قاتتىق، ئېغىر جازا بېرىلىدۇ

时事   2024-11-26 15:01   北京  

قاتتىق، ئېغىر جازا بېرىلىدۇ! ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەرىكەتكە ئۆتتى

11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەخسۇس تېمىدا يىغىن ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى:

جىنايى ئىشلار بويىچە سوت قىلىشنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بويىچە جىنايەتنى جازالاپ، خەلقنى قوغداپ، جىنايى جازا ئارقىلىق بارلىق جىنايى قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىش كېرەك.

جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش بىرلەشتۈرۈلگەن جىنايى ئىشلار سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر، زور قەبىھ جىنايەتلەرنى جەزمەن قانۇن بويىچە قاتتىق، ئېغىر جازالاپ بىر تەرەپ قىلىپ، ۋاقتىدا قاراپ چىقىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىدىن كېلىپ چىققان جىنايەتكە، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەتتە يۈز بەرگەن يېنىكرەك جىنايەتلەرگە، جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇغان، جازاغا قوشۇلغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن بولسا، قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلىپ، جىنايەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە پارچىلاپ، جىنايەتچىلەرنى ئۆزگەرتىش ئىلگىرى سۈرۈلسە بولىدۇ.

بىر مەزگىل، بىر ساھە ئىچىدە كۆپ يۈز بېرىدىغان، تەكرار يۈز بېرىدىغان دېلولارغا قارىتا، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى

بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ

ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار

بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك

بېكىتىلدى!

ئىنتايىن پايدىلىق خەۋەر

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章