ياپونىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىندى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ بېرىش-كېلىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى، 2024-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2025-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، بۇلغارىيە، رومىنىيە، كرودىيە، قارا تاغ، شىمالىي ماكېدونىيە، مالتا، ئېستونىيە، لاتۋىيە، ياپونىيەنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى بار خادىملىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى.
بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو چېگرادىن كىرىش سىياسىتىنى ماس قەدەمدە ئەلالاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، زىيارەت قىلىشنى ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبىگە كىرگۈزۈپ، ۋىزىسىز تۇرۇش مۇددىتىنى ھازىر يولغا قويۇلغان 15 كۈندىن 30 كۈنگە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، يۇقارقى 9 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋىزا كەچۈرۈم قىلىغان 38 دۆلەتنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى بار خادىمىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ سودا قىلىش، ساياھەت قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، ئالماشتۇرۇش، زىيارەت قىلىش، چېگرادىن ئۆتۈش ۋاقتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە، ۋىزا بىجىرمەي چېگرادىن كىرسە بولىدۇ. ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خادىملار يەنىلا چېگرادىن كىرىشتىن بۇرۇن جۇڭگوغا كېلىش ۋىزىسىنى بېجىرىپ بولۇشى كېرەك.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ دىققەت! بۇ خىل قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش
◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ
◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى
◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟