور سەمىمىيلىك ۋە ئىجابىيلىقىنى نامايان قىلدى. ئامېرىكا ئىنكار قىلىش ھوقۇقىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىپ، غەززە ئاممىسىنىڭ ھايات قېلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىنى بىتچىت قىلىپ، ئۇلارنى يەنىمۇ قاراڭغۇلۇق ۋە ئۈمىدسىزلىككە ئىتتىردى.
فۇ سۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ قايتا-قايتا ئىنكار قىلىشى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ نوپۇزىنى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈرۈپ قويدى. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇشتەك مەسئۇلىيىتىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، پاسسىپ ھالدا ئۆزىنى قاچۇرماسلىقىنى، قەستەن كەينىگە سۈرمەي، تارىخقا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىش، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشىنى قوللاشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ.
بۇلتۇر 10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 40مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلدى. خەلقئارا جەمئىيەتتە غەززە رايونىدا دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىشتەك مۇتلەق سادا شەكىللەنگەن بولسىمۇ، بىراق خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىش قارار لايىھەسى كۆپ قېتىم ئامېرىكىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ دىققەت! بۇ خىل قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش
◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ
◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى
◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟