مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى 2024-يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2024-يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى جەمئىي 2 مىليون 703 مىڭ پارچە ئەرزىيەت-پاش قىلىشنى قوبۇل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە پاش قىلىش، ئەرز قىلىش تۈرىدىكى ئەرزىيەت 756مىڭ پارچە بولغان. بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلە يىپ ئۇچى 1 مىليون 584 مىڭ پارچە بولغان. 642 مىڭ دېلو تۇرغۇزۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە-مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىردىن 58 ئادەم، نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك كادىردىن 3263 ئادەم، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 26 مىڭ ئادەم، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك كادىردىن 89 مىڭ ئادەمگە دېلو تۇرغۇزۇلغان، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياكى سابىق كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرىدىن 77 مىڭ ئادەمگە دىلو تۇرغۇزۇلغان. 589 مىڭ ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 461 مىڭ ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە چارە كۆرۈلگەن، 170 مىڭ ئادەمگە ھۆكۈمەت ئىشلىرى بويىچە چارە كۆرۈلگەن؛ ئۆلكە-مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىردىن 53 ئادەم، نازارەت-ئىدارە دەرىجىلىك كادىردىن 2779 ئادەم، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 21 مىڭ ئادەم، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك كادىردىن 74 مىڭ ئادەم، ئادەتتىكى كادىردىن 84 مىڭ ئادەم، يېزا، كارخانا قاتارلىق ئورۇنلاردىكى باشقا خادىمدىن 407 مىڭ ئادەمگە چارە كۆرۈلگەن.
2024-يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «تۆت خىل شەكىل»دىن پايدىلىنىپ بىر مىليون 479 مىڭ ئادەم قېتىم تەنقىد تەربىيە بەرگەن ۋە بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، بىرىنچى خىل شەكىل بويىچە تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغانلار 882 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئومۇمىي ئادەم قېتىم سانىنىڭ %59.6 نى ئىگىلىگەن؛ ئىككىنچى خىل شەكىل بويىچە 492 مىڭ ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلىنىپ، %33.3نى ئىگىلىگەن؛ ئۈچىنچى خىل شەكىل بويىچە 51 مىڭ ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلىنىپ، %3.4نى ئىگىلىگەن؛ تۆتىنچى خىل شەكىل بويىچە 54 مىڭ ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلىنىپ، %3.7 نى ئىگىلىگەن.
پارا بېرىش، پارا ئېلىشنى بىرلىكتە تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارا بەرگەن 19 مىڭ كىشىگە دېلو تۇرغۇزۇلغان، 2972 ئادەم تەپتىش ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
◇ ئوقۇتقۇچىلارنى خالىغانچە ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ
◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى
◇ ئايال خىزمەتچىلەرگە «ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش دەم ئېلىشى» بېرىلىدۇ
◇ بۇ ئاھالىلەرنىڭ بايلىقىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەش ئەمەس
◇ ياشلارنىڭ مۇكەممەل توي مۇراسىمى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟