不要轻易评价一个人
بىر ئادەمگە ئالدىراپ باھا بەرمەڭ
ღ ღ ღ
我们家种脐橙。前段时间因为疫情的原因,外地客商进不了村,父母辛苦一年种植的脐橙因此滞销。不得已,我们兄妹几个发动起身边一切资源开始推销。
ئائىلەمدىكىلەر تاتلىق ئاپېلسىن ئۆستۈرىدۇ. ئالدىنقى مەزگىللەردە يۇقۇم سەۋەبىدىن سىرتنىڭ خېرىدارلىرى كەنتكە كىرەلمىگەنلىكتىن، ئاتا-ئانام بىر يىل جاپا تارتىپ پەرۋىش قىلغان ئاپېلسىنلارنىڭ بازىرى كاساتلىشىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىز بىر نەچچە قېرىنداش بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ تەشۋىق قىلىپ سېتىشقا باشلىدۇق.
我抱着试试看的想法在微信群里发布消息,没想到有许多人主动加我购买,还推荐给身边的朋友,这让我有些意外。
مەن تەلەي سىناش مەقسىتىدە ئۈندىدار توپىدا ئۇچۇر يوللىغاندىن كېيىن، ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن ئادەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېنى قوشۇپ مال سېتىۋالدى، يەنە تېخى ئەتراپىدىكى دوستلىرىغا تەۋسىيە قىلدى. مەن بۇنىڭدىن ئازراق تاساددىپىيلىق ھېس قىلدىم.
我平时在群里并没有多少熟人,这次居然这么多人帮忙,而且都是货还没送过去,对方钱就先打过来了,其中还有几个热心肠的人主动跟我传授销售秘诀。了解之后才知道,他们很多人都在微信上卖过东西,对这种模式很熟悉。
ئادەتتە توپلاردا ئۇنچە كۆپ تونۇشۇم يوق ئىدى. بىراق، بۇ قېتىم شۇنچە كۆپ ئادەم ياردەم قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تېخى مالنى يەتكۈزمەي تۇرۇپلا قارشى تەرەپ پۇلنى ئەۋەتىپ بەردى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر نەچچە ئاقكۆڭۈل كىشى تېخى مەن بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، سېتىش مەخپىيىتىنى ئېيتىپ بەردى. كېيىن مەن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۈندىداردا بىرنەرسە سېتىپ باققانلىقىنى، بۇنداق ئۇسۇلغا ناھايىتى پىششىقلىقىنى بىلدىم.
因为我们脐橙定价便宜、质量也好,在这些热心人的帮助下,不到三天,近万斤脐橙就销售一空。
بىزنىڭ ئاپېلسىنلىرىمىزغا بېكىتىلگەن باھا خېلىلا ئەرزان، سۈپىتى ياخشى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ قىزغىن كىشىلەرنىڭ ياردىمى بولغانلىقتىن، 10 مىڭ جىڭغا يېقىن ئاپېلسىن ئۈچ كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پاكپاكىز سېتىلىپ بولدى.
过去我总觉得,在微信上卖东西的人都太张扬,在朋友圈发现一个便屏蔽一个。这次看到他们仗义相助,完全改变了我的想法。我内心除了感激,还多了一些惭愧:因为遇到过少数几个招人烦的微商,我便戴上了有色眼镜,对整个群体都有了不恰当的偏见。
مەن ئىلگىرى دائىم شۇنداق ئويلايتتىم، يەنى، ئۈندىداردا نەرسە ساتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بەك كۆپتۈرىدۇ، دەپ ئويلايتتىم، شۇڭا، چەمبىرەكلەردىن بىرىنى كۆرسەم شۇ بىرىنى كۆرۈنمەس قىلىپلا ماڭاتتىم. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ ماڭا سەمىمىيلىك بىلەن ياردەم قىلىشى مېنىڭ قارىشىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى. قەلبىمنى مىننەتدارلىقتىن كۆپرەك خىجىللىق ئىگىلىدى: چۈنكى، مەن ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدىغان بىر نەچچە ئۈندىدار سودىگىرىنى كۆرۈپلا، باشقىلارغىمۇ قالپاق كىيگۈزۈپ قويغان ۋە ھەممىسىگە بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولغانىدىم.
很多时候,我们看到的只是事实的一部分,而非全部。所以,不要轻易去给一个人或者一个群体下定义。
نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بىز ئەمەلىيەتنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس، پەقەت بىر قىسىمىنىلا كۆرىمىز. شۇڭا، بىز بىر ئادەمگە ياكى بىر توپقا ئاسانلىقچە تەبىر بەرمەسلىكىمىز كېرەك.
ღ ღ ღ
去年有段时间,我妈生病住院,需要人陪护。我原本打算请假,但公司的产品样品正在赶工,我不想因为自己的缺席影响整体交付,便没有跟主管开口,每天白天继续上班,晚上在医院照顾妈妈。
ئۆتكەن يىلى ئانام بىر مەزگىل ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، بىرىنىڭ ئۇنى بېقىشىغا موھتاج بولدى. مەن ئەسلىدە رۇخسەت سوراشنى ئويلىغان بولساممۇ، شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ياساش ئىشى جىددىي ئىدى، شۇڭا، ئۆزۈم خىزمەت ئۈستىدە بولماسلىقىم سەۋەبلىك كوللىكتىپنىڭ خىزمەتنى تاپشۇرۇشى تەسىرگە ئۇچرىشىنى خالىمىغاچقا، ئانامنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەسئۇلىمىزغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىز ئاچالمىدىم، ھەر كۈنى كۈندۈزدە ئىشلەپ، كەچتە دوختۇرخانىدىكى ئانامغا قارىدىم.
那段时间非常辛苦,我时常感觉自己像在梦游。同事们看到我恍惚的样子,也都察觉出我不在状态。
ئاشۇ كۈنلىرىم بەكلا جاپالىق ئۆتكەن بولغانلىقتىن، ئۆزۈمنى پات-پاتلا چۈش سەيلىسى قىلىۋاتقاندەك سېىزەتتىم. خىزمەتداشلىرىممۇ مېنىڭ گاراڭ ھالىتىمنى كۆرۈپ، ئەھۋالىم ياخشى ئەمەسلىكىنى سەزدى.
赶工结束,原以为可以请假休息了,没想到那批样品出了问题,客户直接取消了后续20万元的订单。经初步调查,问题恰恰出在我所在的部门。
خىزمەت ئاخىرلاشسا، رۇخسەت سوراپ ئارام ئالالايمەن، دەپ ئويلىغانىدىم. بىراق، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ تۈركۈم ئەۋرىشىكىلەردىن مەسىلە چىققانلىقتىن، خېرىدار كېيىنكى 200 مىڭ يۈەنلىك زاكاز كېلىشىمىنى بىكار قىلىۋەتتى. دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەسىلىنىڭ دەل مەن ئىشلەيدىغان بۆلۈمدىن چىققانلىقى بايقالدى.
订单取消,我们部门当月奖金都被扣掉,同事们都想找出罪魁祸首。因为我工作期间精神萎靡不振,大家有目共睹,一时间各种风言风语便向我袭来:“自己状态不好,别牵连大家啊!”“不会是看谁不顺眼,故意使坏吧?”“自私自利、心真毒!”
زاكاز بىكار قىلىنغانلىقتىن، بۆلۈمىمىزنىڭ شۇ ئايلىق مۇكاپاتى تولۇق تۇتۇۋېلىندى، خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشتىكى باش سەۋەبچىنى تېپىپ چىقماقچى بولدى. خىزمەت جەريانىدا مېنىڭ روھىم چۈشكۈن بولۇپ قالغانلىقىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلگەنلىكتىن، بىر مەزگىلگىچە زەھەردەك تەنە گەپلەر ئۈستۈمگە يېغىشقا باشلىدى: «ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمىسا، كۆپچىلىكنى چېتىۋالماسلىقى كېرەك-دە!» «بىرەرسى كۆزىگە سىغمىغان بولسا، قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلمىغاندۇ-ھە؟» «ھۇ شەخسىيەتچى، يۈرىكى نېمىدېگەن قارا-ھە!»
对工作尽职尽责,却被同事们扣上“小人”的帽子,我感到委屈又难过。就在这时,了解我情况的师傅积极跟主管沟通,配合各项调查,终于查出问题出在原材料上,跟我的操作无关。
خىزمەت ۋەزىپەمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىمغا قارىماي، خىزمەتداشلىرىمنىڭ ماڭا «چاكىنا ئادەم» قالپىقىنى كىيگۈزۈشى مېنى بەكلا ئۇۋالچىلىق ھېس قىلدۇردى ھەم كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. بىراق، بۇ ۋاقىتتا ئەھۋالىمنى بىلىدىغان ئۇستام تەشەببۇسكار بولۇپ مەسئۇلىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ، ھەر تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرگە ماسلىشىپ، ئاخىرىدا مەسىلىنىڭ خام ماتېرىيالدىن چىققانلىقىنى ۋە مېنىڭ مەشغۇلاتىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى.
一切水落石出,车间又恢复了以前的平静,看起来并无变化。但只有我自己清楚,大家的误解给我带来了多大的伤害。
ھەممە ئىش ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، سېخ يەنە بۇرۇنقى جىمجىتلىقىغا قايتتى، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كەلدى. بىراق، كۆپچىلىكنىڭ خاتا چۈشىنىشىنىڭ مېنى قانچىلىك ئازابلىغانلىقىنى پەقەت ئۆزۈملا بىلەتتىم.
有些话从嘴里说出来不过就是一个轻飘飘的评价而已,只有被冤枉的那个人才明白那些话是何等的扎心。也正是从那次经历之后,我告诉自己:在不知道他人经历过什么之前,不要对他人的生活指手画脚、妄下评判。
بەزى سۆزلەر ئېغىزدىن ئاسانلا چىقىپ كېتىدىغان باھا سۆزلىرى بولىدۇ، خالاس. بىراق، ئۇۋال قىلىنغان ئادەملا ئۇ گەپلەرنىڭ يۈرەكنى قانچىلىك ئاغرىتىدىغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشىنىدۇ. شۇ قېتىملىق كەچۈرمىشىمدىن كېيىن مەن ئۆز-ئۆزۈمگە مۇنداق دېدىم: مەن ئەمدى باشقىلارنىڭ قانداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەيىبلىمەيمەن، ئاساسسىز باھا بەرمەيمەن.
ღ ღ ღ
不要轻易去评价一个人,你在菜市场看到讨价还价的大叔,也许并不是抠门,而是为了省下钱给孩子多买一本好书;你在大街上看到顶着彩色头发的年轻人,也许只是对时尚的追求更大胆些,并没有什么坏心……
بىر ئادەمگە ئالدىراپ باھا بەرمەڭ. مەسىلەن، سىز كۆكتات بازىرىدا باھا تالىشىۋاتقان تاغىلاردىن بىرىنى كۆرگەندە، ئۇ كىشىگە ئالدىراپ باھا بەرمەڭ، چۈنكى، ئېھتىمال ئۇ كىشى پىخسىق بولمىسا كېرەك، بەلكىم ئازراق پۇل تېجەپ قېلىپ، بالىسىغا ياخشى كىتابتىن بىرەرنى بولسىمۇ كۆپرەك سېتىۋېلىشنى ئويلىغان بولسا كېرەك؛ سىز كوچىدا كۆرگەن ۋە چېچىنى ھەرخىل رەڭدە بويىۋالغان ھېلىقى ياش ئېھتىمال پەقەت مودا قوغلىشىشقىلا جۈرئەت قىلغان بولسا كېرەك، بەلكىم يامان نىيەتلىك بولمىسا كېرەك....
了解一个人需要时间,也需要多方位观察。未看到事情全貌的时候,不要轻易下结论。
بىر ئادەمنى چۈشىنىش ۋاقىتقا ئېھتىياجلىق، شۇنداقلا كۆپ تەرەپلىمە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىر ئىشنىڭ تولۇق قىياپىتىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئاسانلىقچە يەكۈن چىقارماڭ.
有句话说:“试玉要烧三日满,辨材须待七年期。”识物如此,识人更是如此。真正了解一个人,往往需要很长的时间,通过三言两语就下结论,有时未免太过草率。
مۇنداق بىر گەپ بار: «قاشتېشىنى سىنىماقچى بولساڭ ئۈچ كۈن كۆيدۈر، ماتېرىيالنىڭ سۈپىتىنى بىلمەكچى بولساڭ، يەتتە يىل كۈت.» نەرسىلەرنى تونۇش شۇنداق بولغان يەردە، ئادەملەرنى تونۇشتا تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىر ئادەمنى ھەقىقىي چۈشىنىشكە ئادەتتە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، ئىككى ئېغىز گەپكە ئاساسەنلا يەكۈن چىقىرىش بەزىدە بەكلا ئالدىراقسانلىق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ღ ღ ღ
遇到人或事,不急着下结论,让子弹先飞一会儿,等待更多的真相,这既是对自己的提升,也是对他人的公平。
سىز ئادەم ياكى ئىشلار توغرىسىدا يەكۈن چىقىرىشقا ئالدىرىماڭ، ۋاقىتنى بىردەم ئەركىگە قويۇۋېتىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاشكارىلىنىشىنى ساقلاڭ. بۇ ئۆز ئورنىنى يۈكسەلدۈرگەنلىك، شۇنداقلا باشقىلارغا بولغان ئادىللىقتۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان؟
◇ خەيرلىك كەچ: جاپا تارتمايدىغان خىزمەت يوق
◇ ئاتا-ئانىڭىز دوستلار چەمبىرىكىڭىزنى ئاختۇرۇپ تۇرامدۇ؟
◇ خەيرلىك كەچ: دادىڭىزغا، مەن سىزنى سۆيىمەن، دېيىشنى ئۇنتۇماڭ
◇ خەيرلىك كەچ: ھەقىقىي ئېسىللىق ئۆتمۈشتىكى ئۆزىدىن ھالقىشتا
◇ كېلىپ چىقىشىڭىزنى تاللىيالمىسىڭىزمۇ، نەگە بېرىشنى تاللىيالايسىز
◇ خەيرلىك كەچ: سىزمۇ ئۇنچە ئاجىز ئەمەس
◇ ئەڭ ياخشى كەيپىياتىڭىزنى ئەڭ يېقىنلىرىڭىزغا قالدۇرۇڭ
◇ خەيرلىك كەچ: بىر ئائىلىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى نېمە؟