ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
بۇرۇن ناھايىتى ئاز ئاڭلاپ قالىدىغان كېسەللەر مانا ھازىر بىزگە بارغانسىرى يىقىنلىشىپ كېلىۋاتىدۇ ، ھەتتا بەزى ئائىلىلەرنى خانە ۋەيران قىلىۋەتمەكتە .
ئاق قان كېسىلى :- ئاق قان كېسىلى بولسا بىر خىل قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنىڭ يامان سۈپەتلىك كلونلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك . كىلون خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى ھۈجەيرىلىرى - كۆپىيىش ، كونتروللۇقىنى يوقىتىش ، بۆلۈنىشى توسالغۇغا ئۇچراش ، ئۆلۈشى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئامىللار تەسىرىدىن يىلىك ۋە باشقا قان ئىشلەش ئورگانىزىملىرىدا كۆپلەپ كۆپىيىپ توپلىنىدۇ ، ھەمدە باشقا قان ھاسىل قىلمايدىغان توقۇلما ۋە ئەزالارغا ئىنفىلتراتسىيەلىنىدۇ ( ئاستا - ئاستا سىڭڭىپ كىرىدۇ ) ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نورمال قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى تىزگىنلەيدۇ .
كىسەللىك ئىپادىلىنىشى : - كىلىنىكىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى قان ئازلىق ، قاناش ، ياللۇغلىنىش ، قىزىش ھەمدە جىگەر ، تال ، لىمغا تۈگۈنى ئىششىپ قېلىش ۋە سۆڭەك ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئىچىدە ياش - ئۈسمۈرلەرنىڭ سانى بارغانسىرى ئىشىپ ماڭغان .
ئۇنداقتا تۇرمۇشىمىزدا بالىلارنىڭ ئاق قان كېسىلى بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقان ئامىللار قايسىلار ؟ بۇ ئامىللار ئىچىدە كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغىنى دەل دۇكانلاردا سېتىلىۋاتقان ھەرخىل ئورالمىلىق يىمەكلىكلەر ۋە ھەرخىل قۇتىلاردىكى ھەرخىل تەمدىكى ئىچىملىكلەر . . . . .
ئاتا - ئانىلار چۇقۇم دىققەت قىلىڭ : - بالىڭىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈپ ئامراقلىق قىلسىڭىزمۇ ئوماق پەرزەنتىڭىزنىڭ كىچىك تۇرۇپلا مۇشۇنداق كىسەللەرگە گىرىپتار بوپ قىلىشغا سەۋەبچى بوپ قالماڭ . بەزى ئاتا ئانىلار بىزنىڭ بالىلىرىمىز كۈندە ئىچكىلى 3 ، 4 يىل بوپ قالدى ھەجەپ كىسەل بولمىدىغۇ دەپ ئويلاپ قىلىشىڭىز مۇمكىن ، لىكىن مۇشۇنداق كۈندە ، ئايدا ، يىلدا ئىلىپ بېرىۋەسىڭىز ، تاما - تاما كۆل بولار دىگەندەك ، زيىنى بارا - بارا يىغىلىپ بالىڭىز كسەلگە گىرىپتار بولغاندا كىسەل كارۋىتى يىنىدا قول قۇشتۇرۇپ ئازاپلىنىدىغىنى يەنىلا سىز .
مەيلى ئۇ قانچە ئېسىل بولسۇن ، چەت ئەلنىڭ ۋە قايسى داڭلىق ماركا بولسۇن ، قانچىلىك ئىشەنچىلىك بولسۇن بەرىبىر ، ئىچكۈزمىسە ھېچنىمە بولمايدۇ !
چۈنكى : - ئاق قان كېسىلىگە كىرىپتار بولغانلارنى داۋالاشتا كۆپ ئۇچرايدىغان داۋالاش ئۇسۇلى يىلىك ئالماشتۇرۇش . يىلىك ئالماشتۇرغاندىن كېيىن سىڭىشىش نىسبىتى قانچىلىك ؟ ساقىيىش نىسبىتى قانچىلىك ؟ يەنە قانچە يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ ؟ بۇ كېسەلنى زادى نېمە كەلتۈرۇپ چىقاردى ؟
چوڭ ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىغا بىرلەشتۇرۈپ تەھلىل قىلغاندا : - چوڭ ئۈچەينىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىدارى بولسا سۇ سۈمۈرۈپ بەدەنگە لازىم بولغان سۇنى ھەممە يەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش . بۇ جەرياندا چوڭ ئۈچەي لۆمۈلدەيدۇ ، بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىدارى .
چوڭ ئۈچەي بىر تەرەپتىن سۇ سۈمۈرۈپ ، بىرتەرەپتىن لۆمۈلدەپ ، كېرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش ئۈچۈن 24 سائەت سەرپ قىلىدۇ . چوڭ ئۈچەي سۈمۈرگەن سۇنىڭ كۆپ قىسمىنى بۆرەككە يوللايدۇ ، بۆرەك سۇنى تازلايدۇ ، قاننىڭ 95 پىرسەنتى سۇ بولۇپ ، بۇ سۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوڭ ئۈچەي سۈمۈرۈپ كەلگەن .
ئاق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب : - بولسا دەل چوڭ ئۈچەينىڭ سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشى .
ھازىرقى بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار ئىچىملىكنى قۇۋەتلىك ، ۋىتامىنى كۆپ ، ئۇنى تولۇقلايدۇ ، بۇنى تولۇقلايدۇ دەپ بالىلىرىغا كۆپ ئېلىپ بېرىدۇ . ھەتتا بەزىلەر بالام سۇ ئىچكىلى ئۇنىمايدۇ دەپ ئىچىملىك ئىچكۈزىدۇ ، ياكى شىكەر ، شەربەت تالقىنى قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزىدۇ .
ئىچىملىكنىڭ 99 پىرسەنتىدە بىر خىل ماددا بار : - ئۇ بولسىمۇ تاتلىقلاشتۇرغۇچ . ئىسمى چىرايلىق بولغىنى بىلەن ئەڭ قورقۇنۇچلۇقى شۇ . ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىدىغان بالىلارنىڭ چوڭ ئۈچىيى سۇنى سۈمۈرۈپ يەتكۈزەلمەي تاتلىقلاشتۇرغۇچنى تەڭ سۈمۈرىدۇ . بۇ تاتلىقلاشتۇرغۇچ بۆرەكتىن يىلىككە ئۆتۈپ كېتىدۇ . ئەلۋەتتە كۆپ مىقتاردىكى تاتلىقلاشتۇرغۇچ نورمال ئەھۋالدا سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كېتىدۇ ، لېكىن بالىلار ھەدىدىن زىيادە تاتلىقلاشتۇرغۇچنى ئىستىمال قىلسا ، يىلىك قانداق نورمال قان ئىشلەپچىقىرالايدۇ ؟ ئاز- ئازدىن يىغىلىپ كۆپ مىقتاردىكى تاتلىقلاشتۇرغۇچ بەدەندە ئېرىمەي ، يىلىك ئارىسىغا دۆۋىلىنىپ ، خۇددى تۇپراقلار ئارىسىدىكى چىرىمەي مۇھىتنى بۇلغاۋاتقان سۇلياۋ خالتىلارغا ئوخشاش توسۇلۇپ ، ساقلىنىپ قالمامدۇ ؟
بالا تۇغۇلغان كۈنىدىن باشلاپ تازلانغان ساپ سۇغا ئېھتىياج بولىدۇ ( شارائىتىڭىز يار بەرسە ئۆيىڭىزگە سۇ تازىلاش ئۈسكىنىسى ئورنىتىڭ ، ئەڭ ياخشىسى شۇ ) . ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ، چوڭىيىشى سۇغا مۇھتاج بولىدۇ ، ئادەم بەدىنىنىڭ 70 پىرسەنتى سۇ، مېڭىنىڭ 83 پىرسەنتى سۇ . بالا تۇغۇلۇپلا ساپ سۇغا كۆندۈرۈڭ . ئىچمىسە شېكەر ئارىلاشتۇرماڭ ، ئۇسسىسا چوقۇم ئىچىدۇ . ھەر قانداق ئىچىملىق شەربەتلەر سوۋۇتۇلغان قايناقسۇغا يەتمەيدۇ .
تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىپ بالىڭىزنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىگە ياردەم بېرىڭ
1. يالىلارغا ھەرخىل ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈزمەسلىك : - تۇرمۇش ياخشىلىنىپ ، بالىنىڭ ئاغزىدىن چىققىنىنى ھازىرلاپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئاتا - ئانىلاردا « قايناقسۇنىڭ قۇۋۋىتى يوق » دېگەن خاتا قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ بالىڭىزنى كىچىكىدىن سوۋۇتۇلغان قايناقسۇغا كۆندۈرۈڭ .
2. يېمەك -ئىچمەك تەرتىپلىك بولۇش : - يېڭى كۆكتات ، يېڭى مېۋە - چىۋىلەر چوقۇم بولۇشى كېرەك . پاكىز يۇيۇپ دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئېغىزدىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . ئاغرىپ قالغاندا قالايمىغان دورا بەرمەسلىك . پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەرنى ئاز بېرىش كېرەك .
3. مايلىق نەرسىلەرنى ئاز يىيىش : - بالىلارغا زىيادە مايلىق ياكى مايدا قورىغان نەرسىلەرنى ئاز بېرىش ، تۇزغا چىلىغان سوغۇق سەيلەر ۋە كاۋاپ تۈرىدىكى نەرسىلەرنى ئاز بېرىش .
4. ھاراق تاماكىدىن يىراق تۇتۇش : - كىچىك بالىلار ئەتراپىدا تاماكا چەكمەسلىك كېرەك . ئىس - تۈتەك بار ، ئىچىشىپ چىكىشىدىغان ھەرخىل سورۇنلارغا بالىلارنى ئاپارماسلىق .
5. بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش : - ھازىرقى بالىلاردا تىلفۇندىكى تور ئۇيۇنلىرىغا بېرىلىپ بىكار ۋاقىت بولسىلا ئۆيگىلا بىكىنىۋىلىپ تىلفۇن ئويناش مودا بوپ كەتتى . بالىغا سېستىمىلىق تەربىيە قىلىپ رېتىملىق ھالدا سىرتلاردا چېنىقتۇرۇش كېرەك . بۇنىڭدا ئاتا - ئانىلار چۇقۇم بالىلارغا ئۈلگە بولۇش كېرەك .كۆپ چېنىقىپ بەدەن ساپاسىنى كۆتۈرۈپ ، ئىمۇنت كۈچىنى ياخشىلاش كېرەك .
6. خېمىيەلىك ماددىلاردىن يىراق تۇرۇش : - فورمالىن ، سىر، بېنزول ، كسىلېن قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارمۇ ئاق قان كېسىلىنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدۇ . ئۆينى يېڭى بىزەپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم بىر مەزگىل ھاۋالاندۇرۇپ ، پۇراقنى يوقۇتۇش كېرەك . بولۇپمۇ ھامىلىدارلار ۋە كىچىك بالىلار يېڭى ئۆيگە ئالدىراپ كىرمەسلىكى كېرەك .
7. رادىئاتسىيەدىن يىراق تۇرۇش كېرەك : - ئەگەر يېڭى ئۆي ئالماقچى بولسىڭىز ، ئەترەپتا غايەت زور يۇقىرى بېسىملىق توڭ سىملىرى بار بولسا ئامال بار بۇنداق يەردىن ئۆي ئالماڭ ، چۈنكى ئەتراپتا يۇقىرى ئېلېكترو ماگنىت مەيدانى ۋە رائىياتسىيە بار بولىدۇ . ئەگەر ئاتا-ئانا رادىئاتسىيە يۇقىرى خىزمەت شارائىتىدا ئىشلىسە ، تۇغۇلغان بالىسىنىڭ ئاق قان كېسىلى بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ .
ئۆزڭىز ئەڭ يىقىن بىلگەن ئادەملەرگە ئەۋەتىشنى ئۇنۇتماڭ
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز