بۇ كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

时事   2024-11-27 20:03   北京  

«شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نىڭ ئەرەبچە نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتابنىڭ ئەرەبچە نەشرى يېقىندا مەركىزىي تەرجىمە-تەھرىر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىغا تارقىتىلدى.

«شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نى ج ك پ مەركىزى كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسى ۋە بۇنىڭدىن بۇرۇن نەشىر قىلىنغان ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، رۇسچە نەشرى چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېتەكلەپ چىققان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولى، ياراتقان ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى ھالىتى، نامايان قىلغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى خەرىتىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا بىللە مېڭىش، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دۇنيانى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئورتاق تونۇشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.



       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

◇ ياپونىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىندى

◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش

◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ

◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى

◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章