ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ رەسمىي بايانات ئېلان قىلدى

时事   2024-11-26 09:00   北京  

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ رەسمىي بايانات ئېلان قىلدى!

11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى كەچتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ ( ئۈرۈمچى شەھەرلىك چەت ئەل تىلى مەكتىپى ) ئورگان تەرەپ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق رەسمىي بايانات ئېلان قىلدى:

مەكتەپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمىدى.

ئاتا-ئانىلار ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، بەزى ساختا تەشۋىقات ۋە ساختا ۋەدىلەرگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەڭلار

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا، مەكتەپ بىر قىسىم جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپ (ئۈرۈمچى شەھەرلىك چەت ئەل تىلى مەكتىپى) بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا دىققەت قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەكتەپ كەسكىن ھالدا شۇنداق بايانات ئېلان قىلىدۇكى، مەكتەپ ھېچقانداق جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەربىيەلەش ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمىدى، شۇنداقلا سىرتتىكى ھەرقانداق جەمئىيەت خاراكتېرلىك سۇپىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلمايدۇ ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمايدۇ، ئاتا-ئانىلار «ئۈرۈمچى شەھەرلىك چەت ئەل تىلى مەكتىپى 12-ئوتتۇرا مەكتەپ»نىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىغا دىققەت قىلىڭلار، ئورگان تەرەپ ئۇچۇرى ئۈندىدار سالونىدىكى بويىچە بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى

بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ

ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار

بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك

بېكىتىلدى!

ئىنتايىن پايدىلىق خەۋەر

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章