گىرىم قىلغاندا تېرىگە ئەڭ زىيانلىق بولغان4 يامان ئادەت! بولۇپمۇ ئۈچىنچىسى تېرىڭىزنى بارغانسېرى ناچارلاشتۇرۋىتىدۇ!
گىرىم قىلىش بارلىق قىزلارنىڭ سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشى، نەپىس گىرىم قىلغاندا تېرىنى سىلىق، ئېلاستىكىلىققا ئىگە قىلىپلا قالماي، گىرىم بۇيۇملىرى يەنە يۈزىدىكى قارا باش، دانىخورەك ھەمدە ھەر خىل نۇقسانلارنى ياپىدۇ.
مەيلى ئوقۇغۇچىلار بولسۇن ياكى خىزمەتچىلەر بولسۇن، شۇنداقلا پىشقان ھەدىلەرنىڭ ھەممىسى گىرىم قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن گىرىم قىلغاندا پۈتكۈل ئادەمنىڭ چىراي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە كەيپىياتىنىمۇ خۇشال تۇتۇشقا ياردەم بىرىدۇ، يەنە باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىدۇ.لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن خىمىيىلىك ماددىلار بار.
گىرىم قىلىشتىن باشقا گىرىم يۇيۇش ۋە تېرە ئاسراش خىزمىتىمۇ بىر قەدەر مۇھىم.ئەگەر گىرىم قىلىشنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلەنمىسە،ياكى بۇخىل ئادەت ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا تېرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، دانىخورەك ۋە قارا داغنى پەيدا قىلىپلا قالماي، يەنە يۈز قىسمىنى بارغانسېرى سارغايتىپ، قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ. گىرىم قىلىدىغان بۇلۇت پاكىز بولمىسا ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئالماشتۇرۇلمىساگىرىم قىلغاندا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇپا ياكى گىرىم بۇلىتى ئىشلىتىدۇ، بۇ گىرىم قىلىدىغان كىچىك ئەسۋاپلار تازىلىققا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، پاراشوكنى يۈزىگە تېخىمۇ تەكشى سۈركەيدۇ، ئۇپا سۈرۈشمۇ ئىنتايىن ئاسان.
گىرىم قىلىدىغان بۇلۇتنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق، دائىم ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ يۇيۇش ياكى يېڭىسىنى ئالماشتۇرماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خاتا ئۇسۇل، گىرىم قىلىدىغان تۇخۇمنى بىز ئادەتتە كۈندە ئىشلىتىمىز، ئەگەر پەقەت سۈزۈك سۇدا يۇيسا، ئىچىدە بىر قەدەر كۆپ ئۇپا قالدۇقى قالىدۇ. ئاندىن گىرىم قىلغاندا بۇ نەرسىلەر يۈزگە چاپلىشىپ قالىدۇ، شۇڭا پاكىز سۇ بىلەن گىرىم تۇخۇمى ياكى پاراشوكنى يۇيۇشقا بولمايدۇ، ئۈچ-تۆت كۈندە بىرقىتىم ئەڭ ياخشىسى گىرىم يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق تازىلىق بۇيۇملىرى بىلەن گىرىم بۇلىتىنى پاكىز يۇيۇۋېتىش كېرەك.
يەنە يېڭى گىرىم بۇيۇملىرىنى قەرەللىك ھالدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك، گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، گىرىم بۇيۇملىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ئىسراپ قىلىپلا قالماي، ئىچىدىكى بەزى ئارىلاشمىلارنى پاكىز يۇيۇپ بولغىلى بولمايدۇ. گىرىم قىلىش ئارقىلىق گەرچە چىرايلىق بولسىمۇ، لېكىن گىرىم تازىلاش خىزمىتىمۇ ناھايىتى مۇھىم، گىرىم بۇيۇملىرى ئىچىدە نۇرغۇن خىمىيەلىك بۇيۇملار بار بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈزىگە ھېچقانداق چوڭ چاتاق چىقمايدۇ.
لېكىن ئەگەر كەچتە گىرىمنى پۈتۈنلەي يۇيۇۋەتمىسىڭىز، ئۇزاق ئۆتمەي تېرە رەڭگىنىڭ بارغانسېرى سارغىيىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە گىرىم بۇيۇملىرى تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋالغانلىقتىن دانىخورەكنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى قىزلار يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇۋەتسىلا بولىدۇ دەپ قارايدۇ ، لېكىن يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى پەقەت تېرىنىڭ يۈزىدىكى چاڭ-توزان ۋە كىرلەرنى تازىلىيالايدۇ، تېرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ بۇ جاھىل رەڭلىك گىرىملارنى تازىلىغىلى بولمايدۇ. تېرىنى سۈزۈك مۇھىتتا تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، مەخسۇس گىرىم تازىلاش سۈيى ياكى گىرىم تازىلاش مېيى ئىشلىتىش كېرەك، ياكى ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا تېرىنى ساغلام، سىلىق ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
سۈپىتى ناچار گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشبازاردىكى گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تۈرى ۋە ماركىسى ھەر خىل بولۇپ، مەيلى ئايرىش مەلھىمى، پاراشوك سۇيۇقلۇقى ياكى نۇقسانسىز گىرىم بۇيۇملىرى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ.
نەچچە يۈەندىن نەچچە يۈز يۈەن، ھەتتا نەچچە مىڭ يۈەنگىچە بولغان گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ، ئەگەر ئىقتىسادىي ئىقتىدارى بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن سۈپىتى ياخشى، ماركىسى بىر قەدەر چوڭ بولغان گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاش كېرەك. ئەلۋەتتە، گىرىم قىلىشنىڭ مۇتلەق ياخشى ياكى يامان يېرى يوق، پەقەت ئۆزىڭىزراھەت بولسىڭىزلا بولدى، لېكىن ئوقۇغۇچى ياكى ياش خىزمەتچىلەر قىممەت باھالىق گىرىم بۇيۇملىرىنى كۆتۈرەلمىسە، مۇنتىزىم ماركىلىق گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. بەزىدە سۈپىتى ناچار بولغان ياكى ئۈچ يوق مەھسۇلاتلارنىڭ رەڭلىك گىرىمىنى رەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا پىگمېنت ۋە چىرىشتىن ساقلىغۇچى دورا تەركىبى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە تېرىنىڭ بارغانسېرى سەزگۈرلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇمۇ تېرىنى ئەڭ زەخىملەندۈرىدىغان ئادەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىر جۈپ چوڭ قوش قاپىقى بولۇشنى نۇرغۇن قىزلار ئارزۇ قىلىدۇ، بۇ ھەم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوش قاپاق چاپلاق چاپلاشنى ياخشى كۆرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئۆزىدە قوش قاپاق پەيدا قىلىشتىكى ئەڭ بىۋاسىتە، شۇنداقلا ئەڭ تېز يول.
ئاندا-ساندا بىر قېتىم ئىشلەتكەندە چوڭ چاتاق چىقمايدۇ، ئەمما دائىم قوش قاپاق چاپلاق ئىشلەتكەندە قاپاقنىڭ بوشىشىپ كېتىشى تېزلىشىپ كېتىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت قوش قاپاق ئىشلەتكەن ئادەم ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە، قاپاقنىڭ سەل ساڭگىلاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. چۈنكى قوش قاپاق ئادەتتە يېلىمسىمان شەكىلدە كۆزگە چاپلىنىدۇ، ھەر كۈنى كەچتە گىرىم تازىلىغاندا ئۇنى ئاجىرتىمىز كۈچەش جەريانىدا قاپىقى ئاجىز بولۇپ قالىدۇ. قاپىقىنىڭ بارغانسېرى بوشاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئامال بار قوش قاپاق چاپلىقىنى ئاز ئىشلىتىش، يەنە قوش قاپاق چاپلىقىنى يىرتىپ تاشلىغاندا ئاستا تەكشى سۈرئەتتە ئېلىۋېتىش كېرەك، بۇنداق ھەرىكەتمۇ كۆز ئەتراپىدىكى تېرىنى مەلۇم دەرىجىدە قوغدايدۇ. شۇڭا گىرىم قىلىدىغان قىزلار چوقۇم بۇنۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك!
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز