بىر تال كەپتەر تۇخۇمىدىكى قۇۋەت - بىر كىلو گۆشتىن ئەۋزەل

文摘   2024-12-10 20:01   新疆  

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

كەپتەر تۇخۇمى ئادەتتىكى تۇخۇملار بىلەن ئوخشىمايدۇ ، كەپتەر تۇخۇمى كىچىك ۋە ئەپچىل ، سىرتقى قېپى سۇس ھال رەڭ ، يۈزى پارقىراق ۋە نەپىس بولىدۇ .

ھەر 100 گرام كەپتەر تۇخۇمىدا ئىسسىقلىق مىقدارى 170 مىللىگرام ، ئاقسىل 10.8 گرام ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى 1.1 گرام ، خولېستېرىن 480 مىللىگرام ، نىكوتىنىك كىسلاتا 0.08 مىللىگرام ، يوپۇرماق كىسلاتاسى 60 مىكرو گرام ، پانتېنىك كىسلاتا 0.62 مىللىگرام ، ۋىتامىن A33 مىكرو گرام ، ۋىتامىن B 10.08 مىللىگرام ، ۋىتامىن B 20.07 مىللىگرام ، ۋىتامىن B 606 گرام ، ۋىتامىن B 124.23 مىكرو گرام ، ۋىتامىن D2 مىكرو گرام ، ۋىتامىن E3 مىللىگرام ، كالتسىي 10 مىللىگرام ، تۆمۈر 100 مىللىگرام ، فوسفور 210 مىللىگرام ، كالىي 120 مىللىگرام ، ناترىي 76 مىللىگرام ، مىس ( 14 مىللىگرام ) ، سىنىك 12 مىللىگرام بولىدۇ .

جۇڭگو تېبابىتى بويىچە ، كەپتەر تۇخۇمىنىڭ تەمى تاتلىق ، تۇزلۇق بولۇپ ، جىگەر، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، تېرىنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن .


كەپتە تۇخۇمىنىڭ 5 تۈرلۈك پايدىلىق رولى


1. ئاقسىل ئادەم بەدىنىنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي ماددىسى : - كەپتەر تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ياردىمى چوڭ ، كەپتەر تۇخۇمى تەركىبىدە ناھايىتى مول سۈپەتلىك ئاقسىل بار ، ئاقسىل ئادەم بەدىنىنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلىشىغا ياردەم بېرىپ ، نورمال فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتىنى ساقلايدۇ . ئاقسىلنىڭ تولۇقلىنىشى يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، بەدەن سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ ، كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق . 

2. كەپتەر تۇخۇمى قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق : -  كەپتەر تۇخۇمىدا تۆمۈر ماددىسى مول بولۇپ ، كەپتەر تۇخۇمىنى كۆپرەك يەپ بەرسە ، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ ، تېرىنى پارقىراق قىلىپ ، بۇزۇلغان تېرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. 

3. كەپتەر تۇخۇمى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق : - كەپتەر تۇخۇمىنىڭ تەركىبىدە كالتسىي ، فوسفور ، ماگنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار ، بۇ مىنېرال ماددىلارنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىدىكى سۆڭەكلەرنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ ، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كەپتەر تۇخۇمى تەركىبىدىكى ۋىتامىن D كالتسىي قوبۇل قىلىپ ، ئادەم بەدىنىگە كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ .

4. ئەقلى ئەمگەك قىلغۇچىلارنىڭ گۆھەر يىمەكلىكى : - كەپتەر تۇخۇمىنىڭ تەركىبىدىكى لېتسىتىن ۋە سېفالىن ئادەتتىكى تۇخۇمىدىن توپتوغرا 3-4 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ ، بۇ ئىككى خىل ماددا يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەقلىي پائالىيەت ئۇل تېشى بولۇپ ، ئەقلىي ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى قۇۋۋەت تولۇقلاش بۇيۇمى دېيىشكە بولىدۇ. 

5. كەپتەر تۇخۇمىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاشقا ياردىمى بار : - كەپتەر تۇخۇمى تەركىبىدە مول بولغان رىبوفلاۋىن (ۋىتامىن B2) بولۇپ ، تۇخۇم تەركىبىدىكى رىبوفلاۋىن نىڭ 3.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ ، رىبوفلاۋىن كۆرۈش چارچاشنى پەسەيتىش ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە . كەپتەر تۇخۇمىنى ھامىلىدار ئاياللار ، بالىلار ، بىمارلار قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوزۇقى دېيىشكە بولىدۇ .


كەپتەر تۇخۇمى شورپىسى


خام ماتېرىيالى : - ئالقاتتىن 10 گرام ، لۇڭيەن گۆشىدىن ( ئۇرۇقىنى ئايرىۋىتىپ ) 10 گرام  ، شاقاقۇل 10 گرام ، كەپتەر تۇخۇمىدىن 4 تال ، ناۋات 50 گرام . 

تەييارلاش ئۇسۇلى : - ئالدى بىلەن ئالقات ، لۇڭيەن گۆشى ، شاقاقۇل ھەممىسىنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغرايمىز ؛ ناۋات سوقۇپ قاچىغا سالىمىز . ئارقىدىنلا قازانغا تەخمىنەن 750 مىللىلىتىر سۇ قۇيۇپ ، يۇقىرىقى ئۈچ خىل تەمنى قوشۇپ ، قاينىتىلغاندىن كېيىن تەخمىنەن 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ ، ئاندىن كەپتەر تۇخۇمىنى بىر-بىرلەپ چېقىپ قازانغا سالىمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناۋات ئۇۋاقلىرىنى قازانغا سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرىمىز . ئاچ قورساق ئىستېمال قىلىسا ياخشىراق ، كۈندە بىر قېتىم ، ئۇدا يەتتە كۈن ئىستېمال قىلىش كېرەك . 

ئۈنۈمى : - جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، قاننى كۈچەيتىدۇ . ئۆپكە قۇرغاقلىشىپ يۆتىلىش ، قان ئاجىزلاپ زەئىپلىشىش ، ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىق كېسەللەرگە ماس كېلىدۇ . ياشانغانلار تېنى ئاجىزلارنىڭ تامىقى قىلىشقا بولىدۇ .

ئۆزڭىز ئەڭ يىقىن بىلگەن ئادەملەرگە ئەۋەتىشنى ئۇنۇتماڭ

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ


بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

维语健康网
ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى .
 最新文章