قىشتا يىمىسىڭىز بولمايدىغان 10 خىل سەي

文摘   2024-09-29 20:03   新疆  

قىش پەسلىدە كۈتۈنگەندە قانداق قىشلىق كۈتۈنۈش قورۇمىلىرىنى يېيىشكە بولىدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىككە 10 خىل كۈتۈنۈش كۆكتاتىنى تەۋسىيە قىلىمىز، تېنىنىڭ تېخىمۇ ساغلام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان دوستلار ئۇلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدۇ.

1. كىچىك يېسىۋېلەك : - كىچىك يېسىۋېلەكنىڭ تەمى ئاچچىق، تەبئىتى سوغۇق بولۇپ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. كىچىك يېسىۋېلەكنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە كالتسىي مول، يەنە تۆمۈر، فوسفور، كاروتىن ۋە B تۈردىكى ۋىتامىنلار مول بۇلۇپ چىراي گۈزەللەشتۈرۈش ۋە قېرىشنى كىچىكتۈرۈشتە ئالاھىدە ئۈنىمى ياخشى .

2 . كەرەپشە : - كەرەپشىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، جىگەرنى ياخشىلاپ، ئاشقازاننى قۇۋەتلەيدۇ، تەمى چۈچۈمەل، زەھەرسىز، تەركىبىدە ئاقسىل، قەنت، كاروتىن، ۋىتامىن c، ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار مول بولۇپ، مەركىزىي نېرۋىنى روھلاندۇرىدۇ، كۆپرەك يەپ بەرسە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ھەمدە بەلغەمنى ھەيدەش رولىغا ئىگە.

3 . پۇرچاق ئۈندۈرمىسى : - سېرىق پۇرچاق، كۆك پۇرچاق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل، ياغ ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ھەمدە ناترىي، فوسفور، تۆمۈر، كالتسىي قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان يېمەك-ئىچمەك مىكرو ئېلېمېنتلىرى بار. پۇرچاق بىخلانغاندىن كېيىن، ئەسلىدە بار بولغان ماددىلارنى ساقلاپلا قالماي، يەنە ۋىتامىننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، بۇ ھارغىنلىقنى تۈگىتىشكە پايدىلىق. پۇرچاق ئۈندۈرمىسى تەركىبىدىكى خىلوروفىل تۈز ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

4 . چېچەكسەي : - چېچەكسەينىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن تۈرىدىكى ماددىلار مول بولۇپ، ھەر 200 گرام يېڭى چېچەكسەي قۇرامىغا يەتكەنلەرنى بىر كۈنلۈك يېمەك-ئىچمەكتە ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن A نىڭ%75 تىن كۆپرەكىنى تەمىنلەيدۇ . ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، ھەر 100 گرامدا 80 مىللىگرامغا يېتىدۇ، بۇ ئادەتتىكى كۈزلۈك يېسىۋېلەك، سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسىدىن 3~4 ھەسسە يۇقىرى، ئاپېلسىننىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى.

5 . تاتلىقياڭيۇ : - تاتلىقياڭيۇ ئاشلىق ئىچىدىكى ئوزۇقلۇق قىممىتى بىر قەدەر مول بولغان يېمەكلىك. تاتلىقياڭيۇ ئادەم بەدىنىنى كۆپ مىقداردا شىلىمشىق ئاقسىل، شېكەر، ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن C بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغاچقا، تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازاننى ئىللىتىش، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق روللارغا ئىگە. شۇڭا، تاتلىقياڭيۇنى دائىم يەپ بەرگەندە، جىگەر ۋە بۆرەكتىكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلارنىڭ يىگىلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كوللاگېن كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

6 . كاللەكبەسەي : -  كاللەكبەسەينىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى پەمىدۇرنىڭ 3.5 ھەسسىسىگە، كالتسىينىڭ مىقدارى تەرخەمەكنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. كاللەكبەسەي تەركىبىدە يەنە مولىبدېن ۋە مانگان قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە ئېنزىم، ھورمۇن قاتارلىق ئاكتىپ ماددىلارنى ياساشتا كەم بولسا بولمايدىغان خام ئەشيا ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق. كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن C ئورگانىزمنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

7 . ئوسۇڭ : - ئوسۇڭ يۇمشاق بولۇپ، خام يېيىشكە ۋە قورۇپ يېيىشكە ماس كېلىدۇ. قىش پەسلىدە ئوسۇڭ يېگەندە ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ۋە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئوسۇڭ تەركىبىدىكى كالىي ناترىينىڭ 27 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدىكى ۋىتامىنلار يەنە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، سۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىغا ناھايىتى پايدىلىق. ئوسۇڭ تەركىبىدىكى يود مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاساسىي مېتابولىزمى ۋە بەدەننىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوسۇڭ يوپۇرمىقىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئوسۇڭنىڭ غولىدىكىدىن يۇقىرى. ئوسۇڭ يېمەكلىكى تەركىبىدىكى فتور ئېلېمېنتى چىش ئېمال ماددىسى ۋە چىش پاستىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، قىش پەسلىدە يۆتىلىدىغان كىشىلەر ئوسۇڭ يوپۇرمىقىنى كۆپرەك يەپ بەرسە، يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.

8 . سەۋزە : -  سەۋزىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن كۆپ، تەمى تاتلىق، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. قىش پەسلىدە سەۋزىنى دۈملەپ پىشۇرۇپ يېسە ئەڭ ياخشى، قورۇپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ. دۈملەپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردە كاروتېننىڭ مىقدارى%93 تىن يۇقىرى بولىدۇ، قورۇما قورۇغاندا كاروتېننىڭ مىقدارى%80 تىن يۇقىرى بولىدۇ.

9 . تۇرۇپ : -  تۇرۇپ تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ سۇ، ۋىتامىن C، مەلۇم مىقداردىكى كالتسىي، فوسفور، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ئاز مىقداردىكى ئاقسىل، تۆمۈر ۋە باشقا ۋىتامىنلار، يەنە لىگنىن، خولىن، ئوكسىدازا، گلىتسېرىن، كراخمال فېرمېنتى، قىچا مېيى قاتارلىق پايدىلىق تەركىبلەر بار. جۇڭيى تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، تۇرۇپ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق بولۇپ، بەلغەمنى بوشىتىپ ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۇرۇپنىڭ تال ۋە ئاشقازاننى ياخشىلاشتىكى رولى چوڭ، قىش پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، زۇكام، بادام بەز ياللۇغى، يۆتەل، دېمى سىقىلىش، بەلغەم كۆپ بولۇش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگىمۇ قوشۇمچە داۋالاش رولى بار.

10 . تارو ( 芋头 ) : -  تارو تەركىبىدە كراخمال مول، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى. ھەر 100 گرام يېڭى مەھسۇلات تەركىبىدە 91 كالورىيە ئىسسىقلىق، 2.4 گرام ئاقسىل، 0.2 گرام ماي، 20.5 گرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 14 مىللىگرام كالتسىي، 43 مىللىگرام فوسفور، 0.5 مىللىگرام تۆمۈر، 10 مىللىگرام ۋىتامىن C، 10.09 مىللىگرام ۋىتامىن B، 20.04 مىللىگرام ۋىتامىن B بار.

ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە لاكتوساخارىد بولۇپ، يۇمشاق، سىلىق، ئاسان ھەزىم بولىدۇ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار، تال ۋە ئاشقازان زەئىپلەشكەن، ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان، تۇبېركۇليوز ۋە ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بىمارلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، بوۋاقلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章