دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى!
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال ـ ياراغ سېتىپ بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى مەزگىلىدە ئامېرىكا ـ جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلغان. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن 11ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى جۇڭگو ـ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزمىگەنلىكى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
ۋۇ چيەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى مەزگىلىدە جۇڭگو ـ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلمىدى، مەسئۇلىيەت پۈتۈنلەي ئامېرىكا تەرەپتە. ئامېرىكا تەرەپ بىر تەرەپتىن تەيۋەن مەسىلىسىدە جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگو ئارمىيەسى بىلەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرسا بولمايدۇ. نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش ئامېرىكا تەرەپ خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىگە تىرىشىپ پايدىلىق شارائىت يارىتىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك
جۇڭگو تەرەپ مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: ئەزەلدىن تەمىنلىمىدۇق
بالىلارنىڭ ئورنىنى ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەڭشەيدۇ
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى