دۆلىتىمىزنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى: ئۇكرائىنانىڭ پۈتۈن تەۋەسى ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار
11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۇكرائىنادىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى.
جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر، ئۇكرائىنانىڭ پۈتۈن تەۋەسى ئۇرۇش ھالىتىدە بولۇپ، خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى كەسكىن. يېقىندا ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى ئارقا-ئارقىدىن چېلىنىپ، ھاۋا ھۇجۇمى قاتارلىق بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى ئاشتى. جۇڭگو پۇقرالىرىنى ۋاقتىنچە ئۇكرائىناغا كەلمەسلىككە، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۇكرائىنا چېگراسى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو پۇقرالىرىنى چوقۇم بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسىگە يۈكسەك دىققەت قىلىپ، بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش ۋە زۆرۈر چېكىنىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىنغاندىن كېيىن چوقۇم بىرىنچى ۋاقىتتا ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىپ خەتەردىن ساقلىنىش ئورنىغا كىرىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدىن يىراق تۇرۇشقا ئەسكەرتىمىز.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە
فەن XXنى قولغا ئېلىش تەستىقلاندى
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى