12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە رەقەملەشكەن ئېلېكتىرونلۇق تالون كېڭەيتىپ قوللىنىلىدۇ
قەغەز تالون بىلەن ئوخشاش قانۇن كۈچىگە ئىگە
دۆلەت باش باج ئىدارىسى يېقىندا «دۆلەت باش باج ئىدارىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەقەملەشكەن ئېلېكتىرونلۇق تالوننى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلىپ، 2024-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك رەقەملەشكەن ئېلېكتىرونلۇق تالوننى رەسمىي ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشنى ئايدىڭلاشتۇردى.
رەقەملەشكەن ئېلېكتىرونلۇق تالون «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تالون باشقۇرۇش چارىسى»دىكى «ئېلېكتىرونلۇق تالون»نىڭ بىر خىلى بولۇپ، تالون يۈزىدىكى ئامىللار ئومۇميۈزلۈك رەقەملەشتۈرۈلگەن، نومۇر مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش بېرىلىدىغان، تالون سوممىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق بېرىلىدىغان، ئۇچۇر باج رەقەملىك ئىسچوتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق باج ئالغۇچى سۇبيېكتلار ئارىسىدا ئاپتوماتىك ئوبوروت قىلىنىدىغان يېڭى تىپتىكى تالوندىن ئىبارەت. رەقەملەشكەن ئېلېكتىرونلۇق تالون بىلەن قەغەز تالون ئوخشاش قانۇن كۈچىگە ئىگە.
ئورۇنلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر ئۆزىنىڭ باج رەقەملىك ئىسچوتىغا كىرىپ، تالون تۈرى، تالون مەنبەسى، بېلەت تۈرى، تالون نومۇرى قاتارلىق شەرتلەرنى تاللاپ، تالونغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرسە، چۈشۈرسە، بېسىپ چىقارسا بولىدۇ. تەبىئىي ئىگىلەر ئۆزىنىڭ شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىAPP سىدىكى شەخسىيلەر تالون ئىسچوتىغا چىقىپ ئېلېكتىرونلۇق تالون مۇلازىمەت سۇپىسىدىن ئالغان، ۋاكالىتەن كېسىشنى ئىلتىماس قىلغان رەقەملىك تالوننى كۆرسە، چۈشۈرسە، چىقارسا، چىقىرىشنى رەت قىلسا بولىدۇ ھەمدە كودنى سىكاننېرلاپ تالون كېسىش، تالون بېشى ئۇچۇرىنى قوغداش، قىزىل خەتلىك تالون ئەسكەرتمىسى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. باج تاپشۇرغۇچىلار مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش قېلىپلاشقان ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى تور بېكىتىگە چىقىپ، توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىرونلۇق تالون مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ «تالون كەسپى» ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ، تالون كېسىش، تاپشۇرۇش، تەكشۈرۈش ۋە ئىشلىتىش ئورنىنى تاللاش قاتارلىق بىر قاتار مەشغۇلاتلارنى قىلسا بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى
بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ
ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار
بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى