تېز يوللانمىنى ئاچقاندىن كېيىن كۆزنى ئۇۋۇلىسا بولامدۇ؟

时事   2024-11-01 09:10   北京  

تېز يوللانمىنى ئاچقاندىن كېيىن كۆزنى ئۇۋۇلىسا بەلباغسىمان قوقاق بىلەن يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟

بەلباغسىمان قوقاقنىڭ يۇقۇملىنىش يولى ئىنتايىن ئالاھىدە بولۇپ، تەندىكى ۋىرۇستىن كېلىپ چىقىدۇ. بەلباغسىمان قوقاقنى پەيدا قىلىدىغان ۋىرۇس «سۇ چېچىكى-بەلباغسىمان قوقاق ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يۇقۇملىنىش ئىپادىسى سۇ چېچىكى بولۇپ، سۇ چېچىكى ساقايغاندىن كېيىن، ۋىرۇس بەدەندە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. كونكرېت ئەھۋال شۇكى، ئۇلار «سەزگۈ نېرۋا تۈگۈنچىسى»دىن ئىبارەت توقۇلما قۇرۇلمىسىغا كىرىپ يوشۇرۇنۇۋېلىپ، نۇرغۇن يىللارغىچە قايتا يۇقۇملانماسلىقى، ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. ھېرىپ چارچىغاندا ياكى سالامەتلىك ناچارلاپ كەتكەندە، بۇ ۋىرۇسلار قايتىدىن قوزغىلىپ، ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدۇ ۋە كېڭىيىدۇ، ئاخىرىدا تېرىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ، كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەلباغسىمان قوقاق بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. دېمەك، بەلباغسىمان قوقاق بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يۇقۇملىنىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بەلباغسىمان قوقاق كۆز ۋە كۆز ئەتراپىدا كۆرۈلگەندە، بىز «كۆز بەلباغسىمان قوقىقى» دەپ ئاتايمىز، بۇ خىل بەلباغسىمان قوقاقنىڭ تېز يوللانمىنى ئېچىش ياكى كۆزنى ئۇۋۇلاش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.


مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

بۇ ياپونىيەنىڭ ئىچكى ئىشى

خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى

جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章