خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيە ۋە خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى گائاگادا ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت ھەمدە پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى (خاماس)نىڭ ھەربىي قوماندانى مۇھەممەد دىياب ئىبراھىم ماسىرنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى.
مەزكۇر سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: نېتانىياخۇ بىلەن گاللانت «2023-يىل 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن ئاز دېگەندە 2024-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن» دەپ ئەيىبلەندى. باياناتتا ئۇلارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەتلىرى، جۈملىدىن «پۇقرالارغا قەستەن ھۇجۇم قىلىش» ھەمدە «غەززە پۇقرالىرىنىڭ يېمەكلىك، ئىچىملىك سۇ، دورا، داۋالاش بۇيۇملىرى، يېقىلغۇ ۋە ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا تايىنىدىغان ئاساسىي ماددىي ئەشيالىرىنى قەستەن تارتىۋېلىش» قاتارلىقلار تەپسىلىي مىسال قىلىندى.
ماسىر 2023-يىل 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىندە ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن، دەپ ئەيىبلەندى.
بۇ يىل 5-ئايدا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى كارىم خان نېتانىياخۇ، گاللانت ۋە ماسىردىن باشقا يەنە خاماسنىڭ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى ئىسمايىل خانىيا ۋە يەھيا سىنۋار قاتارلىق بەش كىشىنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئىلتىماس قىلدى. خانىيا بىلەن سىنۋارنىڭ ئۆلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ ئىككىيلەنگە بولغان ئىلتىماس قايتۇرۇۋېلىندى. ماسىرنىڭ ئۆلگەن ياكى ئۆلمىگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگىلى بولمىغاچقا، ئۇنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى يەنىلا كۈچكە ئىگە بولدى.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ دىققەت! بۇ خىل قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش
◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ
◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى
◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟