10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش تاماملاندى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە، 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش خىزمىتى تاماملاندى. 14 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 34 تارماق (ئورۇن)قا قارىتا دائىملىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى مۇنداق كۆرسەتتى: كۆزىتىش مۇھىم سىياسىي خىزمەت بولۇپ، «ئىككىنى قوغداش»تىن ئىبارەت مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كۆزىتىش ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدۇ. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتكە، «بىرىنچى قول رەھبەر» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىگە، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» نازارەت قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئېغىشنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ ۋە تۈزىتىپ، سىياسىي كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى مۇنداق تەلەپ قىلدى: سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىش - نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، فۇنكسىيەسى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش، رەھبەرلىك بەنزىسى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەمدە كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىدە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ بايقاش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىش، بىر تەرەپتىن كۆزىتىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىستىلىنى چىڭىتىپ، كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ياخشى تاماملاش كېرەك.
كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىمىز. بۇ قېتىمقى كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى ئومۇميۈزلۈك تېپىپ چىقىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق
پارتىيە كومىتېتىنىڭ 14 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزىتىلىدىغان تارماق (ئورۇن)لاردا
ئىككى ئاي ئەتراپىدا خىزمەت قىلىدىكەن، كۆزىتىش مەزگىلىدە مەخسۇس نۆۋەتچىلىك
تېلېفونى، پوچتا خەت ساندۇقى ھەم ئىككىلىك كود تەسىس قىلىپ، ئاساسلىقى كۆزىتىلىدىغان
پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئەزالىرى، بىر دەرىجە
تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە نۇقتىلىق ئىش ئورنىدىكى
خادىملاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئىنكاس قىلىنغان خەت، تېلېفون، ئەرزلەرنى
قوبۇل قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق
ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق
قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئالاقىدار پاش قىلىش ۋە ئىنكاسلارنى قوبۇل قىلىدىكەن.
كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2025 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 -
كۈنىگىچە بولىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى
بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ
ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار
بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى