مۇھىم يىغىن! مەركىزىي بانكا، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق توققۇز تارماقنىڭ ئەڭ يېڭى پوزىتسىيەسى!
جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تور بېكىتىدە بۈگۈن خەۋەر ئېلان قىلىندى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە پەن-تېخنىكا، پۇل مۇئامىلىنى قوللاش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش قەرز پۇلى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسى دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش بويىچە قەرز پۇلى بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئالاقىدار سىياسەتلەر چىقىرىلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، تارماقلار، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تىزىملىك ئىچىدىكى كارخانا ۋە تۈرلەر بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنىڭ «تولۇق قاپلىشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، قەرز پۇل كېلىشىمى ئىمزالاش ۋە تارقىتىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە باسقۇچلۇق نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، بانكا جەمئىي 1737 كارخانا ۋە تۈر بىلەن 400 مىليارد يۈەنگە يېقىن قەرز پۇل توختامى ئىمزالاپ، يېڭى قۇرۇلغان مەزگىلى، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ تۇنجى قەرز پۇلى ئېلىشى ۋە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلىشىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى بانكا ئاپپاراتلىرى سىياسەت بايلىقىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، تىزىملىك ئىچىدىكى كارخانا ۋە تۈرلەرگە قارىتا «ئىمزالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئىمزالاش، مەبلەغ سېلىشقا بولىدىغانلىرىغا تولۇق مەبلەغ سېلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. دىققەتنى قەرزنى تەكشۈرۈش، قەرز بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مېخانىزم تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بايلىق كاپالىتىنى زورايتىپ، ئەڭ يېڭى كەسىپ سىياسىتى ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرۇپ ئىناۋەت بېرىشنى باشقۇرۇش سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەرز پۇلنى تەكشۈرۈش-تەستىقلاش «يېشىل يولى» ئېچىپ، يېڭى قۇرۇلغان مەزگىلى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار ھەمدە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان قەرز پۇل مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، رەنە، گۆرۈ بۇيۇملىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قەرز كېلىشىمى ئىمزالاش، تارقىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ھەرقايسى تارماق ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، سىياسەتنى پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ بانكا بىلەن كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ھەرقايسى تارماق ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، سىياسەتنى پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ بانكا بىلەن كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى
بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ
ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار
بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى