62 خىل دورا كىرگۈزۈلدى، 10-تۈركۈمدە دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشقا تەشكىللىشى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى باشلىنىدۇ
مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 22-كۈنى دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى تەشكىللەش ئىشخانىسى ھۆججەت ئېلان قىلىپ، 62 خىل دورىنى 10-تۈركۈمدە دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك يېتەرلىك مىقداردا سېتىۋېلىشنى تەشكىللەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى ئايدىڭلاشتۇرغان، ئىلتىماس ئۇچۇرلىرى 2024-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى شاڭخەيدە ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ توققۇز تۈركۈمدە دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى تەشكىللىشى جەمئىي 374 خىل دورىغا چېتىلغان بولۇپ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سېتىۋېلىش سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %30 تىن يۇقىرى، مەركەزلىك سېتىۋېلىش تۈرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %50 تىن يۇقىرى بولغان.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى
بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ
ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار
بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى