جۇڭگولۇق بارلىق جىنايەت گۇماندارلىرى بىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى

时事   2024-11-23 19:11   北京  

بېرمىنىڭ داڭياڭ رايونىدا چېگرا ھالقىپ تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى قىلغان جۇڭگولۇق 763 جىنايەت گۇماندارى بىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى

مۇخبىرنىڭ گۇڭئەن مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا گۇڭئەن مىنىستىرلىقى يۈننەن گۇڭئەن ئورگانلىرى بېرمىنىڭ ئالاقىدار يەرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بىلەن ساقچى ئىشلىرى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تۇنجى قېتىم بېرمىنىڭ داڭياڭ رايونىدا چېگرا ھالقىپ تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى قىلغان 1079 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇق جىنايەت گۇماندارى 763 ئىكەن. نۆۋەتتە، جۇڭگولۇق بارلىق جىنايەت گۇماندارلىرى بىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

بۇلتۇر گۇڭئەن مىنىستىرلىقى بېرمىنىڭ شىمالىدىكى بىزگە ئالاقىدار تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە زەربە بېرىش مەخسۇس خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، جۇڭگو-بېرما ئىككى تەرەپ ساقچى ئىشلىرى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى ۋە بىر قاتار زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، ئالدامچىلىققا چېتىشلىق جەمئىي 53 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگولۇق جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى، دۆلىتىمىز چېگراسىغا يېقىن بولغان شىمالىي بېرما رايونىدىكى كۆلەملەشكەن ئېلېكتىرونلۇق ئالدامچىلىق باغچە رايونىنىڭ ھەممىسى يوقىتىلدى. كۈچلۈك زەربە بېرىپ چۆچۈتۈش ئاستىدا، ئالدامچىلىققا چېتىشلىق خادىملار بېرما ۋەنخەي، داڭياڭ، مياۋۋادى قاتارلىق رايونلارغا ئۈزلۈكسىز يۆتكىلىپ، چېگرا ئىچىدىكى كىشىلەرنى داۋاملىق قوبۇل قىلىپ، ئالداپ چېگرادىن قانۇنسىز چىقىرىپ تېلېگراف جىنايىتىگە قاتناشتۇردى ھەم قانۇنسىز قاماپ قويۇش، قەستەن زەخىملەندۈرۈش، ھەتتا تۇتقۇن قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىپ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى.

گۇڭئەن مىنىستىرلىقى يۈننەن گۇڭئەن ئورگانلىرى ساقچى ئىشلىرى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، بېرمىدىكى ئالاقىدار يەرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بېرمىنىڭ داڭياڭ رايونىدا ئالدامچىلىققا ئالاقىدار جۇڭگولۇق جىنايەت گۇماندارىدىن 763 نى تۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، توردىكى قېچىپ يۈرگەن 69 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كومپيۇتېر، يان تېلېفون، ئالدامچىلىق سۆز ماھارىتى سېنارىيەسى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى قولغا چۈشۈردى. 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئالاقىدار جىنايەت گۇماندارلىرى ۋە دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملار يۈننەن لىنساڭدىكى يۇڭخې پورتى ئارقىلىق بىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك

بېكىتىلدى!

جۇڭگو تەرەپ مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: ئەزەلدىن تەمىنلىمىدۇق

ئىنتايىن پايدىلىق خەۋەر

بالىلارنىڭ ئورنىنى ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەڭشەيدۇ

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章