ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ بەدەن ئىقتىدارى بۇرۇنقىغا يەتمەيدۇ، بولۇپمۇ بەل ۋە پۇتنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، چۈنكى ئادەم بۇ ياشقا بارغاندا بەدەندىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ئېغىر دەرىجىدە ئېقىپ كىتىپ، ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنداقتا بىز ئادەتتە قانداق قىلغاندا بۇ خىل ئەھۋالنى پەسەيتەلەيمىز؟
تەھرىر 50 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ تۆۋەندە تونۇشتۇرىلىدىغان 5 خىل يېمەكلىكنى كۆپرەك يىيىشنى تەۋسىيە قلىدۇ، چۈنكى ئادەم 50 ياشتىن كىيىن يۇقىردا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بەدەن ئىقدىدارى تۆۋەنلەيدۇ، بۇ يېمەكلىكلەر دەل ئادەم بەدىنى كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇقلارنى تەمىنلەيدۇ.
01
خاسىڭ
ھەممىمىز بىلىمىز، خاسىڭنىڭ ئاشقازاننى ئاسراش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل ۋە فوسفاتىد بار بولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنى نېيتراللاشتۇرۇشقا، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئاسراشقا ياردەم بېرىدۇ، ئاشقازاننى ناھايىتى ياخشى ئاسراش ئۈنۈمى بار، شۇڭا ئادەتتە خاسىڭ يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاشقازىنى ئانچە ناچار بولمايدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا خاسىڭنى مۇۋاپىق يەپ بېرىش كالتسىي تولۇقلاشتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشى ۋە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، شۇڭا يېتىلىش مەزگىلىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ھەمدە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئادەتتە خاسىڭنى كۆپرەك يەپ بەرسە سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدۇ.
02
دېڭىز يۇسۇنى
دېڭىز يۇسۇنى تەركىبىدە مول سېللۇلوزا بار بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەي يولى دىۋارىغا چاپلىشىۋالغان زەھەرلىك ئەخلەتلەرنى تازىلايدۇ ھەمدە ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دېڭىز يۇسۇنىنىڭ يەنە كىشىلەر بىلمەيدىغان رولى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ چاچ ئۆستۈرۈپ، چاچنى تېخىمۇ ساغلام، چاچنى پارقىراق قىلىدۇ.
دېڭىز يۇسۇنى مول B تۈردىكى ۋىتامىنغا ئىگە بولۇپ، دېڭىز بويى رايونلىرىدا ياشىمىغان كىشىلەر قىزىل دېڭىز يۈسۈنىنى كۆپرەك يىيىشى كېرەك، دېڭىز يۈسۈنىنى يىگەندىن سېرىت يەنە يېمەكلىكىمىزنىڭ تۈرى تېخىمۇ مول، كۆپ مەنبەلىك بولۇپ، تاماق تاللىماي ياخشى تاماق يەپ، ياخشى ھەرىكەت قىلساق، بەدىنىمىز ناھايىتى ساغلام بولىدۇ.
03
ياڭاق
ئۇنىڭ ئوزۇقلۇقى مول بولۇپ، ساغلام، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ئۇششاق يېمەكلىك، يەنە خىزمەتچىلەر، ھامىلىدار ئاياللار، بالىلارنىڭ ئورتاق يىيىشىگە ماس كىلىدىغان مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئېسىل يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
ياشانغاندا نۇرغۇن كىشىلەردە بىر ئىشلارنى ئاسان ئۇنتۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئادەتتە ياڭاقنى كۆپرەك يېسە بولىدۇ، چۈنكى ياڭاقنىڭ مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ مېڭىنى قۇۋۋەتلەش رولى بار، ياڭاق تەركىبىدە ئاقسىل ۋە لىزىن مول بولۇپ، چوڭ مېڭىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ، يەنە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
ياڭاق تەركىبىدە يەنە مول ئاقسىل، ۋىتامىن A، B تۈردىكى ۋىتامىنلار ۋە ھەر خىل مىنېرال ماددىلار بار بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
04
قۇرۇق ئۈزۈم
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان تەركىبلەر بولۇپ، خولېستېرىننىڭ قان تومۇر دىۋارىغا چۆكۈۋېلىپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەلگىلىك دەرىجىدە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنى قوغداش رولىنى ئوينايدىكەن.
قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە تارتارىك كىسلاتاسى قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتالار بولۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە كۆپ مىقداردا گلۇكوزا، ئامىنو كىسلاتاسى، ۋىتامىن قاتارلىق پايدىلىق تەركىبلەر بولۇپ، زىيادە چارچاش ۋە نېرۋا ئاجىزلىقىنى پەسەيتىش رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە مول تۆمۈر ئېلېمېنتى بولۇپ، ھېموگلوبىننىڭ قايتا ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاياللار ۋە تېنى ئاجىز قان ئازلىق كېسىلى بىمارلىرى قاتارلىقلارنىڭ قان تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتى.
قۇرۇق ئۈزۈم ئوزۇقلۇق يېمەكلىكى بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار قۇرۇق ئۈزۈم يېسە سالامەتلىككە، ھامىلىگە پايدىلىق، لېكىن چىشى ياخشى بولمىغانلار، دىيابېت بىمارلىرى يېمەسلىكى كېرەك.
05
ئۈجمە قېقى
ئۈجمە قېقى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ھۆسنىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئېسىل مېۋە ۋە ياخشى دورا. دائىم ئۈجمە قېقى يەپ بەرسە كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، كۆز چارچاش، قۇرغاقلىشىش ئالامەتلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
ئۈجمىنىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈجمىنىڭ قان ئېرىش رېئاكسىيەسىنى كۈچەيتىش رولى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئارتېرىيە قېتىشىش، سۆڭەك بوغۇملىرى قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ قان قىزىل ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە دىيابېت، قان ئازلىق، يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي يۇقىرى بولۇش، تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا قوشۇمچە ئۈنۈمگە ئىگە.
ئۈجمە قېقى يەنە ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەت قىلىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق روللارغا ئىگە بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى غىدىقلاپ، قۇرۇق ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ. جوڭگو تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، ئۈجمىنىڭ تەمى تاتلىق، سوغۇق بولۇپ، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، بۆرەكنى ياخشىلاش، خىلىتلارنى ھاسىل قىلىپ، ئۈچەينى سىلىقلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش قاتارلىق رولى بار.
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز