سۆيۈملۈك رەقىبىم 6-قسىم

文摘   2024-12-13 20:02   新疆  



سۆيۈملۈك رەقىبىم 

خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق


6- قىسىم

ھەۋزىخاننىڭ تەلىپى بىلەن ھەجەرخان قىز تەرەپ ساھىپخانى قاتارىدا ھاشىم باينىڭ ئەلچىلەر كوللىكتىپىنى كۈتىۋىلىشقا مەسئول بولدى . ھاشىم تاز ئائىلىسى ھەر قانچە ئەسكى بولسىمۇ يىقىن - يورۇقى كۆپ ، تەسىر كۈچىمۇ چوڭ بولغاچقا ئەلۋەتتە سۈر- ھەيۋە بىلەن كىلىپ ، ھەۋزىخاندەك تۈزۈك ئۇرۇق - تۇغقىنىمۇ يوق تۇل موماينى تەرلىتىپ قۇيىشى تۇرغانلا گەپ ، ھەجەرخانغا ئوخشاش ھەممىگە تۇزدەك تىتىيالايدىغان ، گەرچە ھاشىم تازدەك پۇلى بولمىسىمۇ ، مەھەللىدە نى - نى ئادەملەردە يوق ئەمىلىي كۈچى بار بىر يۈلەنچۈكنىڭ بولىشى ھەر جەھەتتىن ياخشى ئىدى .

- جۈپ كۈيئوغۇللىرىنىڭ ئوبدانلىقىنى كۆرسىلە مانا ھەۋزىخاچا ، ئەلچىلەر كۆپرەك كىلىپ قالسا تەمتىرەپ قالمىسۇن دەپ گۆشتىن تارتىپ ھۆل - قۇرۇق مىۋىگىچە ھەممىنىڭ ياخشىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىپتۇ ئەمەسمۇ ، ئەمدى سىلىنىڭ ئىككى قىزلىرىغا ئىككى ئۇغۇل قۇشۇلۇپ تۆت بالىلىرى بار بولدى ، سەلتۇرۇپ مىھمانلار كەلگەندە قاپاقلىرىنى بۇنداق سېلىۋالماي كۆپرەك كۈلۈپ بەرسىلە جۇمۇ ، - ھەۋزىخاننىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۆز ئۆيىدىن كۆرپە ، داستىخان ، چىنە - چوكا دىگەندەك لازىملىقلارنى ئەكىلىپ ئاددىيغىنە ئۆينى خېلى تۈزۈكلا سەرەمجانلاشتۇرۇپ بولغان ھەجەرخان چىرايىدىن قانداقتۇ بىر ئەنسىزلىك چىقىپلا تۇرغان ھەۋزىخاننىڭ بىقىنىغا يىنىك نۇقۇپ قويدى ، ھەۋزىخان زومۇزو ھىجاراپ بىقىپمۇ تازا ئىچىلالماي تۇراتتى .

- تويغا قۇشۇلۇپ خاتا قىلمىغاندىمەن ھە ؟ كۆڭلۈم ئەجەپ بىر قىسمىلا تۇرىدىيا ، - بۇ گەپتىن ھەجەرخان ئۆزىنى تۇتالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى .

- كۈلىۋەرمەڭ ھەجەرخان ، ئاشۇ گۆھەر راسلا مەن بىلەن قۇدىلىشىدىغان ئەلپازدا كىلەرمۇ دەيمەن ؟ كۆزىدە ئۇرۇپ ، دىمىقىدا قىقىپ ، ئادەم ياراتمايمەن دىسە مەنمۇ جىم تۇرالمايمەن بىلىسىز ، شۇنىڭ بىلەن … شۇنىڭ بىلەن …

- ھە ،، شۇنىڭ بىلەن يەنە سۈپۈرگە كۆتىرىپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەۋاتاملا ؟ خاتىرجەم بولسىلا ، بۈگۈن ھەرگىز ئۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ ، مەن نىمىش قىلىدىغان ئادەم بۇ يەردە ؟ ماڭىمۇ ئىشەنمەملا ؟ - ئاڭغىچە مىھمانلارنىڭ دەرۋازا ئالدىغا يىتىپ كەلگەنلىك خەۋىرى ئۆي ئىچىگە يىتىپ كىرىپ ھەۋزىخان ، ھەجەرخان باشچىلىقىدىكى بەش ئالتە ئايال توپۇرلىشىپ ھويلىغا ، ئاندىن دەرۋازا ئالدىغا چىقىشتى . ھەر خىل تەيتۇللا كۆرپىلەر سىلىنغان چوڭ توچەيلىك ماشىنىدىن چۈشىۋاتقان ئەر- ئايال مىھمانلارنى كۆرۈپ ھەۋزىخاننىڭ تەرى غۇچچىدە تۈرۈلۈپ كەتتى .

- ئاران ئىككى ئېغىزلا ئۆيى بار، تۇل موماينىڭ ئۆيىگە كىلىدىغىنىنى بىلمەيدىغاندەك يەكشەنبە بازارغا سودىغا بارىدىغاندەك بۇنچىۋالا ئەسكەر باشلاپ ھەيۋە كۆرسەتمىسىمۇ ئۆتكەنكىدەك تۆت ئادەمنى ئىلىپ پىيادە مىڭىپ كەلسىلا ھەممە ئادەم بىلەتتى بۇ خەقنىڭ نوچىلىقىنى ، ھىھ ! ئەكەلگەن تويلۇقنى كۆپ ئادەم كۆرمەي قالسا جاھانغا قانداق داملايمەن دەپ قىلغان قىلىقىدۇ تايىنلىق ؟ بوپتۇ ئەمدى بىلىپ تۇرۇپ كەلگەندىكىن ، بىرسى بىرسىنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋالامدۇ ، كىنوغا كەلگەندەك بىر بىرىنى قىستاپ ئىتتىرىشىپ كىتەمدۇ كۈچىنىڭ يىتىشىچە تاماشا قىلىۋالسۇن ، ئىشقىلىپ مىھمانلار پىتىشقۇدەك ئۆي ئۆتنە ئەكەلمەپسەن دىمىسىلا بولدى ، - ھەۋزىخان كۆڭلىدىن شۇلارنى كەچكۈزگەچ ھەجەرخاننىڭ تارتقۇشلىشى بىلەن مىھمانلارنى قارشى ئىلىپ ئۆيگە تەكلىپ ئەتتى .

- ھەممىلىرى خۇش كەپلا ھاشىماخۇن ، گۆھەرخان ، قىنى ئاددىي كەپەمگە مەرھەمەت قىلىشسىلا ، - ئاڭغىچە ئالدىنقى قىتىمدىمۇ كەلگەن ھىلىقى سالدات چىراي خۇتۇن گۆھەرخاننىڭ مۈرىسىگە ئىڭىكىنى ئىلىپ :

- ھىھ ! ئىشۇ ئۆيىگە پاتقۇزالايدىغاندەك قىنى مەرھەمەت دەپ كەتكىنىنى ، - دەپ پۇسۇقلىۋىدى ھەجەرخان توسۇپ بولغۇچە ھەۋزىخان دەيدىغاننى دەۋىتىپ قاراپ تۇردى .

- كەپەم كىچىك دەپلا مىھمان بۇلۇپ دەرۋازامغا كەلگەن ئادەمنى ئۆيگە تەكلىپ ئەتمەي مۇشۇ يەردىلا دىيىشىۋېرەيلى دىسەم قاملاشماس ؟ شۇنداقمۇيا گۆھەرخان ؟ - دوستىنىڭ ئارتۇقتىن ئارتۇق دەپ سالغان گىپى ئۈچۈن گۆھەرخاننىڭ چىرايى بىر قىزىرىپ بىر تاتىرىپ چالا ھىجىيىشتىن باشقا گەپ قىلالماي قالدى . بىر مۇنچە تەكەللۇپ - تۈزۈتلەردىن كىيىن مىھمانلارنىڭ يىشى چوڭ ۋە مۇھىمراقلىرى داستىخان راسلانغان ئۆيگە باشلىنىپ ئامالنىڭ بارىچە زىچ ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغانلىرى ھويلىدىكى سۇپىغىلا تىزىلىپ ئولتۇرۇشىۋىدى ئۇلارغىمۇ چاققانغىنە قىلىپ داستىخان كەلتۈرۈلدى ، يەنە بىر ئېغىز كىچىك ئۆي قازناق ھىسابىدا بولغاچقا مىھمان باشلىغىلى بولمايتتى .

تەتۈر كىيىلىپ قالغان كالاچتەك بىرسى بىرسىگە پەقەتلا ماس كەلمەپتۇ بۇلار … ھاشىمكاملار كىم ؟ بۇ خەق كىم ؟ … پۇل كۆرۈپ باقمىغان گاداي بولغاچقا ئاتمىش مىڭدىن چۈشۈپتىكەن بۇلار… شۇ ، مۇشۇنداق كۆك نامرات تۇل موماينى قانداقمۇ قۇدام دىيەلەر بۇ گۆھەرخاچام ؟ … ئارزۇلۇق ئىككى بايۋەتچىنىڭ كۆزى كوردەكمۇ قىلمىغان بولمىسا … ۋاي ئىسىت ، ۋاي ئىسىت ! … چىك … چىك … چىك … دىگەندەك ھەر خىل ھەر ياڭزا كەمسىتىشلەر ، ياراتماي دىماقنى قىقىشلار ئوڭ ئۆتكەن ، سول ئۆتكەندە ھەۋزىخاننىڭ قۇلاقلىرىغا كىرىپ ، كۆزلىرىگە چېلىقىپ تۇردى ، ھەر قانچە ئاچچىقى كېلىپ پارتلاپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ ھەجەرخان يىنىش - يىنىشلاپ تاپىلاپ كەتكەن بولغاچقا قۇلاقنى يۇپۇرۇپ ، لەۋنى چىڭ چىشلەپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى .

تاماقلار تارتىلىپ ئىلىڭلار… بىقىڭلار… بىلەن بىر ھازا داۋام ئەتكەن يەپ - ئىچىشتىن كىيىن داستىخان بىرەر قۇر يىغىشتۇرۇلۇپ كۆرگەزمە رەسمىي باشلاندى . ئەڭ ئاۋال ئىككى قىزنىڭ تويلۇقى دەپ يىگىرمە مىڭ پۇل پەتنۇسقا يىيىتىلىپ دەستىخاننىڭ قاق كاللىسىغا قۇيىلىۋىدى تاماشا قىلۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرى جامدەك ، ئېغىزلىرى ھاڭدەك ئىچىلىپ قىلىشتى . پۇل پەتنۇسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئوپئوخشاش بىر جۈپتىن زىرە ھالقا ، بىر جۈپتىن قۇيما بىلەيزۈك تىزىلغان ئىككى پەتنۇس يانداشقاندا بولسا پۈتۈن سورۇندا كۈچلۈك غۇلغۇلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى . پۇل بىلەن ئالتۇننىڭ ئەتراپىغا كىيىملىك ، يۇتقان كۆرپىلىك ئەن رەخلەر تىزىلىپ ئەسلىدىمۇ ئانچە چوڭ بولمىغان داستىخان لىقمۇلىق توشتى . ئاڭغىچە ھويلىدا بىرەيلەننىڭ :

- قويلارنى ئېغىلغا ، ئۇن ، ماي ، گۈرۆچلەرنى سۇپىغا چۈشۈرۈپ بولدۇق ھاشىمكا ، - دىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ كۆرگەزمىنىڭ ئاياقلاشقانلىقى ھەممىگە مەلۇم بولدى .

- ۋاي ئىسىت ! بىزمۇ ئەمدى بويىغا يەتكەن قىز بوپ قالساقچۇ كاشكى ، توي قىلىدىغان دەۋر ئەمدى كەپتۇ جۇمۇ …

- ئۇييۇ ، نىمىدىگەن كاتتا تويلۇقلار بۇ ھە ؟

- بوپتۇ ھەي ، نەچچە كۈنلۈك ئۆمرى قالغاندا بولسىمۇ تۈزۈكرەك راھەت كۆرىۋالسۇن بۇ ھەۋزىخان …

- ئىشلار مۇشۇنداقلا بولىدىغان بولسا نىمىش قىلىدۇ ھە ئوغۇل تۇغۇپ ؟ مۇنۇ قاقۋاش مومايدەك يىتىم قىزدىن بىر ئىككىنى بىقىپ قويسىلا بولىدىكەنغۇ …

ئەتراپتىكىلەرنىڭ : بۇنچىۋالا بايلىقنى كۆرۈپ خوشلۇقتىن خۇدىنى يۇقىتىپ قۇيىدۇ دەپ پەرەز قىلىشقىنىنىڭ دەل ئەكسىچە ھەۋزىخان موماينى قاتتىق يىغا تۇتۇپ ، كۆز ياشلىرى مۆلدۈردەك تۆكۈلدى .

- تىكەندەك يالغۇز ، سايدىكى قاقشال دەرەختەك غېرىپلىقىمغا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بەزىدە ھەسەلدەك ، گېزى كەلسە تۇزدەك تىتىپ كىلىۋاتقان يۈرەك - پارىلىرىم ئىدىڭلار ، گەرچە بۇ خەق بىزنىڭ خىلىمىز بولمىسىمۇ يەنىلا سىلەرنىڭ كۆڭۈل رايىڭلارغا بىقىپ مۇشۇ قارارنى چىقاردىم ، جاھىللىق قىلىۋەرگىنىم بىلەن سىلەرگە يەنە قانچىلىك ھەمراھ بولالايدىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ، ئاتا - ئانىسى ئۇنداق بولغان بىلەن ، كۈيئوغۇللارنى ھەممىسى ياخشى دىيىشتى ، بىرەر كىمگە بوزەك بولماي ، بەخىتلىك ، خاتىرجەم ياشاش ئۆزۈڭلەرگە قالدى ئەمدى جىنىم قىزلىرىم ، كۆزۈمنىڭ ئۇچۇق ۋاقتىدا ئىككىڭلارنى تۇرمۇشلۇق قىلىپ بەختىڭلارنى كۆرەلىسەم مەنمۇ ئارمانسىز كىتىمەن ئەمەسمۇ …

ھەر قايسىلىرىغا ھەشقاللا ، كايىپ كىتىشىپلانىڭ ئورنىغا ھىقىقداپ يىغلاپ كىتىۋاتقان ھەۋزىخان بىر ياندا قىلىپ ، بارلىق تەشەككۈر ، ياندۇرۇق سالامنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ھەجەرخان بەجا كەلتۈرۈپ تۈگەتكەن بولدى . ھويلايۇ - ئۆي ، قازان بىشىنىڭ ھەممىسىدە ھەجەرخان تىك تۇرغاچقىمۇ ، بايىقىدەك كۇسۇر- كۇسۇرلاردىن باشقا ھىچقانداق ئارتۇق گەپ - سۆز بۇلۇنماي ، توي ئون كۈندىن كىيىنگە توختىتىلىپ بۇ مىھماندارچىلىق ئاياقلاشتى .

- تەلىيىڭلارغا ھەر ئىككىلىڭلار بىر ئۆيگە كىلىن بولىدىغان بولدۇڭلار بالىلىرىم ، بىر- بىرىڭلارغا يول قۇيۇپ ، ئۆز - ئارا بەكمۇ ئىناق بۇلۇڭلار، ئىككىڭلار ئىناق بولساڭلار بىر كىم سىلەرنى ئالدىراپ بوزەك ئىتەلمەيدۇ . مەيلىڭلار خالىغانچە ياشايدىغان موماڭلارنىڭ ئۆيى قالىدۇ ئەمدى ، شۇڭا گەپ - سۆز ، ئىش - ھەرىكەتتە بەك ئېھتىياتچان ، زېرەك بولۇڭلار . كىلىن دىگەننىڭ ئايىقى يەڭگىل ، ئېغىزى ئېغىر بولسىلا ھىچكىم بىر نەرسە دىمەيدۇ . جىنىم قىزلىرىم ، كىلىنلىك بۇرچۇڭلارنى جايىدا ئادا قىلىپ ئوبدان كىلىن ، ياخشى ئايال بولمىساڭلار ما مىنىڭ يۈزۈمگە سەت جۇمۇ . ئەڭ مۇھىم ۋە ئاخىرقى بىر گەپ ، مىنىڭ نىنىمنى يەپ چوڭ بولغان تۇرۇقلۇق ياتقا بوزەك بۇلۇپ يىغلاپ ماڭقاڭلارنى ئىقىتىپ ئالدىمغا كەلسەڭلار تىخىمۇ سەت ھە ! - داۋاملىق نەسىھەت قىلىۋەرسە ئۆزىنىڭمۇ قىزلىرىنىڭمۇ يىغلاپ قالىدىغىنىنى پەملىدى بولغاي ھەۋزىخان گىپىنىڭ ئاخىرىنى ھەييارلىق بىلەن چۈشۈرۈپ ئۆي ئىچىدە پاراققىدە كۈلكە كۆتىرىۋەتتى .

- ۋاي - ۋۇي موما ، سەن بىزدىن پەقەت ئەنسىرىمىگىن . يولدىن چىقما ، خاندىن قورقما دىگەن تەربىيەنى خېلى چىڭ مىخلىۋەتتىڭغۇ قۇلاقلىرىمىزغا ، ئەتىۋارىمىزنى قىلىپ چىكىسىگە قىسسا ، ئىچىلىپ تۇرغان گۈلى بولىمىز ، كۆزگە ئىلماي ، خورلايمىز دىگۈدەك بولسا باشقىسىغۇ مەيلى ، پەيزىگۈل ، نوچىگۈل دىگەن ئىسمىمىزغا لايىق كەلمىسەك بولماس ؟ شۇنداقمۇ نوچىگۈل ؟

- شۇ ، شۇ ، دىگەنلىرى بەرھەق خىنىم . ئىككىمىز بىرلىشىپ كەتسەك يولۋاسقا قانات چىقىدىغۇ زادى . بولدى ، بىزنى قۇيۇپ ئۆزۈڭنى ئويلىغىنە جىنىم موما ، ئەسلى بىرىمىزنىڭ تويىنى بىر مەزگىل كەينىگە سۈرسىمۇ بولاتتى ، سەنمۇ ئۇلارغا ماسلىشىپ بىر كۈندە قىلايلى دەپ تۇرىۋالدىڭ موما ، ئەتەيۇ - كەچلەردە يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ قالارسەنمۇ ؟ سەندىن ئەنسىرەپ قالدىم مەن ، - نوچىگۈلنىڭ كۆز يىشى قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ پەيزىگۈلنىڭمۇ لەۋلىرى ئۈمچىيىپلا قالدى .

- شۇ ئەمەسمۇ موما ، نىمىنى ئويلاپ قۇشۇلۇپ قالدىڭ دەيمەن ئۇ گەپكە ؟ مەن كىچىك بولغاندىكىن ساڭا يەنە بىرەر يىل ھەمراھ بولىۋالغان بولسام ، ئاڭغىچە نوچىگۈل ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كونىراپ قالسا سىنى يالغۇز قويمايتتۇق ئەمەسمۇ ، بولمىسا بىزنىڭ تويىمىزنى كەينىگە …

- ئۈش ! مۇشۇنداق بولسا تىخى ياخشى ، ھامىنى بولىدىغان ئىشقا بالدۇرراق كۆنگەچ تۇراي ، بۇ يىل بىرىڭ ، كىلەر يىل يەنە بىرىڭ توي قىلىپ مىنى ئىككى قېتىم يىغلاتماقچىما ؟ ئىككى قىتىم توي قىلسام بىر مۇنچە پالاقشىيدىغان ئىش تىخى . كىلەر يىلغىچە بۇ قېرى جىنىم بارمۇ يوقمۇ كىم بىلىدۇ ؟

- موما …

- ئۇنداق گەپلەرنى قىلمىساڭچۇ ، پەيزىگۈل ئىككىمىزنىڭ بەختىگە يۈز ياشقا كىرگىن موما …

ئانا بالا ئۈچەيلەن پۈتۈن بىر كىچە دىگۈدەك مۇڭدىشىپ تاڭ ئاتارغا يىقىن ئىككى قىز تاتلىققىنا ئۇخلاپ قىلىشىپ ، موماي كۆزىنى پارقىرىتىپ نىمىنىدۇر ئويلاپ ياتاتتى . تۇيۇقسىز باغ تەرەپتىن گۈلدۈر- پالاق ، شالدىر- شۇلدۇر قىلغان غەلىتە تىۋىش كىلىپ ئىختىيارسىز ياتقان يېرىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ كەتتى .

- ئاپلا ! ئوغرى چۈشتىمۇ نىمە ؟ ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق ؟



ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن

ئىنكاسىڭىزغا بىر تال قوشۇپ قويۇڭ



نادىر ئەسەرلەر









维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章