سوغۇق ئېقىم پات ئارىدا دۆلىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

时事   2024-11-23 10:01   北京  

سوغۇق ئېقىم پات ئارىدا دۆلىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا كۆپ قىسىم رايونلاردا بوران چىقىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ ۋە قار-يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەتىدىن باشلاپ سوغۇق ئېقىمنىڭ يېتىپ كېلىشى ۋە دۆلىتىمىزگە تەدرىجىي سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ بىرقەدەر تىنچ ھاۋا رايى ۋەزىيىتى ئارقا-ئارقىدىن بۇزۇپ تاشلىنىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە، كۆپ قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا ئومۇميۈزلۈك 6 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇل، شىمالىي جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇستىن كۆپرەك تۆۋەنلەيدىكەن؛  كۆپ قىسىم رايونلاردا تۆت بالدىن ئالتە بالغىچە شامال چىقىدىكەن. يەتتە بالدىن توققۇز بالغىچە ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سوغۇق ئېقىم ئالدى بىلەن شىنجاڭ، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ شەرققە سۈرۈلۈپ جەنۇبقا يۆتكىلىپ، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدىن كېيىن، 11-ئاينىڭ 28-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 0 سېلسىيە گىرادۇس سىزىقى جەنۇبقا سۈرۈلۈپ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىغا بارىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتا، 11ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا يەنە قار ـ يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن، غەربىي شىمال رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، ئىچكى موڭغۇل، شىمالىي جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسىمى، شەرقىي شىمال رايونلىرى ۋە خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ قار ياغىدىكەن ياكى يامغۇردىن يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قېلىن قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي شىمال قىسمى، خېيلۇڭجياڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدىكەن؛ شىمالىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، خۇاڭخې-خۇەيخې دەرياسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا ئازراق ياكى ئوتتۇرا ھال يامغۇر، قىسمەن جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياكى قارا يامغۇر ياغىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك

بېكىتىلدى!

جۇڭگو تەرەپ مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: ئەزەلدىن تەمىنلىمىدۇق

ئىنتايىن پايدىلىق خەۋەر

بالىلارنىڭ ئورنىنى ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەڭشەيدۇ

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章