جۇڭگو تەرەپ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى يېتەرلىك كىلىمات مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلەشكە مۇراجىئەت قىلىدۇ
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 19-چېسلا قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر G20باشلىقلار يىغىنىنىڭ كىلىمات مەبلىغى مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇزاكىرىسى توغرىسىدا سوئال سورىدى.
لىن جيەن: كىلىمات ئۆزگىرىشى پۈتكۈل ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس، كىلىمات مەبلىغى كىلىمات ھەرىكىتى قوللىنىش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ۋە ماسلىشىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك. مەبلەغ كەمچىل بولۇش كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇشنى يولغا قويۇشتا دۇچ كەلگەن خىرىسلارنىڭ بىرى. كىم مەبلەغ چىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ مەسىلىگە قارىتا، «پارىژ كېلىشىمى»دە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش مەجبۇرىيىتى بار، باشقا دۆلەتلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەبلەغ چىقارسا بولىدۇ.
جۇڭگو تەرەپ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە تارىخىي مەسئۇلىيەتكە توغرا قاراپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى يېتەرلىك، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئادىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى دۇنياۋى كىلىمات ھەرىكىتىنى ئىشەنچ ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
جۇڭگو تەرەپ مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: ئەزەلدىن تەمىنلىمىدۇق
بالىلارنىڭ ئورنىنى ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەڭشەيدۇ
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى
شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!
نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا