كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، سېمىز كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، ھازىر كۆپ ساندىكى كىشىلەر ناشتا قىلمىسا ئورۇقلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ناشتا قىلمىسا بەدەنگە بولغان زىيىنى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.
ئۇنداقتا ئورۇقلاش ئۈچۈن ناشتىدا نېمە يېسە ئورۇقلاش ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ، قانداق يېمەكلىكلەرنى يىگەندە تېز سۈرئەتتە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ، تۆۋەندە بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى؛
01
ئورۇقلاش ئۈچۈن ناشتىدا نېمە يېسە ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ؟
1. كۆممىقوناق ئۇمىچى
ناشتىدا قوناق ئۇنى، كالا سۈتى، ئارپا قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلاپ قاينىتىپ ئىچسە بولىدۇ، ئەگەر تويمىسا، بىر تال يېڭى كۆممىقوناق پىشۇرۇپ قوشۇپ يىسە بولىدۇ.
كۆممىقوناق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يېمەكلىك تالاسى بولۇپ، قارا ئاشلىق ئىچىدىكى ساقلىقنى ساقلاش ئۈنىمى ئەڭ ياخشى مەھسۇلات، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ناھايىتى پايدىلىق. كۆممە قوناق ئورۇقلىتىدىغان ئاساسلىق يېمەكلىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، بەدەنگە ئاسان سۈمۈرۈلمەيدىغان گلىكوگېن بار، ئورۇقلاشقا ناھايىتى پايدىلىق.
2. تاتلىقياڭيۇ ئۇمىچى
مۇۋاپىق مىقداردا گۈرۈچ ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ، قازانغا سۇ قۇيۇپ شۇ قاينىغاندىن كېيىن، ئاندىن گۈرۈچنى سىلىپ تۆۋەن ئوتتا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز. ئاندىن چوڭ-كىچىكلىكى مۇۋاپىق بولغان ئىككى تاتلىقياڭيۇ تەييارلاپ، پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئۇششاق توغراپ، ئۇماچقا سېلىپ، داۋاملىق سۇس ئوتتا 20 ~ 30 مىنۇت قاينىتىمىز.
تاتلىقياڭيۇ ئۇمىچىنىڭ ئۇرۇقلىتىشتىكى ئۈنىمى ئىنتايىن ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناشتىدا يىيىشكە تېخىمۇ ماس كىلىدۇ.
3. سەككىز خۇرۇچلۇق ئۇماچ (八宝粥)
قىزىل پۇرچاق 50 گىرام، خاسىڭ مېغىزى 20 گىرام، قۇرۇق نېلۇپەر ئۇرۇقى 15 گىرام، قۇرۇق چىلان 50 گىرام، قۇرۇق قىزىل ئۈزۈم 50 گىرام، نومى گۈرۈچى 180 گىرام، قارا گۈرۈچ 50 گىرام، قارىغاي ئۇرۇقى مېغىزى 15 گىرام، ناۋات 100 گىرام تەييارلاپ قازانغا 2000 مىللىلىتىر سۇ قۇيۇپ قىزىل پۇرچاق، خاسىڭ، نېلۇپەر ئۇرۇقى، چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم، نومى گۈرۈچى، قارا گۈرۈچ، قارىغاي ئۇرۇقى مېغىزىنى سىلىپ كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىمىز. قاينىغاندىن كېيىن قازانغا ئىككى تال چوكىنى توغرىسىغا قويۇپ، تۇۋاقنى چوكىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئوتنى ئوتتۇرىھال دەرىجىدە كىچىكلىتىپ، بىر سائەت 20 مىنۇت قاينىتىمىز. ئاندىن ناۋات سېلىپ، ئازراق ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا 30 مىنۇت قايناتسا بولىدۇ.
4. كاۋا، ئىئوۋلېۋا گۈرۈچى ئۇمىچى
كاۋا، ئىئوۋلېۋا گۈرۈچى(薏米)، گۈرۈچ، ئالقاتنى تەييارلىۋالىمىز، ئالدى بىلەن ئالقاتنى سۇدا پاكىز يۇيۇپ، سۇغا چىلاپ قويىمىز، كاۋىنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ، قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز، ئاندىن گۈرۈچ بىلەن ئىئوۋلېۋا گۈرۈچىنى پاكىز يۇيۇپ تەييارلاپ، قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئاندىن كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ، سۇ قاينىغاندىن كېيىن گۈرۈچ، كاۋا، ئىئوۋلېۋا گۈرۈچى، ئالقاتنى سېلىپ، پەس ئوتتا قاينىتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
5. كالا سۈتى
ئەتىگەنلىك تاماق يېيىشنىڭ توغرا تەرتىپى ئالدى بىلەن پىچىنە يەپ، ئاندىن سۈت ئىچىش. سۈتنى ئاچ قورساق ئىچىشكە بولمايدۇ. سۈت تەركىبىدە كالتسىي، ۋىتامىن D قاتارلىقلار مول بولۇپ، ئۇ بەدەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېھتىياجلىق بولغان ئامىنو كىسلاتالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەزىم بولۇش نىسبىتى% 98 كە يېتىدۇ، باشقا يېمەكلىكلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. تاللا بازىرىدىن سېتىۋالغان سۈتنى بىۋاسىتە ئىچىشكىمۇ، قىزىتىپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ، ھەر ئىككىلى ئۇسۇل ناھايىتى قولايلىق.
02
ناشتىدا نېمە يېسە ئورۇقلاش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولىدۇ؟
1. سۈت+سۇلۇ يارمىسى
سۇلۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن، يەنە تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى بار، ئۇنىڭغا كالا سۈتىنى قوشۇپ ئەتىگەندە ئىستېمال قىلغاندا، تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، كۈندىلىك يېمەكلىك قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
2. قارا گۈرۈچ ئۇمىچى + سۇلۇ مومىسى
ئەتىگەندە ئازراق قارا ئاشلىق يېسە ياخشى، لېكىن ئاق شېكەر، ناۋات قوشماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلغاندا سەمرىمەيدۇ، يەنە ئۆزىڭىزنىڭ ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىشىغا پايدىلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنى ماسلاشتۇرغاندا ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولىدۇ.
3. بىر ئالما + بىر تۇخۇم + بىر ئىستاكان مېۋە شەربىتى (كۆكتات شەربىتى)
ئورۇقلىماقچى بولغان دوستلار ئەتىگەندە بىر تال ئالما يەپ، ئاندىن بىر تال تۇخۇم يەپ، ئۆيدە بىر ئىستاكان كۆكتات شەربىتى ياكى مېۋە شەرنىتى ئىچىپ بەرسە، قورساق ئاچمايدۇ ھەم بەدەندە كەم بولغان قەنت، ۋىتامىن ۋە ئاقسىللارنى ۋاقتىدا تولۇقلىيالايدۇ.
4. كۆممىقوناق + ماش ئۇمىچى + جياڭيۇغا چىلانغان كۆكتات
كۆممىقوناق، ماش ئۇمىچى ۋە جياڭيۇغا چىلانغان كۆكتاتلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش ئانچە كۆپ ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، ئورۇقلاش ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ. كۆممىقوناق ئورۇقلاشتىكى ئاساسلىق يېمەكلىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول، يەنە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ماش ئۇمىچى بىلەن جياڭيۇغا چىلانغان كۆكتاتنى ماسلاشتۇرسىڭىز قورسىقىڭىزنى تويغۇزۇپلا قالماي، يەنە ئاشقازان-ئۈچەيلىرىڭىزنىمۇ تازىلىيالايسىز.
5. تۇخۇم ساندىۋىچى + كۆكتات مېۋە شەربىتى
تۇخۇم ساندىۋىچى ۋە كۆكتات، مېۋە شەربىتىنى ماسلاشتۇرۇشمۇ ئورۇقلاشنى خالايدىغانلارنىڭ بىر قەدەر ياخشى كۆرىدىغان ئورۇقلىتىش ناشتىلىقى بولۇپ، بۇ خىل ناشتىلىقتا ئاقسىل مول بولۇپلا قالماستىن، يەنە ۋىتامىن مول بولۇپ، ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى تامىقى ھېسابلىنىدۇ.
03
ئورۇقلىتىش ناشتىلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى قاچان؟
ناشتىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى سائەت يەتتىدىن سەككىزگىچە.
تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئادەم ئۇخلىغاندا، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەزالار تولۇق ئارام ئالىدىكەن، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى بولسا كەچلىك تاماقتا ئاشقازان-ئۈچەيدە قالغان يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈۋېلىپ، ئەتىگەندە ئاندىن ئاستا-ئاستا ئارام ئېلىش ھالىتىگە كىرىدىكەن. ناشتا قىلىش بەك بالدۇر بولۇپ كەتسە، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ئارام ئېلىشىغا كاشىلا پەيدا قىلىپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى ئۇزاققىچە چارچاش ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش رىتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا سائەت 7 ئەتراپىدا ناشتا قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز