شىنجاڭدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى «قىشلىق ھەرىكەت»نى يولغا قويىدۇ

时事   2024-11-26 20:01   北京  

شىنجاڭدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى «قىشلىق ھەرىكەت»نى يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى ئاپتونوم رايون بويىچە گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ سىنلىق يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ سىنلىق يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، شىنجاڭدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ «قىشلىق ھەرىكەت»نى باشلاپ، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىل ئەتىيازدىكى ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك، مۇقىملىقىغا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ بەختى ۋە خاتىرجەملىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك گۇڭئەن ئورگانلىرى «قىشلىق ھەرىكەت»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ يېڭى دەۋردىكى « فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، زىددىيەت، ماجرالارنى تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاستە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ؛ ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە دەۋا تەلىپىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، تەۋەلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى توغرا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ.

جايلاردىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى كوچىلارنى چارلاپ قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ساقچىلارنى ئۇچرىتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېز سۈرئەتتە ساقچىغا چىقىپ ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزىمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؛ قىشلىق قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چوڭ تىپتىكى پائالىيەت، ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى، تېلېگراف ئالدامچىلىقى، توردا قىمار ئويناش، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق گەۋدىلىك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كىچىك دېلولارنى تېز پاش قىلىپ، يېڭىچە قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش مەخسۇس كۈرىشىنى دائىملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامانلىق ساقلاش بويىچە قالايمىقانچىلىقنى تۈزەشنى كۈچەيتىدۇ؛ قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىل سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ.


       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ دىققەت! بۇ خىل قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش

◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ

◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى

◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章