ئاياللارنى سۈت بىزى راكىدىن يىراق قىلىدىغان 7 خىل ئادەت

文摘   2024-12-05 20:01   新疆  

01

بەدەندىكى ياغنى كونتىرول قىلىپ ئۇرۇقلاش

 نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سۈت بېزى راك ھۈجەيرىلىگە ئوخشاش راك كىسەللىك ھۈجەيرىلىرى ئادەتتە "غىدىقلاش"قا ئۇچرىغاندىن كىيىن، ئاندىن تىز سۈرئەتتە كۆپىيىپ كىسەللىكنى شەكىللەندۈرىدىكەن؛ يۇقىرى ياغ تەركىبلىك يىمەكلىكلەر دەل سۈت بېزى راكى ھۈجەيرىلىرىنى قوزغىتىدىغان "غىدىقلىغۇچى" ئىكەن.

بەدەنگە ئۇزۇن مەزگىل يۇقىرى ياغ تەركىبى قوبۇل قىلغاندا، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ زور مىقداردا ھورمۇنلۇق ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇر تۈردىكى ماددىلار زىيادە بولۇپ كەتكەندە راك ئۆسمىسىنىڭ ئۆسۈپ يوغىناپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇندىن باشقا يۇقىرى مىقداردا ياغ تەركىبى قوبۇل قىلىش سەمىرىپ كىتىش ۋە بەدەننىڭ ئىممونىت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا راك ھۈجەيرىلىرىگە پۇرسەت تۇغۇلۇپ قالىدىكەن.

 شۇنىڭ ئۈچۈن، ياغ تەركىبىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونتىرول قىلىپ، سېمىزلىكنى يىنىكلىتىپ ئۇرۇقلىساق، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ ئىممونىت كۈچى ۋە كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرسەك، بۇنىڭدا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

02

يىمەكلىك ئادىتىگە ئەھمىيەت بىرىش

يىمەكلىك ئادىتى ئىزچىل تۈردە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ كەلمەكتە، بولۇپمۇ كىسەللىككە قارشى تۇرۇش جەريانىدا، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، چۈنكى ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ ھەممىسى يىمەك-ئىچمەكتىن كىلىدۇ.   ئاياللار ئادەتتە ئەتىگەن ۋە كەچتە سۈت ئىچىشكە ئادەتلەنسە بولىدۇ، چۈنكى تۆۋەن ياغ تەركىبلىك كالا سۈتىنىڭ ئەمچەكتىكى ياغلارنى قوغداش رولى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل كالا سۈتى ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسپىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ.
 يېقىنقى يىللاردا بايقىلىشىچە، سېرىق پۇرچاق ۋە ئۇنى خام ئەشيا قىلىپ ياسالغان يىمەكلىكلەرنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى، ئاساسلىقى سېرىق پۇرچاق تەركىبىدىكى ئىزوفلاۋۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە، يۇقىرى ياغ تەركىبلىك يىمەكلىكلەردىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىپ، گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش كىرەك ئىكەن.

 يىمەك-ئىچمەك ئادىتىنى تەڭشەپ، گۆش تۈرى، مايدا داغلانغان تۇخۇم، سېرىق ماي، تاتلىق يىمەكلىكلەر، ئاچچىق يىمەكلىكلەر قاتارلىقلارنى زىيادە ئىستىمال قىلىشنى ئازايتىپ، يىشىل كۆكتاك، مىۋە-چىۋە، كاروتىن، زەمبۇرۇغ تۈرى، پۇرچاق تۈرى قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتسەك، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار ئىكەن.

03

قەھۋەنى ئاز ئىچىش

 قەھۋە، شاكىلات تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا كىسانتىن بار بولۇپ، كىسانتىن سۈت بېزىنىڭ يوغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ سۈت بېزىنىڭ يوغىناپ كىتىشى بولسا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

 ئەگەر ئاياللار بۇ خىلدىكى يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلسا، كىسانتىننىڭ زور مىقداردا قوبۇل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى زور دەرىجىدە ئېشىپ كىتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشتىن يۇقىرى ئاياللار، قەھۋەنى ئاز ئىچىشى، شاكىلاتنى كۆپرەك يىيىشى كىرەك.

04

ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنىش

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھاراق ئىچىشنىڭ زىيىنى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ بولۇپ، ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى، ھاراقنى ئاز ئىچىدىغان ياكى ھاراق ئىچمەيدىغان ئاياللارغا قارىغاندا يۇقىرى بولۇپ، تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەركۈنى بىر رومكا ياكى بىر رومكىدىن ئارتۇق ھاراق ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىش نىسبىتى، ھاراقنى ئاز ئىچىدىغان ئاياللارغا قارىغاندا %45 يۇقىرى بولىدىكەن.

 بۇ خىلدىكى خەتەرلىك ئامىل، ھەيىز توختاشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە تۇرغان ئاياللاردا ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. نۆۋەتتىكى قاراشتا، ئىسپىرت پرولاكتىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلاپ ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، پرولاكتىن بولسا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. شۇڭلاشقا ھەيىز توختاش مەزگىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە تۇرغان ئاياللار ھاراق تاشلىشى ياكى ئىچسىمۇ ئاز ئىچىشى كىرەك.

05

ئىلمان قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىش

قايناقسۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ھەممىگە قادىر بولۇپ، ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئاساسى بار. نۇرغۇن ئەرلەر ئايالىغا كۆڭۈل بۆلۈش جەريانىدا، ئادەتتە "قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىڭ" دىگەن سۆزنى ھەمىشە تىلغا ئالىدۇ.ئۇلارنىڭ بۇ بىر جۈملە سۆز خاتا ئەمەس بولۇپ، قايناقسۇنى كۆپ ئىچىشنىڭ رولى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك؛ چۈنكى قايناقسۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولۇپلا قالماي، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ كىسلاتا ۋە ئىشقارلىق تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەشكە بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بەدەننىڭ ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سۈت بېزى راكىنىڭ يۈز بىرىشىدىن ساقلىنىپ قېلىشقا بولىدۇ.

06

ئۆزىنى قويۇۋىتىپ، بېسىمنى تۆۋەنلىتىش

 ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، كىسەللىك بارغانسىرى ياشلارغا قاراپ يۈزلەنمەكتە؛ بۇ خىل ھادىسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى بىر سەۋەپ ئادەملەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، يەنە بىر سەۋەبى بولسا خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىپ كىتىشىدۇر.

بېسىمنىڭ يۇقىرى بولۇشى، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى ساقلىيالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ھالەت ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، بەزىبىر كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە، خىزمەتچى ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان كىسەللىك سۈت بېزى راكى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ، ھەتتا بەزىدە سۈت بېزى راكىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.شۇڭلاشقا، ئادەتتە مۇۋاپىق تۈردە ئۆزمىزنى قويۇپ بىرىپ، كەيپىياتىمىزنى خۇشال تۇتۇشىمىز لازىم.

07

مۇۋاپىق تۈردە چېنىقىش

ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر، ئادەتتە ئاساسەن سىرتقا چىقىپ ھەرىكەتلەنمەيدىغان ۋە چېنىقمايدىغان بولغاچقا، بۇ نۇرغۇن كىسەللىكلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۈت بېزى راكى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى بولۇپ، ئەگەر بۇ خىلدىكى كىسەللىكنىڭ ئالدىنى تېخىمۇ ياخشى ئالىمەن دىسەك، ئۇنداقتا ئادەتتە كۆپرەك ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىپ بىرىش لازىم بولىدۇ.

 ھەر كۈنلۈكى 2-1 سائەت ئەتراپىدا ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىپ بىرىش بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق. چەتئەللىك كىشىلەر بۇنىڭغا ئالاقىدار سىتاستىكا ئىشلەپ باققان بولۇپ، سىتاستىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ھەر ھەپتىسىگە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 4 سائەت تەنھەرىكەتلىك چېنىقىش ئېلىپ بارسا، بۇنىڭدا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى %60 ئازايتقىلى بولىدىكەن.

ھەر كۈنى بەلگىلىك ۋاقىت چېنىقىش ئېلىپ بېرىش ياكى ھەرىكەتلىنىشتە، بەدەندىكى ئارتۇق ياغلارنى خورىتىشقا بولىدىغان بولۇپ، بەدەندە ئارتۇق گۆش بولمىغاندا، بەدەندىكى ئاياللىق ھورمۇنى مىقدارى تۆۋەن سەۋيىدە تۇرىدۇ، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىمۇ تەبىئىلا تۆۋەنلەيدۇ.

سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا، قانچىكى بالدۇر بايقىسا، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكى كىسەللىكىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ


بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章