ھاياتتا نەدىمۇ «يەڭگۈچى» ۋە «يېڭىلگۈچى» مەۋجۇت بولسۇن؟

时事   2024-11-26 23:02   北京  

خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 

ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 




不要急于过标配的人生

«ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن» ھاياتنى كەچۈرۈشكە ئالدىرىماڭ



ღ ღ ღ


在中国人的意识中,每个人生阶段,都会存在一个标配的人。

دۆلىتىمىزدىكىلەرنىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا، ھاياتلىقنىڭ ھەربىر باسقۇچىدا «ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن» ئادەمدىن بىرى بولىدۇ.

迫切成为这个标准件,是多数人焦虑的根本原因。

مانا مۇشۇنداق «ئۆلچەملىك زاپچاس»قا ئايلىنىشقا ئالدىراش نۇرغۇن ئادەمنىڭ تەشۋىشلىنىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر.

对于年轻父母而言,生孩子的标配就是生一个别人家的孩子,听话懂事,学习成绩又好,年年拿奖状,给父母长脸面。

ياش ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەرزەنتلىك بولۇشتىكى «ئۆلچەملەشتۈرۈش» دەل «باشقىلارنىڭ بالىلىرى»نى دۇنياغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ يەردىكى «ئۆلچەملەشتۈرۈش» بولسا گەپ ئاڭلاش، ئىش ئۇقۇش، ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولۇش، ھەر يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

如果生了个调皮捣蛋、不爱学习的孩子,父母就会时刻拿自己的孩子和隔壁家的标准件去对比,在对比中越发觉得自己家的是个残次品

ناۋادا، ئۆزىنىڭ بالىسى كەپسىز، چاتاقچى، ئۆگىنىشنى ياقتۇرمايدىغان بولسا، ئاتا-ئانىلار ئۇنى دەرھال قوشنا ئۆيدىكى «ئۆلچەملىك زاپچاس»قا سېلىشتۇرىدۇ، سېلىشتۇرغانسېرى ئۆزىنىڭ بالىسىنى «سۈپەتسىز مەھسۇلات»تەك ھېس قىلىدۇ.

被父母和隔壁家的标准件对比久了,孩子自己也会慢慢觉得自己是个非达标产品,自信心受到剧烈打击,最后沦为破罐子破摔。

ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوشنىلارنىڭ «ئۆلچەملىك زاپچاس»لىرى بىلەن سېلىشتۇرغان ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، بالىلارنىڭمۇ ئۆزىنى «ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان مەھسۇلات»تەك ھېس قىلىشى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى كۈچلۈك زەربىگە ئۇچراپ، ئاخىرىدا، ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.

一些刚毕业的学生,他们认为标配人生,就是在两年内有房有车,三年内结婚生子,如果谁在最短时间内完成了这些事情,就会被周围的人称之为人生赢家

يېڭىدىن ئوقۇش پۈتكۈزگەن بەزى ئوقۇغۇچىلار «ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن» ھاياتنى «ئىككى يىل ئىچىدە ئۆي ۋە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، ئۈچ يىلدا توي قىلىپ بالىلىق بولۇش» دەپ قارايدۇ. كىمىكى ئەڭ قىسقا مۇددەتتە مۇشۇ ئىشلارنى تاماملىيالىسا، ئەتراپىدىكىلەر تەرىپىدىن «ھاياتتىكى يەڭگۈچى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

一个读者,女孩,26岁,当她看见同学和同事都纷纷走向婚姻,结婚秀娃,她十分焦虑,焦虑到失眠。

26 ياشلىق بىر قىز ئوقۇرمەن ساۋاقداش ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن توي قىلىپ، بالىلىق بولغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق تەشۋىشلەنگىنىدىن كېچىلىرىمۇ ئۇيقۇسىز قالىدۇ.

因为她妈妈说过,作为一个女人,就应该在24岁之前把自己嫁出去,28岁之前生完二胎,然后相夫教子,这样的生活才是女人的标配

چۈنكى، ئاپىسى ئۇنىڭغا: «ئايال كىشى بولغان ئادەم 24 ياشتىن بۇرۇن ياتلىق بولۇپ، 28 ياشتىن بۇرۇن ئىككىنچى بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن، يولدىشىغا ياردەمچى، بالىلىرىغا تەربىيەچى بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق تۇرمۇشلا ئاياللارنىڭ <ئۆلچەملەشكەن تۇرمۇشى> ھېسابلىنىدۇ» دېگەنىدى.

这个女孩看着身边的闺蜜一个个都成为了人生赢家,尽管自己事业节节攀升,但还是觉得自己失败极了,因为她走的路不是女人的标配

گەرچە، بۇ قىز كەسپىي جەھەتتە بالداقمۇبالداق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، دوستلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن «ھاياتتىكى يەڭگۈچى»گە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى يەنىلا «ئېغىر مەغلۇب بولغان»دەك ھېس قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئاياللارنىڭ «ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن» يولىدا ماڭمىغانىدى.


ღ ღ ღ


我曾经和朋友讨论过,什么样的男人算是相对成功的男人。

ئىلگىرى، دوستلىرىم بىلەن قانداق ئەرنىڭ نىسبەتەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەر ھېسابلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشكەنىدۇق.

几个朋友都认为,30岁之前买房买车,结婚生子,事业蒸蒸日上,还有一笔不少的存款,这样的状态才算是30岁男人的标配。

شۇ چاغدا، بىر نەچچە دوستىمىز 30 ياشتىن ئىلگىرى ئۆي، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، توي قىلىپ بالىلىق بولۇش، كەسپىي جەھەتتە كۈندىن-كۈنگە يۇقىرى ئۆرلەش، ئاز بولمىغان ئامانەت پۇلى بولۇشلا 30 ياشلىق ئەرلەرنىڭ ئۆلچەملەشكەن تۇرمۇشى بولىدۇ، دەپ قارىغانىدى.

如果男人再优秀点,房子住200平,车子100万,这比标配升级一点,算是人生的豪配

ناۋادا، ئەرلەر بۇنىڭدىنمۇ مۇنەۋۋەررەك بولۇپ، 200 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيدە تۇرسا، بىر مىليون يۈەنلىك ئاپتوموبىلى بولسا، «ئۆلچەملەشتۈرۈش»تىن بىر بالداق يۇقىرى نۇقتىغا چىقىپ، ھاياتتىكى «ھەشەمەتلىك ئۆلچەملەشتۈرۈش» دەرىجىسىگە يەتكەن بولىدۇ.

多数男人,为了达到标配,成为一个标准件男人,焦虑不安,整日忧心忡忡,总觉得自己活得很窝囊,感觉自己没有男人尊严

كۆپىنچە ئەرلەر «ئۆلچەملەشتۈرۈش» دەرىجىسىگە يېتىپ، «ئۆلچەملىك» ئەر بولۇش ئۈچۈن بىتاقەت بولىدۇ، كۈنبويى غەم-ئەندىشىدە يۈرىدۇ، ھەمىشە ئۆزىنى «قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان»دەك، «ئەرلەرگە خاس غۇرۇرى» يوقتەك ھېس قىلىدۇ.

一个朋友说,自己曾经成绩碾压一切学渣,毕业后,留在了北京,工作也不错,但是距离在北京买房,还差一点。

بىر دوستۇم ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ئوقۇشتا ناچار بارلىق ساۋاقداشلىرىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن بېيجىڭدا قېلىپ يامان ئەمەس خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بولسىمۇ، ئەمما، بېيجىڭدىن ئۆي ئېلىشىغا يەنە ئازراق ۋاقىت بارلىقىنى ئېيتقانىدى.

而他的一些同学,在三四线城市买房买车,结婚生子,达到标配。看着别人晒娃秀恩爱,全是岁月静好。而自己一个人在北京苦苦努力,觉得很失败。

بىراق، ئۇنىڭ بەزى ساۋاقداشلىرى ئۈچىنچى، تۆتىنچى قاتاردىكى شەھەرلەردىن ئۆي ۋە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، توي قىلىپ بالىلىق بولۇپ، «ئۆلچەملەشكەن» تۇرمۇش كەچۈرۈش دەرىجىسىگە يېتىپ بولغانىدى. شۇڭا، ئۇ باشقىلارنىڭ بالىلىرى ۋە جورىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ تولىمۇ بەختلىك ئۆتۈۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ بولسا يەككە-يېگانە ھالدا بېيجىڭدا جاپالىق تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى بەكلا مەغلۇب بولغاندەك ھېس قىلىدۇ.

人生赢家这个词,似乎成了褒扬一个人的最高标准,而评判一个人是否符合人生赢家,最重要的两个条件是有房有车结婚生子

«ھاياتتىكى يەڭگۈچى» دېگەن بۇ سۆز بىر ئادەمنى ماختاشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمى بولۇپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر ئادەمنىڭ «ھاياتتىكى يەڭگۈچى» دېگەن نامغا ماس كېلىش، كەلمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا «ئۆي بىلەن ئاپتوموبىلى بولۇش» ۋە «توي قىلىپ بالىلىق بولۇش»تىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم ئىككى شەرتكە قارالدى.

然而,人生不是一场赌博,哪有什么人生赢家人生输家,只不过是走的路不同罢了。

بىراق، ھايات قىمار بولمىغانلىقتىن، نەدىمۇ «ھاياتتىكى يەڭگۈچى» ۋە «ھاياتتىكى يېڭىلگۈچى» مەۋجۇت بولسۇن؟ بۇ يەردىكى پەرق پەقەتلا ماڭغان يولنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىققان.

ھەممە ئادەمنىڭ باشلاش نۇقتىسى ئوخشاش بولمايدۇ. يېزىدىن كەلگەن بالىلار شەھەردىن ئۆي ئالماقچى بولسا، بىر نەچچە يىل خىزمەت قىلسا ئاندىن دەسلەپ تۆلىنىدىغان پۇلنى غەملىيەلىشى مۇمكىن. بىراق، شەھەرلىك بالىلار ئوقۇش پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا ئائىلىسىدىكىلەر ھەممىنى تەييارلاپ بېرىدۇ.

يېزىدىن كەلگەن بالىلارنىڭ «ئۆلچەملەشكەن» تۇرمۇشقا يېتىشى ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.


ღ ღ ღ


ئوخشىمايدىغان كىشىلەر ئوخشىمايدىغان ھاياتلىق يولىنى تاللايدۇ. بەزىلەر داشۆنى پۈتكۈزۈپلا خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، توي قىلىپ بالىلىق بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ نەۋرىلىك بولۇش ئارزۇسىنى بالدۇرلا ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھاياتتىكى يەڭگۈچىگە ئايلانغاندىن سىرت، يەنە ئاتا-ئانىسىنىمۇ ھاياتتىكى يەڭگۈچىگە ئايلاندۇرىدۇ.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش ياكى ئىگىلىك تىكلەشنى تاللاپ، قەلبىدىكى ئارزۇسىنى قوغلىشىدۇ. شۇ سەۋەب ئۇلارنىڭ «ئۆلچەملەشكەن» ھايات كەچۈرۈش پۇرسىتى كېچىكىپ كېتىدۇ، ھەتتا، 40 ياشقا كىرگۈچىمۇ يەككە-يېگانە ياشايدۇ، ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدۇ.

دۆلىتىمىزدە بىر قىسىم كىشىلەر «ئۆلچەملەشكەن ھايات» كەچۈرۈشكە ئالدىرىسىمۇ، ئەمما، بالىلىرىنى بالدۇرراق «ئۆلچەملەشكەن» ھايات كەچۈرسىكەن دەيدىغانلار يەنىلا ئاتا-ئانىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار «ئۆلچەملەشكەن» بالىدىن بىرنى يېتىشتۈرۈپ چىقالىسىلا ئۆزىنىڭ «كۆپىيىش ئىقتىدارى»نىڭ ياخشىلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ گېنىنىڭ ياخشىلىقىدىن مەغرۇرلىنىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن سىرت، يەنە بالىلار قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا 24 ياشتىن ئىلگىرى توي قىلىش، 26 ياشتىن ئىلگىرى بىر بالىلىق بولۇش، 30 ياشتىن ئىلگىرى ئىككى بالىلىق بولۇشتىن ئىبارەت «ئۆلچەملەشكەن» ھاياتلىق نىشانىدىن بىرنى بېكىتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ «نەۋرىلىك بولۇش» پىلانىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ، پەقەت شۇنداق بولغاندىلا ھاياتىنى ناھايىتى «ئۆلچەملىك» ئۆتكەندەك ھېس قىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاڭ قاتلىمى قانچە يۇقىرى بولسا، بالىلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى شۇنچە تۆۋەن دەرىجىدە بولىدۇ. بىراق، بۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى شۇنچە زور بولىدۇ.


ღ ღ ღ


人生不是一场赌博,而是一场旅行,如果把人生当成了赌博、追赶、攀比,这样的人生,注定和焦虑永伴。

ھاياتلىق بىر مەيدان قىمار بولماستىن، بەلكى، بىر قېتىملىق ساياھەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى قىمار، قوغلاپ يېتىشىۋېلىش، سېلىشتۇرۇش دەپ قارىۋالغاندا، ئۆمۈر بويى تەشۋىشلىنىشتىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.

不同的生活有不同的精彩,我们都希望活出自己的精彩,因为每个人生都是不一样的。

ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇشنىڭ نادىر تەرەپلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشى پەرقلىق بولغانلىقتىن، ھەربىرىمىز ئۆز تۇرمۇشىمىزنىڭ نادىر تەرەپلىرىنى نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

我见过急于过标配的人,他们给自己定了详细的人生目标,对房,车,存款,女人,孩子……都会做出一个精确的时间计划,认为只有如期完成,才能成为所谓的人生赢家

مەن «ئۆلچەملەشكەن» تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئالدىرىغانلارنى كۆرگەن. ئۇلار ئۆزلىرىگە تەپسىلىي ھاياتلىق «نىشانى» بېكىتىۋالغان بولۇپ، ئۆي، ئاپتوموبىل، ئامانەت پۇل، توي قىلىش، بالىلىق بولۇش.... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېنىق ۋاقىت پىلانى تۈزۈۋالغان ھەمدە مۇشۇلارنى ئۆز ۋاقتىدا تاماملىيالىسا، ئاندىن «ھاياتتىكى يەڭگۈچى» بولالايمەن دەپ قارىغانىدى.

其实,人生赢家不过是过上了大众的标配人生,对于这种标配模式的生活,其实是最无趣味和吸引力的。

ئەمەلىيەتتە، ھاياتتىكى يەڭگۈچى بولۇش كۆپچىلىككە ئوخشاش «ئۆلچەملەشكەن ھايات» كەچۈرۈشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئۆلچەملەشكەن تۇرمۇش شەكلى ئەڭ مەنىسىز ۋە ئەڭ جەلپ قىلىش كۈچى يوق شەكىلدۇر.

把人生过成了标准答案,成为了庸俗的大多数,这样的人生不能算是成功,但也不算是可悲,只是有些无趣罢了。

«ئۆلچەملىك جاۋاب»قا ئوخشاش ياشاپ، ئادەتتىكى «كۆپ سانلىق»قا ئايلىنىشنى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق دېيىشكىمۇ، ئېچىنىشلىق دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئۇ پەقەتلا ئازراق زېرىكىشلىك، خالاس.

尽自己最大的努力,慢慢靠近自己想要的生活,而不是追赶标配,在努力的过程中,享受生活中的美好和温暖,如此,才算没有辜负岁月。

ئادەم ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆزى ئارزۇلىغان تۇرمۇشقا بارا-بارا يېقىنلاشقان، ھەرگىزمۇ «ئۆلچەملىشىش»نى قوغلاشمىغان، تىرىشىش جەريانىدا تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئىللىقلىقىدىن ھۇزۇرلانغاندا، ئاندىن يىللارنى بىھۇدە ئۆتكۈزمىگەن بولىدۇ.


ღ ღ ღ


不给自己设定标配,不给孩子设定标配,不去羡慕别人的标配,不去嘲讽别人的非标配,这是生活的能力,也是最起码的生活智慧。

ئۆزىڭىزگە «ئۆلچەم» بېكىتىۋالماڭ، بالىڭىزغا «ئۆلچەم» بېكىتىپ بەرمەڭ، باشقىلارنىڭ «ئۆلچەم»ىگە ھەۋەس قىلماڭ، باشقىلارنىڭ «ئۆلچەمسىز» ياشىشىنى مەسخىرە قىلماڭ. چۈنكى، بۇ ياشاش ئىقتىدارى ھەمدە ئەڭ ئەقەللىي ھاياتلىق پاراسىتى.

如果世间存在标配的人生,那么这样的生活真的不值一过。

ناۋادا، دۇنيادا «ئۆلچەملەشكەن» ھايات بولسا، بۇنداق ھايات ياشاشقا ئەرزىمەيدۇ.

没有无比正确的生活,只要怀揣着对生活的美好期许,并且一直努力向上,拥抱爱人和家庭,用心工作,在自己能力范围之内回馈社会。那么你走的这条路,就是最好的人生路。

پۈتۈنلەي توغرا ياشاش بولمايدۇ. پەقەت تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىشىشىنى ئۈمىد قىلىپ ھەمدە ئىزچىل ئالغا ئىنتىلىپ، جورىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە مېھىر ئاتا قىلسىڭىز، خىزمىتىڭىزنى كۆڭۈل قويۇپ قىلسىڭىز، ئىقتىدارىڭىز يەتكەن دائىرىدە جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرسىڭىزلا، ماڭغىنىڭىز ئەڭ ياخشى ھاياتلىق يولى ھېسابلىنىدۇ.

值得一过的人生,一定不是标配人生,而是私人订制

بىر ياشاشقا ئەرزىيدىغان ھايات «ئۆلچەملەشكەن ھايات» بولماستىن، بەلكى، «مەخسۇس بۇيرۇتۇلغان» ھايات بولىدۇ.




تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز



         بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

         مەنبە: خەلق تورى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق

◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ

◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش

◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج

◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا

◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章