پەلەستىن ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى ۋە ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ قالدى

时事   2024-11-22 09:03   北京  

ب د ت ماسلاشتۇرغۇچىسى: پەلەستىن ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى ۋە ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ قالدى، دېدى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى تور ۋېننېسلاند 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى ئېغىرلىغانلىقىنى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئوخشاشلا ئۈمىدسىزلىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىشقا پېتىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋېننېسلاند شۇ كۈنى ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن كۆپرەك قانلىق توقۇنۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرق رايونى «كەسكىن تۆت كوچا ئېغىزى»غا كەلدى. پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش سىرتقا كېڭەيدى، ئىسرائىلىيە لىۋان جېنجۇداڭ بىلەن داۋاملىق توقۇنۇشتى، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردىكى قوراللىق كۈچلەر بىلەن ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشتى، ھەتتا ئىران بىلەن بىۋاستە ئۆز ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: قىش كېلىش ئالدىدا، غەززە رايونىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالى «ئاپەت خاراكتېرلىك» بولدى. بولۇپمۇ غەززە رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئاساسەن ھەممە ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالدى. بۇ يەردە بۇزغۇنچىلىق ئېغىر بولدى، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى يوققا چىقتى. ب د ت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى، ئەمما ياردەم بېرىش ئورگانلىرىنىڭ پائالىيىتى داۋاملىق «كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان خىرىس ۋە خەتەر»گە ئۇچرىدى. ۋەزىيەت بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتتى، ياخشىلىنىش ئالامەتلىرىنى كۆرگىلى بولمايۋاتىدۇ.

ۋېننېسلاند مۇنداق دېدى: ئىشغال قىلىنغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا زوراۋانلىق دەرىجىسى ئۆسۈپ، ئۈمىدسىزلىك قاپلىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى داۋاملىشىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى بىلەن ئېتىشتى؛ ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ يەھۇدىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى، ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھەتتا ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى «يۈتۈۋېلىش» ھەمدە غەززە رايونىدا ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسى قۇرۇش ھەققىدە جار سالدى.

ۋېننىسلاند مۇنداق دېدى: غەززە رايونى ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يۈز بەرگەن يۇقارقى بۇ ئىشلار تىنچلىق مۇساپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشىنى «بارغانسېرى يىراقلاشتۇردى». قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە ھەربىي ۋاستىلەر ئاخىرىدا ھەرقانداق ئادەمگە بىخەتەرلىك بېرەلمەيدۇ.

ئۇ دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ھەمدە غەززە رايونىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىسرائىلىيە خادىملىرىنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىشكە مۇراجىئەت قىلدى، غەززە رايونىنىڭ كەلگۈسىدىكى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمى بولۇش، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا ئۇزۇن مۇددەت ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالماسلىقى، غەززە رايونىدا ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسىنى قايتا قۇرۇش توغرىسىدىكى ھەرقانداق سۆزلەرنى قەتئىي ئىنكار قىلىش ۋە ئېنىق قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر قىسىم پىرىنسىپلىرىنى قايتا تەكىتلىدى.



       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ دىققەت! بۇ خىل قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش

◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ

◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى

◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章